< Zǝbur 117 >

1 Pǝrwǝrdigarni mǝdⱨiyilǝnglar, barliⱪ ǝllǝr; Ⱨǝmmǝ hǝlⱪlǝr, Uni mahtanglar!
پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق ئەللەر؛ ھەممە خەلقلەر، ئۇنى ماختاڭلار!
2 Qünki bizgǝ baƣliƣan ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiti ƣǝlibiliktur; Ⱨǝm Pǝrwǝrdigarning ⱨǝⱪiⱪǝt-sadaⱪiti mǝnggülüktur! Ⱨǝmdusana!
چۈنكى بىزگە باغلىغان ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى غەلىبىلىكتۇر؛ ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى مەڭگۈلۈكتۇر! ھەمدۇسانا!

< Zǝbur 117 >