< Zǝbur 101 >

1 Dawut yazƣan küy: — Mǝn ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbǝt ⱨǝm adalǝt toƣruluⱪ nahxa eytimǝn, Seni, i Pǝrwǝrdigar, nahxilar bilǝn küylǝymǝn.
داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن.
2 Mǝn mukǝmmǝl yolda eⱨtiyat bilǝn ix kɵrimǝn; Sǝn ⱪaqanmu yenimƣa kelisǝn!? Ɵz ɵy-ordamda sap kɵngül bilǝn yürimǝn.
مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن.
3 Ⱨeq pasiⱪ nǝrsini kɵz aldimƣa kǝltürmǝymǝn, Yoldin qǝtnigǝnlǝrning ⱪilmixliriƣa nǝprǝtlinimǝn; Bundaⱪlar manga ⱨeq yepixmas ǝsla.
ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا.
4 Əgri kɵngül meningdin yiraⱪ ketidu, Ⱨeq rǝzillikni tonuƣum yoⱪtur.
ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر.
5 Kimki ɵz yeⱪinining kǝynidin tɵⱨmǝt ⱪilƣan bolsa, Mǝn uni yoⱪitimǝn; Nǝziri üstün, dili tǝkǝbbur adǝmni mǝn siƣdurmaymǝn;
كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛
6 Kɵzlirim zemindiki mɵminlǝrdidur, Ular ordamda mǝn bilǝn billǝ tursun! Kim mukǝmmǝl yolda mangsa, u mening hizmitimdǝ bolidu.
كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ.
7 Aldamqiliⱪ yürgüzgǝnlǝrning ɵy-ordamda orni bolmaydu, Yalƣan sɵzligǝnlǝr kɵz aldimda turmaydu.
ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.
8 Pǝrwǝrdigarning xǝⱨiridin yamanliⱪ ⱪilƣuqilarni üzüp taxlax üqün, Ⱨǝr sǝⱨǝrdǝ zemindiki barliⱪ rǝzil adǝmlǝrni yoⱪitimǝn.
پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن.

< Zǝbur 101 >