< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 6 >

1 I oƣlum, ǝgǝr dostungƣa borun bolƣan bolsang, Yat kixining ⱪǝrzini tɵlǝxkǝ ⱪol berixip wǝdǝ bǝrgǝn bolsang,
ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ،
2 Əgǝr ɵz sɵzüngdin ilinƣan bolsang, Ɵz wǝdǝng bilǝn baƣlinip ⱪalsang,
ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ،
3 U yeⱪiningning ⱪoliƣa qüxkǝnliking üqün, Amal ⱪilip ɵzüngni uningdin ⱪutⱪuz — Dǝrⱨal yeⱪiningning yeniƣa berip, ɵzüngni kǝmtǝr tutup [xu ixtin] haliy ⱪilixini ɵtünüp sora.
ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا.
4 Jǝrǝn xikarqining ⱪolidin ⱪutuluxⱪa tirixⱪandǝk, Ⱪux owqining ⱪolidin qiⱪixⱪa tirixⱪandǝk, Ⱪutulmiƣuqǝ uhlap yatma, Ⱨǝtta ügdǝp arammu alma.
جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما.
5
6 I ⱨurun, qɵmülining yeniƣa berip [uningdin ɵgǝn], Uning tirikqilik yolliriƣa ⱪarap dana bol.
ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول.
7 Ularning baxliⱪi, ǝmǝldari, ⱨɵkümdari yoⱪ bolsimu,
ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ،
8 Lekin ular yazda yilning eⱨtiyaji üqün ax topliwalidu, Ⱨosul pǝslidǝ ozuⱪ tǝyyarliwalidu.
لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ.
9 I ⱨurun, ⱪaqanƣiqǝ uhlap yatisǝn? Ⱪaqan ornungdin turisǝn?
ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟
10 Sǝn: — Birdǝm kɵz yumuwalay, birdǝm uhliwalay, Birdǝm ⱪolumni ⱪoxturup yetiwalay, — dǝysǝn.
سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن.
11 Lekin uhlap yatⱪanda, miskinlik ⱪaraⱪqidǝk kelip seni basidu, Yoⱪsulluⱪ huddi ⱪoralliⱪ bulangqidǝk ⱨujumƣa ɵtidu.
لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.
12 Ərzimǝs, pǝyli buzuⱪ adǝm ⱨǝmmila yǝrdǝ yalƣan eytip, pǝslikni sɵzlǝydu.
ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ.
13 U kɵz ⱪisip, Putliri bilǝn ixarǝ ⱪilip, Barmaⱪliri bilǝn kɵrsitidu;
ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛
14 Kɵnglidǝ aldamqiliⱪla yatidu, U daim rǝzillikning koyida bolidu, Ⱨǝmmila yǝrdǝ jedǝl-majira teriydu.
كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ.
15 Xunga uningƣa bekitilgǝn bala-ⱪaza uni tuyuⱪsiz basidu, U biraⱪla dawaliƣusiz yanjilidu.
شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ.
16 Pǝrwǝrdigar nǝprǝtlinidiƣan altǝ nǝrsǝ bar, Bǝrⱨǝⱪ, yǝttǝ nǝrsǝ Uningƣa yirginqliktur.
پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.
17 Ular bolsa, Tǝkǝbburluⱪ bilǝn ⱪaraydiƣan kɵz, Yalƣan sɵzlǝydiƣan til, Bigunaⱨlarning ⱪenini tɵküzidiƣan ⱪol,
ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول،
18 Suyiⱪǝst oylaydiƣan kɵngül, Yamanliⱪ ⱪilixⱪa tez yügürǝydiƣan putlar,
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار،
19 Yalƣan sɵzlǝydiƣan sahta guwaⱨqi, Buradǝr-ⱪerindaxliri arisiƣa bɵlgünqilik salƣuqi kixidur.
يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر.
20 I oƣlum, atangning ǝmrigǝ ǝmǝl ⱪil; Anangning kɵrsǝtmisidin qiⱪma.
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما.
21 Ularning sɵzini ⱪǝlbinggǝ tengip, Ularni boynungƣa marjandǝk ⱪilip esiwal.
ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال.
22 Yolƣa qiⱪⱪiningda ular seni yetǝklǝydu, Uhliƣiningda ular seni saⱪlaydu, Uyⱪudin oyƣanƣiningda ular seni hǝwǝrlǝndüridu.
يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.
23 Qünki [Hudaning] pǝrmani yoruⱪ qiraƣ, Uning muⱪǝddǝs ⱪanuni nurdur; Tǝrbiyǝning tǝnbiⱨliri bolsa ⱨayatliⱪ yolidur.
چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.
24 Ular seni buzuⱪ hotundin saⱪliƣuqi, Yat hotunning xerin sɵzliridin yiraⱪ ⱪilƣuqidur.
ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر.
25 Uning guzǝllikigǝ kɵnglüngni baƣlimiƣin, Uning ⱪax-kɵz oynitixi seni ǝsirgǝ almisun.
ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن.
26 Qünki buzuⱪ ayallar tüpǝylidin adǝmlǝr bir parqǝ nanƣimu zar bolidu, Yat adǝmning [zinahor] ayali bolsa kixining ⱪimmǝtlik jenini ɵzigǝ ow ⱪiliwalidu.
چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ.
27 Otni ⱪoynungƣa salsang, Ɵz kiyimingni kɵydürmǝmsǝn?
ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟
28 Qoƣning üstidǝ dǝssǝp mangsang putungni kɵydürmǝmsǝn?
چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟
29 Baxⱪilarning ayali bilǝn bir orunda yatidiƣan kixi xundaⱪ bolidu; Kim uningƣa tegip kǝtsǝ aⱪiwitidin ⱪutulalmaydu.
باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
30 Aq ⱪalƣanda ⱪorsiⱪini toyƣuzux üqün oƣriliⱪ ⱪilƣan kixini baxⱪilar kǝmsitmǝydu;
ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛
31 Xundaⱪ turuⱪluⱪ u tutulup ⱪalsa, Igisigǝ yǝttini tɵlǝxkǝ toƣra kelidu; U ɵz ɵyidiki ⱨǝmmǝ nǝrsisini tapxuridu.
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ.
32 Ⱨalbuki, baxⱪilarning hotuni bilǝn zina ⱪilƣuqi uningdinmu [bǝttǝr bolup], tolimu ƣǝplǝtliktur; Undaⱪ ⱪilƣuqi ɵz-ɵzini ⱨalak ⱪilidu.
ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.
33 U zǝhmǝt yǝydu, xǝrmǝndǝ bolidu, Uning rǝswasi ⱨeq ɵqürülmǝydu.
ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ.
34 Qünki künlǝx oti ǝrni dǝrƣǝzǝpkǝ kǝltüridu, Intiⱪam alƣan künidǝ u ⱨeq rǝⱨim ⱪilmaydu.
چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ.
35 Tɵlǝm puli berǝy desǝngmu u ⱪobul ⱪilmaydu, Ⱨǝrⱪanqǝ sowƣa-salam bǝrsǝngmu uni besiⱪturƣili bolmaydu.
تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 6 >