< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 30 >

1 Tɵwǝndikilǝr Yakǝⱨning oƣli Agurƣa wǝⱨiy bilǝn kǝlgǝn sɵzlǝrdur: Bu adǝm Itiyǝlgǝ, yǝni Itiyǝl bilǝn Ukalƣa mundaⱪ sɵzlǝrni degǝn: —
تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ
2 Mǝn dǝrwǝⱪǝ insanlar arisidiki ǝng nadini, ⱨaywanƣa ohxaxturmǝn; Mǝndǝ insan ǝⱪli yoⱪ.
مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ مەندە ئىنسان ئەقلى يوق.
3 Danaliⱪni ⱨeq ɵgǝnmidim; Əng Pak-Muⱪǝddǝs Bolƣuqi ⱨǝⱪⱪidimu sawatim yoⱪtur.
دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر.
4 Kim ǝrxkǝ kɵtürülgǝn, yaki ǝrxtin qüxkǝn? Kim xamalni ⱪollirida tutⱪan? Kim sularni Ɵz toniƣa yɵgǝp ⱪoyƣan? Kim yǝr-zeminning qegralirini bǝlgiligǝn? Uning ismi nemǝ? Uning Oƣlining ismi nemǝ? Bilǝmsǝn-yoⱪ?
كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟
5 Tǝngrining ⱨǝrbir sɵzi sinilip ispatlinip kǝlgǝndur; U Ɵzigǝ tayanƣanlarning ⱨǝmmisini ⱪoƣdaydiƣan ⱪalⱪandur.
تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر.
6 Uning sɵzlirigǝ ⱨeq nǝrsǝ ⱪoxma; Undaⱪ ⱪilsang, U seni ǝyiblǝydu, Sening yalƣanqiliⱪing axkarilinidu.
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ.
7 I [Hudayim], Sǝndin ikki nǝrsini tilǝymǝn; Mǝn ɵlgüqǝ bularni mǝndin ayimiƣaysǝn: —
ئى [خۇدايىم]، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ
8 Sahtiliⱪ wǝ yalƣanqiliⱪni mǝndin yiraⱪ ⱪilƣaysǝn; Meni gadaymu ⱪilmay, baymu ⱪilmay, bǝlki eⱨtiyajimƣa layiⱪla riziⱪ bǝrgǝysǝn.
ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن.
9 Qünki ziyadǝ toyup kǝtsǝm, Sǝndin yenip: «Pǝrwǝrdigar degǝn kim?» — dǝp ⱪelixim mumkin. Yaki gaday bolup ⱪalsam, oƣriliⱪ ⱪilip, Sǝn Hudayimning namiƣa daƣ kǝltürüxim mumkin.
چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن.
10 Hojayinining aldida uning ⱪuli üstidin xikayǝt ⱪilma, Bolmisa u seni ⱪarƣap lǝnǝt ⱪilidu, ǝyibkar bolisǝn.
خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن.
11 Ɵz atisini ⱪarƣaydiƣan, Ɵz anisiƣa bǝht tilimǝydiƣan bir dǝwr bar,
ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار،
12 Ɵzini pak qaƣlaydiƣan, ǝmǝliyǝttǝ mǝynǝtqilikidin ⱨeq yuyulmiƣan bir dǝwr bar,
ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار،
13 Bir dǝwr bar — aⱨ, kibirlikidin nǝziri nemidegǝn üstün, Ⱨakawurluⱪidin ⱨali nemidegǝn qong!
بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!
14 Uning ajizlar wǝ yoⱪsullarni yalmap yutuwetidiƣan qixliri ⱪiliqtǝk, Eziⱪ qixliri piqaⱪtǝk bolƣan bir dǝwr bar!
ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار!
15 Zülükning ikki ⱪizi bar, ular ⱨǝrdaim: «Bǝrgin, bǝrgin» dǝp towlixar. Ⱨǝrgiz toyunmaydiƣan üq nǝrsǝ bar, ⱨǝrgiz ⱪanaǝtlǝnmǝydiƣan tɵt nǝrsǝ bar, ular bolsimu: —
زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ
16 Gɵr, tuƣmas hotunning ⱪarni, Suƣa toyunmiƣan ⱪurƣaⱪ Yǝr. Wǝ ⱨǝrgiz «boldi, toydum» demǝydiƣan ottin ibarǝt. (Sheol h7585)
گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. (Sheol h7585)
17 Atisini mǝshirǝ ⱪilidiƣan, Anisini kǝmsitidiƣan kɵzni bolsa, Ⱪaƣa-ⱪuzƣunlar qoⱪular, Bürkütning balilirimu uni yǝr.
ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر.
18 Mǝn üqün intayin tilsimat üq nǝrsǝ bar; Xundaⱪ, mǝn qüxinǝlmǝydiƣan tɵt ix bar: —
مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ
19 Bürkütning asmandiki uqux yoli, Yilanning taxta beƣirlap mangidiƣan yoli, Kemining dengizdiki yoli wǝ yigitning ⱪizƣa axiⱪ boluxtiki yolidur.
بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر.
20 Zinahor hotunning yolimu xundaⱪtur; U bir nemini yǝp bolup aƣzini sürtiwǝtkǝn kixidǝk: «Mǝn ⱨeqⱪandaⱪ yamanliⱪni ⱪilmidim!» — dǝydu.
زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ.
21 Yǝr-zemin üq nǝrsǝ astida biaram bolar; U kɵtürǝlmǝydiƣan tɵt ix bar: —
يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ
22 Padixaⱨ bolƣan ⱪul, Tamaⱪⱪa toyƣan ⱨamaⱪǝt,
پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت،
23 Nǝprǝtkǝ patⱪan, ǝrgǝ tǝgkǝn hotun, Ɵz hanimining ornini basⱪan dedǝk.
نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك.
24 Yǝr yüzidǝ teni kiqik, lekin intayin ǝⱪilliⱪ tɵt hil janiwar bar: —
يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ
25 Qɵmülilǝr küqlük hǝlⱪ bolmisimu, biraⱪ yazda ozuⱪ tǝyyarliwelixni bilidu;
چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛
26 Suƣurlar ɵzi ajiz bir ⱪowm bolsimu, hada taxlarning arisiƣa uwa salidu;
سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛
27 Qekǝtkilǝrning padixaⱨi bolmisimu, lekin ⱪatar tizilip rǝtlik mangidu;
چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛
28 Kǝslǝnqükni ⱪol bilǝn tutuwalƣili bolidu, Lekin han ordilirida yaxaydu.
كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ.
29 Ⱪǝdǝmliri ⱨǝywǝtlik üq janiwar bar, Kixigǝ zoⱪ berip mangidiƣan tɵt nǝrsǝ bar: —
قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ
30 Ⱨaywanatlar iqidǝ ǝng küqlük, ⱨeq nemidin ⱪorⱪmas xir,
ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر،
31 Zilwa bǝygǝ iti, Tekǝ, Wǝ puⱪraliri ⱪollaydiƣan padixaⱨdur.
زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر.
32 Əgǝr sǝn ǝhmǝⱪliⱪ ⱪilip ɵzüngni bǝk yuⱪiri orunƣa ⱪoyuwalƣan bolsang, Wǝ yaki tǝlwǝ bir oyda bolƣan bolsang, Ⱪolung bilǝn aƣzingni yum!
ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!
33 Kala süti ⱪoqulsa seriⱪ may qiⱪar; Birining burni mijilsa, ⱪan qiⱪar; Adawǝt ⱪozƣap intiⱪam oylisa jedǝl-majira qiⱪar.
كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 30 >