< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 29 >

1 Ⱪayta-ⱪayta ǝyiblinip turup yǝnǝ boyni ⱪattiⱪliⱪ ⱪilƣan kixi, Tuyuⱪsizdin dawaliƣusiz yanjilar.
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
2 Ⱨǝⱪⱪaniylar güllǝnsǝ, puⱪraliri xadlinar, Ⱪǝbiⱨlǝr ⱨoⱪuⱪ tutsa puⱪra nalǝ-pǝryad kɵtürǝr.
ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر.
3 Danaliⱪni sɵygǝn oƣul atisini hux ⱪilar; Biraⱪ paⱨixilǝrgǝ ⱨǝmraⱨ bolƣan uning mal-mülkini buzup-qaqar.
دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار.
4 Padixaⱨ adalǝt bilǝn yurtini tinq ⱪilar; Biraⱪ baj-seliⱪ salƣan bolsa, uni wǝyran ⱪilar.
پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.
5 Ɵz yeⱪiniƣa huxamǝt ⱪilƣan kixi, Uning putliriƣa tor tǝyyarlap ⱪoyƣandur.
ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.
6 Rǝzil adǝmning gunaⱨi ɵzigǝ ⱪapⱪan yasap ⱪurar; Biraⱪ ⱨǝⱪⱪaniy kixi nahxilar bilǝn xadlinar.
رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.
7 Ⱨǝⱪⱪaniy kixi miskinning dǝwasiƣa kɵngül bɵlür; Biraⱪ yamanlar bolsa bu ixni qüxǝnmǝs.
ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس.
8 Ⱨakawur kixilǝr xǝⱨǝrni ⱪutritip dawalƣutar; Biraⱪ aⱪilanilǝr aqqiⱪ ƣǝzǝplǝrni yandurar.
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
9 Dana kixi ǝhmǝⱪ bilǝn dǝwalaxsa, Əhmǝⱪ ⱨürpiyidu yaki külidu, nǝtijisi ⱨaman tinqliⱪ bolmas.
دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس.
10 Ⱪanhorlar pak-diyanǝtliklǝrgǝ nǝprǝtlinǝr; Duruslarning jenini bolsa, ular ⱪǝstlǝr.
قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر.
11 Əhmǝⱪ ⱨǝrdaim iqidiki ⱨǝmmini axkara ⱪilar; Biraⱪ dana ɵzini besiwalar.
ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار.
12 Ⱨɵkümdar yalƣan sɵzlǝrgǝ ⱪulaⱪ salsa, Uning barliⱪ hizmǝtkarliri yaman ɵgǝnmǝy ⱪalmas.
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.
13 Gaday bilǝn uni ǝzgüqi kixi bir zeminda yaxar; Ⱨǝr ikkisining kɵzini nurlandurƣuqi Pǝrwǝrdigardur.
گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.
14 Yoⱪsullarni diyanǝt bilǝn soriƣan padixaⱨning bolsa, Tǝhti mǝnggügǝ mǝⱨkǝm turar.
يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.
15 Tayaⱪ bilǝn tǝnbiⱨ-nǝsiⱨǝt balilarƣa danaliⱪ yǝtküzǝr; Biraⱪ ɵz mǝyligǝ ⱪoyup berilgǝn bala anisini hijalǝtkǝ ⱪaldurar.
تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
16 Yamanlar güllinip kǝtsǝ, naⱨǝⱪlik kɵpiyǝr; Lekin ⱨǝⱪⱪaniylar ularning yiⱪilƣinini kɵrǝr.
يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.
17 Oƣlungni tǝrbiyǝlisǝng, u seni aram tapⱪuzar; U kɵnglüngni sɵyündürǝr.
ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر.
18 [Pǝrwǝrdigarning] wǝⱨiysi bolmiƣan ǝlning puⱪraliri yoldin qiⱪip baxpanaⱨsiz ⱪalar; Lekin Tǝwrat-ⱪanuniƣa ǝmǝl ⱪilidiƣan kixi bǝhtliktur.
[پەرۋەردىگارنىڭ] ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.
19 Ⱪulni sɵz bilǝnla tüzǝtkili bolmas; U sɵzüngni qüxǝngǝn bolsimu, etibar ⱪilmas.
قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.
20 Aƣzini basalmaydiƣan kixini kɵrgǝnmu? Uningdin ümid kütkǝndin, ǝhmǝⱪtin ümid kütüx ǝwzǝldur.
ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.
21 Kimki ɵz ⱪulini kiqikidin tartip ɵz mǝyligǝ ⱪoyup bǝrsǝ, Künlǝrning biridǝ uning bexiƣa qiⱪar.
كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار.
22 Terikkǝk kixi jedǝl-majira ⱪozƣap turar; Asan aqqiⱪlinidiƣan kixining gunaⱨliri kɵptur.
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.
23 Mǝƣrurluⱪ kixini pǝs ⱪilar, Biraⱪ kǝmtǝrlik kixini ⱨɵrmǝtkǝ erixtürǝr.
مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.
24 Oƣri bilǝn xerik bolƣan kixi ɵz jeniƣa düxmǝndur; U soraⱪqining [guwaⱨ berixkǝ] agaⱨlanduruxini anglisimu, lekin rast gǝp ⱪilixⱪa petinalmas.
ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ [گۇۋاھ بېرىشكە] ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس.
25 Insan balisidin ⱪorⱪux adǝmni tuzaⱪⱪa qüxüridu; Biraⱪ kimki Pǝrwǝrdigarƣa tayanƣan bolsa, u bihǝtǝr kɵtürülǝr.
ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر.
26 Kɵp kixilǝr ⱨɵkümdardin iltipat izdǝp yürǝr; Biraⱪ adǝmning ⱨǝⱪ-rizⱪi pǝⱪǝt Pǝrwǝrdigarningla ⱪolididur.
كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.
27 Naⱨǝⱪlǝr ⱨǝⱪⱪaniylarƣa yirginqliktur; Durus yolda mangƣan kixilǝr yamanlarƣa yirginqliktur.
ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 29 >