< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 27 >

1 Ətiki kününg toƣruluⱪ mahtanma, Qünki bir küni nemǝ bolidiƣiningnimu bilmǝysǝn.
ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن.
2 Seni baxⱪilar mahtisun, ɵz aƣzing mundaⱪ ⱪilmisun, Yat adǝm seni mahtisun, ɵz lǝwliring undaⱪ ⱪilmisun.
سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن.
3 Tax eƣir, ⱪum heli jing basar, Biraⱪ ǝhmǝⱪ kǝltüridiƣan hapiqiliⱪ ikkisidin tehimu eƣirdur.
تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر.
4 Ƣǝzǝp rǝⱨimsizdur, Ⱪǝⱨr bolsa kǝlkündǝk adǝmni eⱪitip ketǝr, Biraⱪ kim ⱨǝsǝthorluⱪ aldida taⱪabil turalisun?
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟
5 Axkara ǝyiblǝx yoxurun muⱨǝbbǝttin ǝladur.
ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.
6 Dostning ⱪolidin yegǝn zǝhimlǝr sadiⱪliⱪtin bolidu; Biraⱪ düxmǝnning sɵyüxliri ⱨiyligǝrliktur.
دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.
7 Toⱪ kixi ⱨǝsǝl kɵnikidinmu bizardur, Aq kixigǝ ⱨǝrⱪandaⱪ aqqiⱪ nǝrsimu tatliⱪ bilinǝr.
توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر.
8 Yurt makanidin ayrilƣan kixi, Uwisidin ayrilip yürgǝn ⱪuxⱪa ohxar.
يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار.
9 Ətir wǝ huxbuy kɵngülni aqar, Jan kɵyǝr dostning sǝmimiy mǝsliⱨǝti kixini riƣbǝtlǝndürǝr. Jan kɵyǝr dostning sǝmimiy, huxhuy mǝsliⱨǝti kixini hux ⱪilur.
ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر.
10 Ɵz dostungni, atangning dostinimu untuma; Bexingƣa kün qüxkǝndǝ ⱪerindixingning ɵyigǝ kirip yelinma; Yeⱪindiki dost, yiraⱪtiki ⱪerindaxtin ǝla.
ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا.
11 I oƣlum, dana bol, kɵnglümni hux ⱪil, Xundaⱪ ⱪilƣiningda meni mǝshirǝ ⱪilidiƣanlarƣa jawab berǝlǝymǝn.
ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن.
12 Zerǝk kixi bala-ⱪazani aldin kɵrüp ⱪaqar; Saddilar aldiƣa berip ziyan tartar.
زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.
13 Yatⱪa kepil bolƣan kixidin ⱪǝrzgǝ tonini tutup alƣin; Yat hotunƣa kapalǝt bǝrgǝn kixidin kapalǝt puli al.
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
14 Ⱪaⱪ sǝⱨǝrdǝ turup, yuⱪiri awazda dostiƣa bǝht tiligǝnlik, Ɵzini ⱪarƣax ⱨesablinar.
قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار.
15 Yamƣurluⱪ kündiki tohtimay qüxkǝn tamqǝ-tamqǝ yeƣin, Wǝ soⱪuxⱪaⱪ hotun bir-birigǝ ohxaxtur.
يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر.
16 Uni tizgǝnlǝx boranni tosⱪanƣa, Yaki yaƣni ong ⱪol bilǝn qanggalliƣanƣa ohxaxtur.
ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر.
17 Tɵmürni tɵmürgǝ bilisǝ ɵtkürlǝxkǝndǝk, Dostlarmu bir-birini ɵtkürlǝxtürǝr.
تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر.
18 Ənjür kɵqitini pǝrwix ⱪilƣuqi uningdin ǝnjür yǝydu; Hojayinini asrap kütkǝn ⱪul izzǝt tapidu.
ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ.
19 Suda adǝmning yüzi ǝks ǝtkǝndǝk, Insanning ⱪǝlbining ⱪandaⱪliⱪi ɵz yenidiki kixi arⱪiliⱪ bilinǝr.
سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر.
20 Tǝⱨtisara wǝ ⱨalakǝt ⱨǝrgiz toymiƣandǝk, Adǝmning [aq] kɵzliri ⱪanaǝt tapmas. (Sheol h7585)
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ [ئاچ] كۆزلىرى قانائەت تاپماس. (Sheol h7585)
21 Sapal ⱪazan kümüxni, qanaⱪ altunni tawlar, Adǝm bolsa mahtalƣanda sinilar.
ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار.
22 Əhmǝⱪni buƣday bilǝn birgǝ sǝndǝldǝ talⱪan ⱪilip soⱪsangmu, Əhmǝⱪliⱪi yǝnila uningda turar.
ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار.
23 Padiliringning ǝⱨwalini obdan bilip tur, Mal-waranliringdin yahxi hǝwǝr al;
پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛
24 Qünki bayliⱪning mǝnggü kapaliti bolmas, Taj-tǝhtmu dǝwrdin-dǝwrgiqǝ turamdu?
چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟
25 Ⱪuruƣan qɵplǝr orulƣandin keyin, Yumran qɵplǝr ɵsüp qiⱪⱪanda, Taƣ baƣridinmu yawayi qɵplǝr yiƣilƣanda,
قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا،
26 Xu qaƣda ⱪozilarning yungliri ⱪirⱪilip kiyiming bolar; Ɵqkilǝrni satⱪan pulƣa bir etiz kelǝr,
شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر،
27 Ⱨǝmdǝ ɵqkilǝrning sütliri sening ⱨǝm ailidikiliringning ozuⱪluⱪini, Dedǝkliringning ⱪorsiⱪini tǝminlǝxkimu yetǝr.
ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 27 >