< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 22 >

1 Yahxi nam zor bayliⱪⱪa igǝ boluxtin ǝwzǝl; Ⱪǝdir-ⱪimmǝt altun-kümüxtin üstündur.
ياخشى نام زور بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەۋزەل؛ قەدىر-قىممەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئۈستۈندۇر.
2 Gaday bilǝn bay bir zeminda yaxar; Ⱨǝr ikkisini yaratⱪan Pǝrwǝrdigardur.
گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.
3 Zerǝk kixi bala-ⱪazani aldin kɵrüp ⱪaqar; Saddilar aldiƣa berip ziyan tartar.
زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.
4 Ɵzini tɵwǝn tutup, Pǝrwǝrdigardin ǝyminixning bǝrikiti — bayaxatliⱪ, izzǝt-ⱨɵrmǝt wǝ ⱨayattur.
ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ بەرىكىتى ــ باياشاتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھاياتتۇر.
5 Ⱨiyligǝrlǝrning yolida tikǝnlǝr, tuzaⱪlar yatar; Ɵz yoliƣa ⱨezi bolƣan kixi ulardin yiraⱪ bolar.
ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.
6 Baliƣa kiqikidǝ mijǝzigǝ ⱪarap durus tǝrbiyǝ bǝrsǝng, Qong bolƣanda u xu yoldin qiⱪmas.
بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.
7 Baylar miskinlǝrni baxⱪurur; Ⱪǝrzdar ⱪǝrz igisining ⱪulidur.
بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر.
8 Naⱨǝⱪliⱪ uruⱪini qaqⱪanning alidiƣan ⱨosuli balayi’apǝttur; Uning ƣǝzǝp-ⱨǝywisi qüxǝr.
ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر.
9 Sehiy adǝm bǝrikǝt tapar; Qünki u miskinlǝrgǝ ɵz nenidin bɵlüp bǝrgüqidur.
سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.
10 Ⱨakawurni ⱪoƣliwǝtsǝng, jedǝl-majira besilar; Kelixmǝsliklǝr wǝ xǝrmǝndiqiliklǝr tügǝr.
ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
11 Pak niyǝtni ⱪǝdirlǝydiƣan kixining sɵzliri güzǝldur; Xunga padixaⱨ uning bilǝn dost bolar.
پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.
12 Pǝrwǝrdigarning kɵzi ilim-ⱨǝⱪiⱪǝtni saⱪlar; U iplaslarning sɵzlirini eqip taxlap bikar ⱪilar.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛ ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار.
13 Ⱨurun adǝm: «Taxⱪirida bir xir turidu, Koqiƣa qiⱪsam ɵltürülimǝn!» — dǝydu.
ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.
14 Zinahor ayalning aƣzi qongⱪur bir oridur; Pǝrwǝrdigar narazi bolƣan kixi uningƣa qüxüp ketǝr.
زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.
15 Nadanliⱪ sǝbiy balilarning ⱪǝlbigǝ baƣlaƣliⱪtur; Biraⱪ tǝrbiyǝ tayiⱪi buni uningdin yiraⱪ ⱪilar.
نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.
16 Miskinlǝrni ezix bilǝn bay bolƣan, Wǝ baylarƣa sowƣat sunidiƣan kixi, Ahiri pǝⱪǝt yoⱪsulluⱪta ⱪalar.
مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان، ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى، ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار.
17 Ⱪulaⱪ sal, sanga aⱪilanilǝrning sɵzlirini ɵgitǝy; Kɵngül ⱪoyup bilimimni ɵgǝngin.
قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن.
18 Ularni ⱪǝlbingdǝ qing tutsang, Ular sanga xerin bolar, Lǝwliringdǝ sǝp bolup tǝyyar turidu.
ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ، ئۇلار ساڭا شېرىن بولار، لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ.
19 Qin ⱪǝlbing bilǝn Pǝrwǝrdigarƣa tayinixing üqün, Bügün [bu ⱨekmǝtlik sɵzlǝrni] baxⱪa birsigǝ ǝmǝs, Bǝlki sanga yǝtküzdum.
چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن [بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى] باشقا بىرسىگە ئەمەس، بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم.
20 Uningdin mana ottuzni yazdim, Buning iqidǝ nǝsiⱨǝtlǝr ⱨǝm bilim bar.
ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار.
21 Bular bilǝn ⱨǝⱪiⱪǝtning sɵzlirining dǝrwǝⱪǝ ⱨǝⱪiⱪǝt ikǝnlikini bilǝlǝysǝn, Wǝ xundaⱪ ⱪilip seni ǝwǝtküqilǝrgǝ ⱨǝⱪiⱪǝtning sɵzliri bilǝn jawab ⱪayturalaysǝn.
بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن.
22 Yoⱪsuldin bulap alma, u kǝmbǝƣǝl tursa, Ajiz mɵminlǝrni soraⱪ ornida bozǝk ⱪilma.
يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما.
23 Qünki Pǝrwǝrdigar ularning dǝwasini kɵtürǝr, Ulardin bulap alƣanlardin bulap alar.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار.
24 Mijǝzi ittik adǝm bilǝn dost bolma, Ⱪǝⱨrlik adǝm bilǝn arilaxma,
مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
25 Bolmisa, uning yaman yolini ɵginip ⱪelip, ⱪiltaⱪⱪa qüxisǝn.
بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن.
26 Baxⱪilarƣa [kepil bolup] ⱪol bǝrgüqilǝrdin bolma, Ⱪǝrzlǝrni tɵlǝxkǝ kapalǝt bǝrgüqilǝrdin bolma;
باشقىلارغا [كېپىل بولۇپ] قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛
27 Sening ⱪayturaliƣudǝk nǝrsǝng bolƣan bolsa, Ular orun-kɵrpiliringni bikardin-bikar astingdin elip kǝtmigǝn bolatti!
سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!
28 Ata-bowiliring pasilni bǝlgilǝp bǝrgǝn kona qegra taxlirini yɵtkimǝ.
ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە.
29 Ixni ǝstayidil wǝ qaⱪⱪan bejiridiƣan kixini kɵrgǝnmiding? U pǝs adǝmlǝrning hizmitidǝ bolmas; Padixaⱨlarning aldida turar.
ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 22 >