< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 18 >

1 Kɵpqiliktin ayrilip yalƣuz yürgǝn kixi ⱨaman ɵz nǝpsigǝ qoƣ tartar; Ⱨǝrⱪandaⱪ qin ⱨekmǝtkǝ ⱨaman jan-jǝⱨli bilǝn ⱪarxi qiⱪar.
كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار.
2 Əhmǝⱪ yorutuluxⱪa ⱪiziⱪmas; Ⱪiziⱪidiƣini pǝⱪǝt ɵz oyliƣanlirini kɵrsitixla, halas.
ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛ قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس.
3 Yaman kixi kǝlsǝ, nǝprǝtmu pǝyda bolar; Nomussiz ix iza-aⱨanǝttin ayrilmas.
يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛ نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس.
4 Adǝmning sɵzliri qongⱪur sularƣa ohxar; Danaliⱪ buliⱪi eriⱪ süyidǝk ɵrkǝxlǝp aⱪar.
ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛ دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار.
5 Yamanƣa yan besixⱪa, Soraⱪta ⱨǝⱪⱪaniyƣa uwal ⱪilixⱪa ⱪǝt’iy bolmas.
يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس.
6 Əhmǝⱪning lǝwliri uni jedǝlgǝ baxlar; Uning aƣzi «Meni dumbala» dǝp tǝklip ⱪilar.
ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار.
7 Əhmǝⱪning aƣzi ɵz bexiƣa ⱨalakǝttur; Uning lǝwliri ɵz jeniƣa ⱪapⱪandur.
ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.
8 Ƣǝywǝthorning sɵzliri ⱨǝrhil nazunemǝtlǝrdǝk, Kixining ⱪǝlbigǝ qongⱪur singdürülǝr.
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.
9 Ixida ⱨurun bolƣan kiximu, Buzƣunqi bilǝn ülpǝtdax bolidu.
ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ.
10 Pǝrwǝrdigarning nami mǝzmut munardur; Ⱨǝⱪⱪaniylar uning iqigǝ yügürüp kirip yuⱪirida aman bolar.
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار.
11 Bay adǝm mal-dunyasini «mustǝⱨkǝm xǝⱨirim» dǝp bilǝr; Nǝziridǝ ɵzini saⱪlaydiƣan egiz sepildǝk turar.
باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار.
12 Bitqit boluxtin awwal, kɵngülgǝ tǝkǝbburluⱪ kelǝr; Awwal kǝmtǝrlik bolsa, andin xɵⱨrǝt kelǝr.
بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.
13 Sɵzni anglimay turup, aldirap jawab bǝrgǝn, Əhmǝⱪliⱪini kɵrsitip ɵzini hijalǝttǝ ⱪaldurur.
سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر.
14 Tǝndiki aƣriⱪ azabiƣa adǝmning ɵz roⱨi bǝrdaxliⱪ bǝrgüzǝr; Biraⱪ roⱨi sunƣan bolsa uni kim kɵtürǝr?
تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟
15 Yorutulƣanning ⱪǝlbi bilimgǝ erixmǝktǝ, Aⱪilanining ⱪulaⱪliri bilimni izdimǝktǝ.
يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە.
16 Sowƣat ɵz igisigǝ ixikni daƣdam eqip berǝr; Uni qong ǝrbablar aldiƣa yǝtküzǝr.
سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر.
17 Dǝwa ⱪilƣanda, awwal sɵzligüqining sɵzliri orunluⱪ kɵrünǝr; Lekin ⱪarxi tǝrǝp soal ⱪoyup ixni sürüxtürǝr.
دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر.
18 Qǝk taxlax jedǝllǝrni tügitǝr; Ƣojilarning arisidiki ixnimu ⱨǝl ⱪilar.
چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار.
19 Rǝnjigǝn ⱪerindaxning kɵnglini elix mustǝⱨkǝm xǝⱨǝrni elixtinmu tǝs; Jedǝl-majira ⱪorƣanning taⱪaⱪ-baldaⱪliriƣa ohxaxtur.
رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر.
20 Adǝm [durus] sɵzligǝnlikidin ⱪorsiⱪi toⱪ bolar; Ɵz kɵnglidin qiⱪⱪan sɵzliridin mol ⱨosul alar.
ئادەم [دۇرۇس] سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار.
21 Ⱨayat-mamat tilning ilkididur; Kimki uning tǝsirini ǝtiwarlisa uning mewisidin yǝr.
ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر.
22 Hotunni tallap alƣan kixi yahxiliⱪ tapidu, U Pǝrwǝrdigarning mǝrⱨimitigǝ erixkǝn bolidu.
خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
23 Miskinlǝr pǝs awazda yelinip sɵzlǝr; Bay bolsa ⱪopalliⱪ bilǝn jawab berǝr.
مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛ باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر.
24 Dostni kɵp tutⱪan kixi harab bolar; Lekin ⱪerindaxtinmu yeⱪin baƣlanƣan bir dost bardur.
دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر.

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 18 >