< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 11 >

1 Yalƣan taraza Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Adil jing texi Uni hursǝn ⱪilar.
يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار.
2 Tǝkǝbburluⱪ bilǝn birgǝ xǝrmǝndiqilik ǝgixip kelǝr; Lekin danaliⱪ kiqik peillarƣa ⱨǝmraⱨ bolar.
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.
3 Toƣrilarning sǝmimiyliki ɵzini yetǝklǝr; Lekin kazzaplarning ǝgriliki ɵzini wǝyran ⱪilar.
توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار.
4 Hudaning ƣǝzǝp künidǝ mal-dunyaning paydisi bolmas; Lekin ⱨǝⱪⱪaniyǝt adǝmni ɵlümdin ⱪutⱪuzar.
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.
5 Kamil adǝmning ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi ɵzini tüz yolƣa baxlar; Yaman adǝm ɵz yamanliⱪidin yiⱪilar.
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
6 Durus adǝmlǝrning ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi ɵzlirini ⱪutⱪuzar; Lekin kazzaplar ɵz ⱨiylǝ-nǝyringidin tutular.
دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار.
7 Rǝzil adǝm ɵlsǝ, uning ümidi yoⱪⱪa qiⱪar; Gunaⱨkarning ümidi ahiri ⱪuruⱪ ⱪalar.
رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار.
8 Ⱨǝⱪⱪaniy adǝm ⱪiyinqiliⱪtin haliy ⱪilinar; Rǝzil adǝm uning orniƣa tutular.
ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار.
9 Munapiⱪlar ɵz aƣzi bilǝn yeⱪinini buzar; Lekin ⱨǝⱪⱪaniylar bilimi bilǝn ⱪutⱪuzular.
مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10 Ⱨǝⱪⱪaniy adǝm ronaⱪ tapsa, xǝⱨǝr hux bolar; Rǝzil adǝm ⱨalak bolsa, hǝlⱪ tǝntǝnǝ ⱪilar.
ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار.
11 Toƣrilarning bǝrikǝt tilǝxliri bilǝn xǝⱨǝr güllinǝr; Lekin rǝzillǝrning tili bilǝn wǝyran bolar.
توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.
12 Ɵz yeⱪinini sɵkidiƣan kixi — ǝⱪilsizdur; Əmma yorutulƣan adǝm aƣzini yiƣar.
ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار.
13 Gǝp toxuƣuqi mǝhpiyǝtlǝrni axkarilar; Sadiⱪ adǝm amanǝtkǝ hiyanǝt ⱪilmas.
گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس.
14 Yolyoruⱪ kǝm bolsa, ǝl-yurt yiⱪilar; Uluƣ bir mǝsliⱨǝtqi bolsa, ǝl nijat tapar.
يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار.
15 Yatⱪa borun bolƣan kixi ziyan tartmay ⱪalmas; Ⱪol berixip kepil boluxni yaman kɵrgǝn kixining ⱪuliⱪi tinq bolar.
ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار.
16 Xapaǝtlik ayal izzǝt-ⱨɵrmǝtni ⱪoldin bǝrmǝs; Zorawanlar bayliⱪni ⱪoldin bǝrmǝs.
شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس.
17 Rǝⱨimdil ɵz-ɵzigǝ bǝht yaritar; Rǝⱨimsiz ɵz tenini aƣritar.
رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار.
18 Yaman adǝmlǝrning alƣan ix ⱨǝⱪⱪi ularni aldar, bǝrikǝtsiz bolar; Əmma ⱨǝⱪⱪaniyǝt teriƣuqi adǝm ǝmǝliy in’am alar.
يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار.
19 Ⱨǝⱪⱪaniyǝt adǝmgǝ ⱨayatliⱪ tapⱪuzar; Yamanliⱪni kɵzlǝp yüridiƣan kixi ɵlümgǝ yüz tutar.
ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار.
20 Niyiti buzuⱪ kixi Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Əmma yoli diyanǝtlik kixilǝr uning hursǝnlikidur.
نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
21 Ⱪol tutuxup birlǝxsimu, yamanlar jazaƣa tartilmay ⱪalmas; Lekin ⱨǝⱪⱪaniylarning nǝsli nijat tapar.
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار.
22 Qirayliⱪ ǝmma tetiⱪsiz hotun, Qoxⱪining tumxuⱪiƣa altun ⱨalⱪa salƣandǝktur.
چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر.
23 Ⱨǝⱪⱪaniylarning arzusi pǝⱪǝt yahxi mewǝ elip kelǝr; Yamanlarning kütkini ƣǝzǝp-nǝprǝttur.
ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر.
24 Biraw mǝrdlǝrqǝ tarⱪatsimu, güllinǝr; Yǝnǝ biraw berixkǝ tegixlikini ayisimu, pǝⱪǝt namratlixar.
بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
25 Mǝrd adǝm ǝtlinǝr; Baxⱪilarni suƣarƣuqi ɵzimu suƣirilar.
مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.
26 Axliⱪni satmay besiwalƣan kixi ǝlning lǝnitigǝ uqraydu; Lekin axliⱪni setip bǝrgüqigǝ bǝrikǝt tilinǝr.
ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر.
27 Yahxiliⱪni izdǝp intilgǝn adǝm xapaǝt tapar; Yamanliⱪni izdigǝn adǝm ɵzi yamanliⱪ kɵrǝr.
ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر.
28 Ɵz mal-duniyasiƣa tayanƣuqi yiⱪilar; Ⱨǝⱪⱪaniy kixi yopurmaⱪtǝk kɵkirǝr.
ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر.
29 Ɵz ɵyigǝ azarqiliⱪ salƣan kixi xamalƣa miras bolar; Əⱪilsiz adǝm aⱪilanining ⱪuli bolup ⱪalar.
ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.
30 Ⱨǝⱪⱪaniyning beridiƣan mewisi «ⱨayatliⱪ dǝrihi»dur; Dana kixi kɵngüllǝrni [ⱨayatliⱪⱪa] mayil ⱪilar.
ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار.
31 Ⱪaranglar, ⱨǝⱪⱪaniy adǝm bu dunyada [sǝwǝnliki üqün] bǝdǝl tɵligǝn yǝrdǝ, Rǝzillǝr bilǝn gunaⱨkarlarning aⱪiwiti ⱪandaⱪ bolar?
قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا [سەۋەنلىكى ئۈچۈن] بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟

< Pǝnd-nǝsiⱨǝtlǝr 11 >