< Filemonƣa 1 >

1 Mǝsiⱨ Əysaning mǝⱨbusi mǝnki Pawlus wǝ ⱪerindiximiz Timotiydin sɵyümlükimiz wǝ hizmǝtdiximiz Filemonƣa
مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا
2 wǝ singlimiz Afiyaƣa, sǝpdiximiz Arkippusⱪa wǝ ɵyüngdǝ yiƣilidiƣan jamaǝtkǝ salam!
ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، سەپدىشىمىز ئاركىپپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە يىغىلىدىغان جامائەتكە سالام!
3 Huda’Atimiz wǝ Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨdin silǝrgǝ meⱨir-xǝpⱪǝt wǝ hatirjǝmlik bolƣay!
خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
4 Rǝbbimiz Əysaƣa wǝ barliⱪ muⱪǝddǝs bǝndilǝrgǝ bolƣan meⱨir-muⱨǝbbiting wǝ ixǝnq-etiⱪadingni anglap, mǝn dualirimda ⱨǝmixǝ seni yad etip turuwatimǝn, sǝn üqün tǝxǝkkür eytimǝn;
رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
5
6 Bizgǝ nesip bolƣan, Mǝsiⱨni uluƣlaydiƣan barliⱪ yahxi iltipatni toluⱪ tonup yetixing bilǝn, sening etiⱪadning ǝmǝlliridǝ mǝrdlǝrqǝ ortaⱪlixixing küqǝytilsun dǝp dua ⱪilimǝn.
بىزگە نېسىپ بولغان، مەسىھنى ئۇلۇغلايدىغان بارلىق ياخشى ئىلتىپاتنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭ بىلەن، سېنىڭ ئېتىقادنىڭ ئەمەللىرىدە مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ كۈچەيتىلسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن.
7 Qünki sening meⱨir-muⱨǝbbiting manga zor huxalliⱪ wǝ riƣbǝt elip kǝldi; qünki i ⱪerindixim, muⱪǝddǝs bǝndilǝrning iq-baƣirliri sening arⱪiliⱪ kɵp sɵyündürüldi.
چۈنكى سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى؛ چۈنكى ئى قېرىندىشىم، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئىچ-باغىرلىرى سېنىڭ ئارقىلىق كۆپ سۆيۈندۈرۈلدى.
8 Xunga, gǝrqǝ seni layiⱪ ixni ⱪilixⱪa buyruxⱪa Mǝsiⱨdǝ jür’ǝtlik bolalisammu,
شۇڭا، گەرچە سېنى لايىق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا مەسىھدە جۈرئەتلىك بولالىساممۇ،
9 lekin yǝnila muⱨǝbbǝtning türtkisi bilǝn mǝnki ⱪeri Pawlus ⱨǝmdǝ ⱨazirmu Əysa Mǝsiⱨning mǝⱨbusi bolux süpitidǝ sanga iltimas ⱪilip ɵtünüxni layiⱪ kɵrdum —
لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ
10 kixǝnlǝrdǝ turup tuƣⱪan balam, yǝni Onesimus toƣruluⱪ iltimasim bar.
كىشەنلەردە تۇرۇپ تۇغقان بالام، يەنى ئونېسىمۇس توغرۇلۇق ئىلتىماسىم بار.
11 U burun sanga paydisiz bolƣan bolsimu, ǝmma ⱨazir sangimu, mangimu paydiliⱪtur.
ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر.
12 Mǝn ⱨazir uni — janjigirimni sening yeningƣa ⱪayturup ǝwǝtimǝn.
مەن ھازىر ئۇنى ــ جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىمەن.
13 Hux hǝwǝrni dǝp kixǝnlǝrdǝ turƣinimda uni sening ornungda mening hizmitimdǝ boluxⱪa yenimda ⱪaldurup ⱪalƣum bar idi;
خۇش خەۋەرنى دەپ كىشەنلەردە تۇرغىنىمدا ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمدا قالدۇرۇپ قالغۇم بار ئىدى؛
14 biraⱪ sening raziliⱪingni almay ⱨeqnemini ⱪilƣum yoⱪ; xundaⱪ ⱪilƣanda sening manga ⱪilƣan yahxiliⱪing mǝjburiy ǝmǝs, bǝlki razimǝnlik bilǝn bolidu.
بىراق سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالماي ھېچنېمىنى قىلغۇم يوق؛ شۇنداق قىلغاندا سېنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن بولىدۇ.
15 Qünki sening Onesimustin waⱪitliⱪ mǝⱨrum bolƣiningning sǝwǝbi, bǝlkim dǝl sening uningƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ nesiwǝ boluxung üqün idi. (aiōnios g166)
چۈنكى سېنىڭ ئونېسىمۇستىن ۋاقىتلىق مەھرۇم بولغىنىڭنىڭ سەۋەبى، بەلكىم دەل سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە نېسىۋە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى. (aiōnios g166)
16 Mening xundaⱪ deginim, uningƣa ⱪul ⱪatarida ǝmǝs, bǝlki ⱪuldin kɵp üstün — manga nǝⱪǝdǝr sɵyümlük, xundaⱪla sanga tehimu xundaⱪ bolidiƣan (insaniy munasiwǝtlǝr bilǝn ⱨǝm Rǝbdǝ bolƣan munasiwǝt bilǝn), sɵyümlük ⱪerindax ⱪatarida igǝ bolisǝn;
مېنىڭ شۇنداق دېگىنىم، ئۇنىڭغا قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن ــ ماڭا نەقەدەر سۆيۈملۈك، شۇنداقلا ساڭا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغان (ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن ھەم رەبدە بولغان مۇناسىۋەت بىلەن)، سۆيۈملۈك قېرىنداش قاتارىدا ئىگە بولىسەن؛
17 xuning üqün, ǝgǝr sǝn meni ⱨǝmdax ⱪatarida kɵrsǝng, uni meni ⱪobul ⱪilƣandǝk ⱪobul ⱪilƣin.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى ھەمداش قاتارىدا كۆرسەڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن.
18 Əgǝr burun u sanga birǝr yolsizliⱪ ⱪilƣan bolsa yaki sanga ⱪǝrzdar bolƣan bolsa, buni mening ⱨesabimƣa yazƣin.
ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى ساڭا قەرزدار بولغان بولسا، بۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا يازغىن.
19 Mana mǝnki Pawlus bu sɵzlǝrni ɵz ⱪolum bilǝn yeziwatimǝn: ⱪǝrzi bolsa ɵzüm ⱪayturimǝn; lekin mǝn sanga ɵzüngning jening bilǝn manga ⱪǝrzdar bolƣiningni tilƣa almaymǝn.
مانا مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: قەرزى بولسا ئۆزۈم قايتۇرىمەن؛ لېكىن مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ جېنىڭ بىلەن ماڭا قەرزدار بولغىنىڭنى تىلغا ئالمايمەن.
20 Xunga, ǝy ⱪerindixim, mǝn Rǝbdǝ sǝndin mǝnpǝǝtkǝ erixmǝkqimǝn; iq-baƣirlirimni Mǝsiⱨdǝ sɵyündürgin.
شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، مەن رەبدە سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچىمەن؛ ئىچ-باغىرلىرىمنى مەسىھدە سۆيۈندۈرگىن.
21 Ixǝnqim sɵzümni anglaydiƣanliⱪingƣa kamil bolup wǝ soriƣanlirimdin artuⱪ orunlaydiƣanliⱪingni bilip, sanga muxundaⱪ yazdim.
ئىشەنچىم سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا كامىل بولۇپ ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا مۇشۇنداق يازدىم.
22 Bulardin baxⱪa, manga turalƣu jay tǝyyarlap ⱪoyƣin. Qünki dualiringlar arⱪiliⱪ mening silǝrgǝ ⱪayturup beriliximni ümid ⱪilimǝn.
بۇلاردىن باشقا، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.
23 Əysa Mǝsiⱨkǝ hizmǝt ⱪilƣanliⱪi üqün zindandixim bolƣan Əpafras,
ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن زىنداندىشىم بولغان ئەپافراس،
24 hizmǝtdaxlirim Markus, Aristarhus, Demas wǝ Luⱪalardin sanga salam.
خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام.
25 Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨning meⱨir-xǝpⱪiti roⱨinglarƣa yar bolƣay!
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي!

< Filemonƣa 1 >