< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 7 >

1 Musa ibadǝt qedirini tikligǝn küni, u qedirni mǝsiⱨ ⱪilip maylap muⱪǝddǝs ⱪildi, xundaⱪla uning iqidiki barliⱪ ǝswab-jabduⱪlar, ⱪurbangaⱨ wǝ uning barliⱪ ⱪaqa-ⱪuqa ǝswablirini mǝsiⱨ ⱪilip maylap muⱪǝddǝs ⱪildi; xü küni xundaⱪ boldiki, Israilning ǝmirliri, yǝni ularning ata jǝmǝtining baxliⱪliri bolƣan, ⱪǝbilǝ ǝmirliri kelip ⱨǝdiyǝlǝrni sundi; xu ⱪǝbililǝrning ǝmirliri sanaⱪtin ɵtküzüx ixiƣa nazarǝt ⱪilƣuqilar idi.
مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىگەن كۈنى، ئۇ چېدىرنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلار، قۇربانگاھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلىرىنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى؛ شۈ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولغان، قەبىلە ئەمىرلىرى كېلىپ ھەدىيەلەرنى سۇندى؛ شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىغا نازارەت قىلغۇچىلار ئىدى.
2
3 Ular ɵzlirining ⱨǝdiyǝlirini Pǝrwǝrdigarning ⱨuzuriƣa ⱨazir ⱪilixti, kǝltürülgǝn bu ⱨǝdiyǝlǝr jǝmiy bolup altǝ ⱨarwa, on ikki ɵküzdin ibarǝt idi; ⱨǝr ikki ǝmir birlixip birdin sayiwǝnlik ⱨarwa, ⱨǝrbir ǝmir birdin ɵküz elip kǝldi; ular bu ⱨǝdiyǝlǝrni qedirining aldiƣa ǝkilixti.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى.
4 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ
5 Jamaǝt qedirining ixliriƣa ixlitix üqün sǝn bu nǝrsilǝrni ⱪobul ⱪilip, Lawiylarning ⱨǝrbirining bejiridiƣan ixliri boyiqǝ ularning ixlitixigǝ bǝrgin, — dedi.
جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، — دېدى.
6 Xuning bilǝn Musa ⱨarwa bilǝn ɵküzlǝrni ⱪobul ⱪilip Lawiylarƣa tapxurup bǝrdi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا بىلەن ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
7 U Gǝrxon ǝwladlirining ⱪilidiƣan ixliriƣa asasǝn, ularƣa ikki ⱨarwa bilǝn tɵt ɵküz bǝrdi.
ئۇ گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز بەردى.
8 Mǝrari ǝwladlirining ⱪilidiƣan ixliriƣa asasǝn, ularƣa tɵt ⱨarwa bilǝn sǝkkiz ɵküz bǝrdi; ularning ⱨǝmmisi kaⱨin Ⱨarunning oƣli Itamarƣa ⱪaraytti;
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارغا قارايتتى؛
9 lekin u Koⱨatning ǝwladliriƣa ⱨeqnemǝ bǝrmidi; qünki ular muⱪǝddǝs nǝrsilǝrni kɵtürüxkǝ mǝs’ul idi; demǝk, ular mǝs’ul bolƣan nǝrsilǝrni ɵz mürisidǝ kɵtürǝtti.
لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى.
10 Ⱪurbangaⱨ maylinip mǝsiⱨlǝngǝn küni, uni Hudaƣa beƣixlax yolida ǝmirlǝr sunidiƣan ⱨǝdiyǝlirini elip kelip, ⱪurbangaⱨ aldiƣa ⱪoyuxti.
قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا ئەمىرلەر سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇشتى.
11 Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Ular ⱪurbangaⱨni beƣixlax yolida ⱨǝdiyǝlirini sunsun; ⱨǝrbir ǝmir ɵz künidǝ sunsun, — dedi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، — دېدى.
12 Birinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Yǝⱨuda ⱪǝbilisidin Amminadabning oƣli Naⱨxon boldi.
بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولدى.
13 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
14 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
15 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir ǝrkǝk torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
16 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
17 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Amminadabning oƣli Naⱨxon sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
18 Ikkinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Issakarning ǝmiri Zuarning oƣli Nǝtanǝl boldi.
ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئىسساكارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولدى.
19 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
20 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
21 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
22 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
23 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Zuarning oƣli Nǝtanǝl sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
24 Üqinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Zǝbulun ǝwladlirining ǝmiri Ⱨelonning oƣli Eliab boldi.
ئۈچىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى زەبۇلۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولدى.
25 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
26 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
27 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
28 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
29 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Ⱨelonning oƣli Eliab sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
30 Tɵtinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Rubǝn ǝwladlirining ǝmiri Xidɵrning oƣli Əlizur boldi.
تۆتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى رۇبەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولدى.
31 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
32 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
33 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
34 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
35 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Xidɵrning oƣli Əlizur sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
36 Bǝxinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Ximeon ǝwladlirining ǝmiri Zuri-xaddayning oƣli Xelumiyǝl boldi.
بەشىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى شىمېئون ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولدى.
37 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
38 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
39 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
40 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
41 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Zuri-xaddayning oƣli Xelumiyǝl sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
42 Altinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Gad ǝwladlirining ǝmiri Deuǝlning oƣli Əliasaf boldi.
ئالتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى گاد ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولدى.
43 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
44 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
45 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
46 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
47 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Deuǝlning oƣli Əliasaf sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
48 Yǝttinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Əfraim ǝwladlirining ǝmiri Ammiⱨudning oƣli Əlixama boldi.
يەتتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولدى.
49 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
50 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
51 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
52 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
53 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Ammiⱨudning oƣli Əlixama sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
54 Sǝkkizinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Manassǝⱨ ǝwladlirining ǝmiri Pidaⱨzurning oƣli Gamaliyǝl boldi.
سەككىزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ماناسسەھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولدى.
55 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
56 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
57 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
58 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
59 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Pidaⱨzurning oƣli Gamaliyǝl sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
60 Toⱪⱪuzinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Benyamin ǝwladlirining ǝmiri Gideonining oƣli Abidan boldi.
توققۇزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى بېنيامىن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولدى.
61 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
62 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
63 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
64 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
65 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Gideonining oƣli Abidan sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
66 Oninqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Dan ǝwladlirining ǝmiri Ammixaddayning oƣli Aⱨiǝzǝr boldi.
ئونىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى دان ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولدى.
67 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
68 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
69 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
70 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
71 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Ammixaddayning oƣli Aⱨiǝzǝr sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
72 On birinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Axir ǝwladlirining ǝmiri Okranning oƣli Pagiyǝl boldi.
ئون بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولدى.
73 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
74 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
75 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
76 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
77 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Okranning oƣli Pagiyǝl sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
78 On ikkinqi küni ⱨǝdiyǝ sunƣuqi Naftali ǝwladlirining ǝmiri Enanning oƣli Aⱨira boldi.
ئون ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى نافتالى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولدى.
79 U sunƣan ⱨǝdiyǝ eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx legǝn, eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl kelidiƣan bir kümüx das bolup, bular muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝndi; axliⱪ ⱨǝdiyǝ bolsun dǝp ikkisigǝ zǝytun meyi arilaxturulƣan esil un toldurulƣanidi;
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛
80 on xǝkǝl eƣirliⱪta, huxbuy toldurulƣan bir altun piyalǝ;
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛
81 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir torpaⱪ, bir ⱪoqⱪar, bir yaxliⱪ bir ǝrkǝk ⱪoza;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛
82 gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekǝ;
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛
83 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün ikki buⱪa, bǝx ⱪoqⱪar, bǝx tekǝ, bir yaxliⱪ bǝx ǝrkǝk ⱪoza; bular Enanning oƣli Aⱨira sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr idi.
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.
84 Ⱪurbangaⱨ maylinip mǝsiⱨlǝngǝn künidǝ, Israil ǝmirliri ⱪurbangaⱨⱪa sunƣan ⱨǝdiyǝlǝr: — jǝmiy on ikki kümüx legǝn, on ikki kümüx das, on ikki altun piyalǝ boldi,
قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: — جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى،
85 ⱨǝrbir kümüx legǝnning eƣirliⱪi bir yüz ottuz xǝkǝl, ⱨǝrbir kümüx dasning eƣirliⱪi yǝtmix xǝkǝl idi; muxu ⱪaqa-ⱪuqiƣa kǝtkǝn kümüx muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝngǝndǝ, jǝmiy ikki ming tɵt yüz xǝkǝl qiⱪti;
ھەربىر كۈمۈش لېگەننىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل، ھەربىر كۈمۈش داسنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل ئىدى؛ مۇشۇ قاچا-قۇچىغا كەتكەن كۈمۈش مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى؛
86 huxbuy bilǝn toldurulƣan altun piyalǝ on ikki bolup, muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ɵlqǝngǝndǝ, ⱨǝrbir altun piyalining eƣirliⱪi on xǝkǝl qiⱪti; bu altun piyalilǝrning altuni jǝmiy bir yüz yigirmǝ xǝkǝl qiⱪti;
خۇشبۇي بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتۇن پىيالە ئون ئىككى بولۇپ، مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، ھەربىر ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى ئون شەكەل چىقتى؛ بۇ ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ ئالتۇنى جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە شەكەل چىقتى؛
87 kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlar üqün bolƣan mallar: — jǝmiy on ikki torpaⱪ, on ikki ⱪoqⱪar, on ikki bir yaxliⱪ ǝrkǝk ⱪoza idi, ⱨǝrbiri tegixlik axliⱪ ⱨǝdiyǝlǝr bilǝn billǝ sunuldi; on ikki tekǝ gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün sunuldi;
كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: — جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛
88 inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪliri üqün sunulƣini jǝmiy yigirmǝ tɵt buⱪa, atmix ⱪoqⱪar, atmix tekǝ, bir yaxliⱪ atmix ǝrkǝk ⱪoza idi. Ⱪurbangaⱨ maylinip mǝsiⱨlinip, uni Hudaƣa beƣixlax yolida sunulƣan ⱨǝdiyǝlǝr mana muxular.
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن سۇنۇلغىنى جەمئىي يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە، بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلىنىپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا مۇشۇلار.
89 Musa [Pǝrwǝrdigar] bilǝn sɵzlǝxkili jamaǝt qediriƣa kirgǝn qeƣida, u «ⱨɵküm-guwaⱨliⱪ sanduⱪi»ning üstidiki «kafarǝt tǝhti»ning ikki tǝripidiki kerubning otturisidin uning ɵzigǝ gǝp ⱪilƣan awazini anglap turdi; Pǝrwǝrdigar xu yolda uningƣa sɵz ⱪilatti.
مۇسا [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى.

< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 7 >