< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 32 >

1 Rubǝnning ǝwladliri bilǝn Gadning ǝwladlirining kala padiliri tolimu kɵpǝygǝnidi; ularning Yaazǝrning zemini bilǝn Gileadning zeminiƣa kɵzi qüxti; wǝ mana, xu zemin qarwa beⱪixⱪa mas kelidiƣan yǝr idi.
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن گادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كالا پادىلىرى تولىمۇ كۆپەيگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ يائازەرنىڭ زېمىنى بىلەن گىلېئادنىڭ زېمىنىغا كۆزى چۈشتى؛ ۋە مانا، شۇ زېمىن چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان يەر ئىدى.
2 Xunga ular Musa, kaⱨin Əliazar wǝ jamaǝtning ǝmirlirining aldiƣa kelip ularƣa: —
شۇڭا ئۇلار مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: —
3 Atarot, Dibon, Yaazǝr, Nimraⱨ, Ⱨǝxbon, Əlǝalǝⱨ, Sǝbam, Nebo, Bǝon degǝn yǝrlǝr,
ئاتاروت، دىبون، يائازەر، نىمراھ، ھەشبون، ئەلەئالەھ، سەبام، نېبو، بەئون دېگەن يەرلەر،
4 yǝni Israil jamaiti aldida Pǝrwǝrdigar mǝƣlup ⱪilip bǝrgǝn yǝrlǝr bolup, qarwa beⱪixⱪa bap yǝrlǝr ikǝn, ⱪulliriningmu qarwa meli bar, — dedi
يەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگار مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن يەرلەر بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باپ يەرلەر ئىكەن، قۇللىرىنىڭمۇ چارۋا مېلى بار، — دېدى
5 wǝ yǝnǝ: — Əgǝr silining aldilirida iltipatliriƣa erixkǝn bolsaⱪ, bizni Iordan dǝryasidin ɵt demǝy, bu yǝrni bizgǝ miras ⱪilip bǝrsilǝ, — dedi.
ۋە يەنە: — ئەگەر سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆت دېمەي، بۇ يەرنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرسىلە، — دېدى.
6 Musa Gadning ǝwladliri bilǝn Rubǝnning ǝwladliriƣa: — Ⱪerindaxliringlar jǝnggǝ qiⱪⱪan waⱪtida silǝr muxu yǝrdǝ turamtinglar?
مۇسا گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا: — قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققان ۋاقتىدا سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرامتىڭلار؟
7 Silǝr nemǝ üqün Israillarning [dǝryadin] ɵtüp Pǝrwǝrdigar ularƣa ata ⱪilip bǝrgǝn zeminƣa kirixigǝ kɵngullirini sowutisilǝr?
سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائ‍ىللارنىڭ [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە كۆڭۇللىرىنى سوۋۇتۇسىلەر؟
8 Ilgiri mǝn Ⱪadǝx-Barneadin ata-bowiliringlarni xu zeminni qarlap kelixkǝ ǝwǝtkinimdǝ ularmu xundaⱪ ⱪilixⱪanidi.
ئىلگىرى مەن قادەش-بارنېئادىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى شۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقانىدى.
9 Ular Əxkol jilƣisiƣa qiⱪip, u zeminni kɵrüp, Israillarning kɵnglini Pǝrwǝrdigar ata ⱪilip bǝrgǝn zeminƣa kirixtin sowutⱪan.
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا چىقىپ، ئۇ زېمىننى كۆرۈپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ كۆڭلىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن سوۋۇتقان.
10 Xu qaƣda Pǝrwǝrdigarning aqqiⱪi kelip ⱪǝsǝm ⱪilip:
شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قەسەم قىلىپ:
11 «Misirdin qiⱪⱪan yigirmǝ yaxtin yuⱪirilar qin kɵnglidin Manga ǝgǝxmigǝqkǝ, ular Mǝn Ibraⱨim, Isⱨaⱪ, Yaⱪuplarƣa «Silǝrgǝ ata ⱪilimǝn» dǝp ⱪǝsǝm ⱪilƣan zeminni kɵrsǝ, [Mǝn Pǝrwǝrdigar bolmay ketǝy]!
«مىسىردىن چىققان يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار چىن كۆڭلىدىن ماڭا ئەگەشمىگەچكە، ئۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا «سىلەرگە ئاتا قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى كۆرسە، [مەن پەرۋەردىگار بولماي كېتەي]!
12 Pǝⱪǝt kǝnizziylǝrdin bolƣan Yǝfunnǝⱨning oƣli Kalǝb bilǝn Nunning oƣli Yǝxuala Manga qin kɵnglidin ǝgǝxkǝn bolƣaqⱪa, zeminni kɵrǝlǝydu», degǝnidi.
پەقەت كەنىززىيلەردىن بولغان يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشكەن بولغاچقا، زېمىننى كۆرەلەيدۇ»، دېگەنىدى.
13 Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigarning Israillarƣa aqqiⱪi ⱪozƣalƣaqⱪa, Pǝrwǝrdigarning aldida rǝzil bolƣanni ⱪilƣan ǝxu bir ǝwlad ɵlüp tügigüqǝ, u ularni qɵl-bayawanda ⱪiriⱪ yil sǝrgǝrdanliⱪta yürgüzdi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا رەزىل بولغاننى قىلغان ئەشۇ بىر ئەۋلاد ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگۈزدى.
14 Əmdi mana, gunaⱨkarlarning ǝwladliri bolƣan silǝrmu ata-bowanglarning izini besip Pǝrwǝrdigarning Israillarƣa bolƣan ⱪattiⱪ ƣǝzipini tehimu ⱪozƣimaⱪqi bopsilǝr-dǝ!
ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە!
15 Əgǝr silǝr uningƣa ǝgixixtin burulup kǝtsǝnglar, undaⱪta U [Israillarni] yǝnǝ qɵl-bayawanƣa taxliwetidu, bu ⱨalda silǝr bu barliⱪ hǝlⱪni harab ⱪilƣan bolisilǝr, — dedi.
ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن بۇرۇلۇپ كەتسەڭلار، ئۇنداقتا ئۇ [ئىسرائ‍ىللارنى] يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ھالدا سىلەر بۇ بارلىق خەلقنى خاراب قىلغان بولىسىلەر، — دېدى.
16 Ikki ⱪǝbilining adǝmliri Musaning aldiƣa kelip uningƣa: — Biz bu yǝrdǝ mallirimizƣa ⱪotan, balilirimizƣa ⱪǝl’ǝ-xǝⱨǝr salayli.
ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزغا قوتان، بالىلىرىمىزغا قەلئە-شەھەر سالايلى.
17 Biz bolsaⱪ ⱪorallinip, Israillarni ɵzigǝ tǝwǝ jayliriƣa baxlap barƣuqǝ sǝpning aldida mangimiz; bu zemindiki yat hǝlⱪlǝr sǝwǝblik, bizning kiqik balilirimiz mustǝⱨkǝm xǝⱨǝrlǝrdǝ turuxi kerǝk.
بىز بولساق قوراللىنىپ، ئىسرائ‍ىللارنى ئۆزىگە تەۋە جايلىرىغا باشلاپ بارغۇچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز؛ بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر سەۋەبلىك، بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز مۇستەھكەم شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك.
18 Israillar ɵz mirasliriƣa igǝ bolmiƣuqǝ biz ɵyimizgǝ ⱨǝrgiz ⱪaytmaymiz.
ئىسرائ‍ىللار ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە بىز ئۆيىمىزگە ھەرگىز قايتمايمىز.
19 Qünki biz ular bilǝn Iordan dǝryasining kün petix tǝripidiki zeminƣa yaki uningdinmu yiraⱪtiki zeminƣa tǝng igidar bolmaymiz, qünki mirasimiz Iordan dǝryasining bu tǝripidǝ, yǝni kün qiⱪixtidur, — dedi.
چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى زېمىنغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى زېمىنغا تەڭ ئىگىدار بولمايمىز، چۈنكى مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىشتىدۇر، — دېدى.
20 Musa ularƣa: — Əgǝr xundaⱪ ⱪilsanglar, yǝni Pǝrwǝrdigarning aldida ⱪorallinip jǝnggǝ qiⱪip,
مۇسا ئۇلارغا: — ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىنىپ جەڭگە چىقىپ،
21 silǝrdin ⱪorallanƣanlarning ⱨǝmmisi Iordan dǝryasidin ɵtüp, Pǝrwǝrdigar Ɵz düxmǝnlirini ularning zeminidin ⱪoƣlap qiⱪirip bolƣanda,
سىلەردىن قوراللانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بولغاندا،
22 xu zemin Pǝrwǝrdigar aldida boysundurulup bolƣanda andin ⱪaytsanglar, silǝr Pǝrwǝrdigar wǝ Israillar aldida gunaⱨsiz ⱨesablinisilǝr; bu zeminmu Pǝrwǝrdigar aldida silǝrgǝ miras ⱪilip berilidu.
شۇ زېمىن پەرۋەردىگار ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ بولغاندا ئاندىن قايتساڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا گۇناھسىز ھېسابلىنىسىلەر؛ بۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ.
23 Lekin bundaⱪ ⱪilmisanglar, mana, Pǝrwǝrdigar aldida gunaⱨkar bolisilǝr; xuni obdan bilixinglar kerǝkki, gunaⱨinglar ɵzünglarni ⱪoƣlap bexinglarƣa qüxidu.
لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.
24 Əmdi silǝr aƣzinglardin qiⱪⱪan gepinglar boyiqǝ ix tutunglar, baliliringlar üqün xǝⱨǝr, ⱪoy padiliringlar üqün ⱪotan selinglar, — dedi.
ئەمدى سىلەر ئاغزىڭلاردىن چىققان گېپىڭلار بويىچە ئىش تۇتۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەر، قوي پادىلىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار، — دېدى.
25 Gadning ǝwladliri bilǝn Rubǝnning ǝwladliri Musaƣa: — Ⱪulliri ƣojam eytⱪinidǝk ⱪilidu.
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى مۇساغا: — قۇللىرى غوجام ئېيتقىنىدەك قىلىدۇ.
26 Hotun-bala qaⱪilirimiz, kalilar wǝ barliⱪ qarpaylirimiz Gileadning ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrliridǝ ⱪalidu;
خوتۇن-بالا چاقىلىرىمىز، كالىلار ۋە بارلىق چارپايلىرىمىز گىلېئادنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قالىدۇ؛
27 Lekin ⱪulliri, jǝnggǝ tǝyyarlinip ⱪorallanƣanlarning ⱨǝrbiri ƣojam eytⱪandǝk [dǝryadin] ɵtüp Pǝrwǝrdigarning aldida jǝng ⱪilidu, — dedi.
لېكىن قۇللىرى، جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغانلارنىڭ ھەربىرى غوجام ئېيتقاندەك [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ، — دېدى.
28 Xuning bilǝn Musa ular toƣruluⱪ kaⱨin Əliazar bilǝn Nunning oƣli Yǝxuaƣa wǝ Israilning barliⱪ ⱪǝbilǝ baxliⱪliriƣa tapilap,
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرۇلۇق كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلە باشلىقلىرىغا تاپىلاپ،
29 ularƣa: — Əgǝr Gadning ǝwladliri bilǝn Rubǝnning ǝwladliri ⱪorallinip Pǝrwǝrdigarning aldida jǝnggǝ qiⱪixⱪa silǝr bilǝn birliktǝ Iordan dǝryasidin ɵtsǝ, u zemin silǝrning aldinglarda boy sundurulsa, undaⱪta silǝr Gilead zeminini ularƣa miras ⱪilip beringlar.
ئۇلارغا: — ئەگەر گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭگە چىقىشقا سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە، ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بوي سۇندۇرۇلسا، ئۇنداقتا سىلەر گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار.
30 Əgǝr ular ⱪorallinip silǝr bilǝn billǝ ɵtmǝymiz desǝ, undaⱪta ularning mirasi aranglarda, yǝni Ⱪanaan zeminida bolsun, — dedi.
ئەگەر ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتمەيمىز دېسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىراسى ئاراڭلاردا، يەنى قانائان زېمىنىدا بولسۇن، — دېدى.
31 Gadning ǝwladliri bilǝn Rubǝnning ǝwladliri: — Pǝrwǝrdigar ⱪulliriƣa ⱪandaⱪ buyruƣan bolsa, biz xundaⱪ ⱪilimiz.
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى: — پەرۋەردىگار قۇللىرىغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بىز شۇنداق قىلىمىز.
32 Biz ⱪorallinip Pǝrwǝrdigarning aldida dǝryadin ɵtüp Ⱪanaan zeminiƣa kirimiz, andin Iordan dǝryasining bu yeⱪidiki zemin bizgǝ miras ⱪilip berilidiƣan bolidu, — deyixti.
بىز قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرىمىز، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى زېمىن بىزگە مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بولىدۇ، — دېيىشتى.
33 Xuning bilǝn Musa Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonning padixaⱨliⱪi bilǝn Baxanning padixaⱨi Ogning padixaⱨliⱪini, zemin wǝ tǝwǝsidiki xǝⱨǝrlǝrni, ǝtrapidiki xǝⱨǝrlǝr bilǝn ⱪoxup, ⱨǝmmisini Gadning ǝwladliriƣa, Rubǝnning ǝwladliriƣa wǝ Yüsüpning oƣli Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisigǝ bǝrdi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى.
34 Gadning ǝwladliri Dibon, Atarot, Aroǝr,
گادنىڭ ئەۋلادلىرى دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر،
35 Atrot-Xofan, Yaazǝr, Yogbihaⱨ,
ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ،
36 Bǝyt-Nimraⱨ, Bǝyt-Ⱨaran ⱪatarliⱪ mustǝⱨkǝm xǝⱨǝrlǝrni saldi wǝ xundaⱪla ⱪotanlarni saldi.
بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى.
37 Rubǝnning ǝwladliri [yengidin] Ⱨǝxbon, Əlǝalǝⱨ, Kiriatayim,
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى [يېڭىدىن] ھەشبون، ئەلەئالەھ، كىرىئاتايىم،
38 Nebo, Baal-Meon (yuⱪiriⱪi isimlar ɵzgirtilgǝn) wǝ Sibmaⱨni saldi; ⱨǝm ular salƣan xǝⱨǝrlǝrgǝ yengidin nam bǝrdi.
نېبو، بائال-مېئون ‹يۇقىرىقى ئىسىملار ئۆزگىرتىلگەن› ۋە سىبماھنى سالدى؛ ھەم ئۇلار سالغان شەھەرلەرگە يېڭىدىن نام بەردى.
39 Manassǝⱨning oƣli Makirning ǝwladliri Gileadⱪa yürüx ⱪilip, u yǝrni elip, xu yǝrdǝ turuxluⱪ Amoriylarni ⱪoƣliwǝtti.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلېئادقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى.
40 Xuning bilǝn Musa Gileadni Manassǝⱨning oƣli Makirƣa beriwidi, u xu yǝrdǝ turup ⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرغا بېرىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
41 Manassǝⱨning oƣli Yair Amoriylarning yeza-ⱪixlaⱪlirini ⱨujum ⱪilip elip, bu yeza-ⱪixlaⱪlarni Ⱨawot-Yair dǝp atidi.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر ئامورىيلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنى ھاۋوت-يائىر دەپ ئاتىدى.
42 Nobaⱨ Kinat wǝ uningƣa ⱪaraxliⱪ yeza-ⱪixlaⱪlarni ⱨujum ⱪilip elip Kinatni ɵz ismi bilǝn Nobaⱨ dǝp atidi.
نوباھ كىنات ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ كىناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى.

< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 32 >