< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 22 >

1 Israillar yǝnǝ yolƣa qiⱪip Moab tüzlǝnglikliridǝ, yǝni Iordan dǝryasining xǝrⱪ tǝripidǝ, Yerihoning udulida qedir tikti.
ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكتى.
2 Israillarning Amoriylarƣa ⱪilƣan ixlirining ⱨǝmmisini Zipporning oƣli Balaⱪ kɵrüp turƣanidi.
ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئامورىيلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق كۆرۈپ تۇرغانىدى.
3 Moablar hǝlⱪtin intayin ⱪorⱪuxti, qünki ular bǝk kɵp idi; Moabiylar Israillarning sǝwǝbidin bǝk alaⱪzadǝ bolup ketixti.
موئابلار خەلقتىن ئىنتايىن قورقۇشتى، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ ئىدى؛ موئابىيلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ سەۋەبىدىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.
4 Moabiylar Midiyan aⱪsaⱪalliriƣa: «Bu bir top adǝm ǝtrapimizdiki ⱨǝmmǝ nǝrsini, huddi kala etizdiki otni yalmiƣandǝk yalmap yǝp ketidiƣan boldi» — deyixti. U qaƣda Zipporning oƣli Balaⱪ Moabning padixaⱨi idi.
موئابىيلار مىدىيان ئاقساقاللىرىغا: «بۇ بىر توپ ئادەم ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى، خۇددى كالا ئېتىزدىكى ئوتنى يالمىغاندەك يالماپ يەپ كېتىدىغان بولدى» — دېيىشتى. ئۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى.
5 U ǝlqilǝrni Beorning oƣli Balaamning aldiƣa, Balaamning ana yurtidiki uluƣ dǝrya boyidiki Petor xǝⱨirigǝ berip, Balaamni qaⱪirip kelixkǝ ǝwǝtip: padixaⱨimiz: — «Ⱪarisila, bir hǝlⱪ Misirdin qiⱪⱪanidi; mana, ular pütün zeminƣa yamrap kǝtti, mana ular bizning udulimizƣa kelip qüxti.
ئۇ ئەلچىلەرنى بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئالدىغا، بالائامنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇلۇغ دەريا بويىدىكى پېتور شەھىرىگە بېرىپ، بالائامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ: پادىشاھىمىز: — «قارىسىلا، بىر خەلق مىسىردىن چىققانىدى؛ مانا، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى، مانا ئۇلار بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ چۈشتى.
6 Ular meningdin küqlük bolƣaqⱪa, ǝmdi ɵzliri kelip bu hǝlⱪni mǝn üqün bir ⱪarƣap bǝrgǝn bolsila; bǝlkim mǝn ularni yengip, bu zemindin ⱪoƣlap qiⱪirixim mumkin; qünki ɵzliri kimgǝ bǝht tilisilǝ xuning bǝht ⱪuqidiƣanliⱪini, kimni ⱪarƣisila, xuning ⱪarƣixⱪa ⱪalidiƣanliⱪini bilimǝn» dǝydu, dǝnglar, — dedi.
ئۇلار مېنىڭدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمدى ئۆزلىرى كېلىپ بۇ خەلقنى مەن ئۈچۈن بىر قارغاپ بەرگەن بولسىلا؛ بەلكىم مەن ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىشىم مۇمكىن؛ چۈنكى ئۆزلىرى كىمگە بەخت تىلىسىلە شۇنىڭ بەخت قۇچىدىغانلىقىنى، كىمنى قارغىسىلا، شۇنىڭ قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دەيدۇ، دەڭلار، — دېدى.
7 Moabning aⱪsaⱪalliri bilǝn Midiyanning aⱪsaⱪalliri ⱪollirida pal selix in’amlirini elip mangdi; ular Balaamning aldiƣa kelip Balaⱪning gǝplirini yǝtküzdi.
موئابنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مىدىياننىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىدا پال سېلىش ئىنئاملىرىنى ئېلىپ ماڭدى؛ ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالاقنىڭ گەپلىرىنى يەتكۈزدى.
8 Balaam ularƣa: — Bügün ahxam muxu yǝrdǝ ⱪonup ⱪelinglar, mǝn Pǝrwǝrdigarning manga ⱪilƣan sɵzi boyiqǝ silǝrgǝ jawap yǝtküzimǝn, — dedi. Xuning bilǝn Moabning xu ǝmirliri Balaamningkidǝ ⱪonup ⱪaldi.
بالائام ئۇلارغا: — بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى بويىچە سىلەرگە جاۋاپ يەتكۈزىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن موئابنىڭ شۇ ئەمىرلىرى بالائامنىڭكىدە قونۇپ قالدى.
9 Huda Balaamningkigǝ kelip: — Sening bilǝn billǝ turƣan bu adǝmlǝr kim? — dewidi,
خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ: — سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ئادەملەر كىم؟ — دېۋىدى،
10 Balaam Hudaƣa: — Moab padixaⱨi Zipporning oƣli Balaⱪ ǝlqilǝrni ǝwǝtip manga:
بالائام خۇداغا: — موئاب پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ماڭا:
11 «Ⱪarisila, Misirdin bir hǝlⱪ qiⱪⱪanidi, ular pütün zeminƣa yamrap kǝtti; bu yǝrgǝ kelip mening üqün ularni ⱪarƣap bǝrsilǝ, xundaⱪ ⱪilsila bǝlkim ularni yengip, bu yǝrdin ⱪoƣliwetǝlixim mumkin» — dedi, — dedi.
«قارىسىلا، مىسىردىن بىر خەلق چىققانىدى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى؛ بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاپ بەرسىلە، شۇنداق قىلسىلا بەلكىم ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلىشىم مۇمكىن» — دېدى، — دېدى.
12 Huda Balaamƣa: Sǝn ular bilǝn billǝ barsang bolmaydu, u hǝlⱪni ⱪarƣisangmu bolmaydu, qünki ularƣa bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilinƣan, — dedi.
خۇدا بالائامغا: سەن ئۇلار بىلەن بىللە بارساڭ بولمايدۇ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغان، — دېدى.
13 Balaam ǝtigǝn turup Balaⱪning ǝmǝldarliriƣa: — Silǝr ɵz yurtunglarƣa ⱪaytip ketinglar, qünki Pǝrwǝrdigar mening silǝr bilǝn billǝ beriximƣa ruhsǝt ⱪilmidi, — dedi.
بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: — سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى، — دېدى.
14 Moabning ǝmǝldarliri ⱪopup Balaⱪning yeniƣa kelip uningƣa: — Balaam biz bilǝn billǝ kelixkǝ unimidi, — dedi.
موئابنىڭ ئەمەلدارلىرى قوپۇپ بالاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بالائام بىز بىلەن بىللە كېلىشكە ئۇنىمىدى، — دېدى.
15 Xuning bilǝn Balaⱪ tehimu kɵp wǝ tehimu mɵtiwǝr ǝmǝldarlarni ǝwǝtti,
شۇنىڭ بىلەن بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۆتىۋەر ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى،
16 Ular Balaamning aldiƣa kelip uningƣa: — «Zipporning oƣli Balaⱪ mundaⱪ dǝydu: — «Ⱨeqnemǝ silining yenimƣa kelixlirini tosumiƣay;
ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛
17 qünki mǝn ɵzlirini zor xan-xɵⱨrǝtkǝ igǝ ⱪilimǝn; nemǝ desilǝ maⱪul dǝymǝn; xunga manga ǝxu hǝlⱪni ⱪarƣap bǝrsilila bolidu», — dedi.
چۈنكى مەن ئۆزلىرىنى زور شان-شۆھرەتكە ئېگە قىلىمەن؛ نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن؛ شۇڭا ماڭا ئەشۇ خەلقنى قارغاپ بەرسىلىلا بولىدۇ»، — دېدى.
18 Balaam Balaⱪning hizmǝtkarliriƣa jawabǝn: — Balaⱪ manga ɵzining altun-kümüxkǝ liⱪ tolƣan ɵz ɵyini bǝrsimu, mǝyli qong yaki kiqik ix ⱪilay, Hudayim Pǝrwǝrdigarning manga buyruƣanliridin ⱨalⱪip ketǝlmǝymǝn.
بالائام بالاقنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋابەن: — بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش قىلاي، خۇدايىم پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بۇيرۇغانلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمەن.
19 Silǝrmu bügün ahxam muxu yǝrdǝ ⱪonup ⱪelinglar, Pǝrwǝrdigar yǝnǝ xu ixlar toƣrisida manga nemǝ dǝydikin, xuni bilǝy, — dedi.
سىلەرمۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، پەرۋەردىگار يەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدا ماڭا نېمە دەيدىكىن، شۇنى بىلەي، — دېدى.
20 Xu keqisi Huda Balaamningkigǝ kelip uningƣa: — U kixilǝr seni tǝklip ⱪilip kǝlgǝn bolsa, ular bilǝn billǝ barƣin, lekin sǝn Mening sanga eytidiƣanlirim boyiqǝ ix ⱪilixing kerǝk, — dedi.
شۇ كېچىسى خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ ئۇنىڭغا: — ئۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن، لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغانلىرىم بويىچە ئىش قىلىشىڭ كېرەك، — دېدى.
21 Balaam ǝtigǝn turup exikini toⱪup Moabning ǝmirliri bilǝn billǝ mangdi.
بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ ئېشىكىنى توقۇپ موئابنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ماڭدى.
22 Huda Balaamning mangƣanliⱪidin ƣǝzǝplǝndi; Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi uni tosuxⱪa yolda turatti. U xu qaƣda exikigǝ minip ikki ƣulami bilǝn billǝ ketiwatatti.
خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى.
23 Mada exǝk Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisining ⱪoliƣa ⱪiliq alƣan ⱨalda yolda turƣanliⱪini kɵrüp, yoldin qiⱪip etizliⱪ bilǝn mengiwidi, Balaam exǝkni yolƣa qiⱪip mengixⱪa dumbalap urdi.
مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى.
24 Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi ikki tǝripi tosma tam bilǝn tosalƣan üzümzarliⱪtiki tar bir yolda turuwaldi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى.
25 Exǝk Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisini kɵrüp, tamƣa ⱪistilip mengip, Balaamning putini tamƣa ⱪistap yarilandurup ⱪoydi; Balaam exǝkni yǝnǝ dumbalidi.
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى.
26 Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi bolsa yǝnǝ aldiƣiraⱪ berip, ong ya solƣa buruluxⱪa bolmaydiƣan tehimu tar bir yǝrdǝ kütüp turdi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى.
27 Exǝk Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisini kɵrüp mangmay, Balaamning astida yetiwaldi; Balaam ⱪattiⱪ hapa bolup, exǝkni ⱨasisi bilǝn ⱪattiⱪ dumbalap kǝtti.
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى.
28 Bu qaƣda Pǝrwǝrdigar exǝkkǝ zuwan kirgüzüwidi, exǝk Balaamƣa: — Meni üq ⱪetim dumbalaydiƣanƣa sanga nemǝ yamanliⱪ ⱪiptimǝn? — dewidi,
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى،
29 Balaam exǝkkǝ: — Sǝn meni sǝtlǝxtürdüng, ⱪolumda ⱪiliq bolƣan bolsa idi, seni qepip ɵltürüwetǝttim! — dedi.
بالائام ئېشەككە: — سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى.
30 Exǝk Balaamƣa: — Mǝn seningki bolƣinimdin tartip minip kǝlgǝn exiking mǝn ǝmǝsmu? Ilgiri mǝn sanga muxundaⱪ ⱪilix aditim bolup baⱪⱪanmu? — dewidi, — Yaⱪ, — dedi [Balaam].
ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، — ياق، — دېدى [بالائام].
31 Ənǝ xu qaƣda Pǝrwǝrdigar Balaamning kɵzlirini aqti, Balaam Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisining ⱪiliqini ƣilipidin qiⱪirip, yolda turƣanliⱪini kɵrdi; u yǝrgǝ bexini ⱪoyup sǝjdǝ ⱪildi.
ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى.
32 Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi uningƣa: — Sǝn exikingni nemǝ üqün üq ⱪetim dumbalaysǝn? Ⱪariƣina, mangƣan yolung Mening nǝzirimdǝ tǝtür bolƣaqⱪa, seni tosuxⱪa qiⱪⱪuqi Mǝn Ɵzüm idim.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم.
33 Exǝk Meni kɵrüp üq ⱪetim Mening aldimdin burulup kǝtti; ǝgǝr exǝk Mening aldimdin burulup kǝtmigǝn bolsa, Mǝn alliⱪaqan seni ɵltürüp exǝkni tirik ⱪaldurƣan bolattim, — dedi.
ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى.
34 Balaam Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisigǝ: — Mǝn gunaⱨkarmǝn, Ɵzlirining yolda meni tosup turƣanliⱪlirini kɵrmǝptimǝn; mubada ǝmdi mening berixim nǝzǝrliridǝ rǝzil kɵrünsǝ, mǝn ⱪaytip ketǝy, — dedi.
بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى.
35 Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi Balaamƣa yǝnǝ: — Boptu, bu kixilǝr bilǝn billǝ barƣin, biraⱪ pǝⱪǝt Mǝn sanga degǝn sɵznila degin, — dedi. Xuning bilǝn Balaam Balaⱪning ǝmǝldarliri bilǝn billǝ mangdi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى.
36 Balaⱪ Balaamni keliwetiptu dǝp anglap, ⱪarxi elix üqün Moabning Arnon dǝryasining boyidiki, qegrining ǝng bexidiki xǝⱨirigǝ kǝldi:
بالاق بالائامنى كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قارشى ئېلىش ئۈچۈن موئابنىڭ ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى، چېگرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە كەلدى:
37 — Mǝn silini qaⱪirixⱪa xunqǝ jiddiy ǝlqi ǝwǝtkǝnidim, nemǝ üqün kelixkǝ unimidila? Mǝn silini xan-xɵⱨrǝtkǝ igǝ ⱪilalmayttimmu? — dedi Balaⱪ Balaamƣa.
— مەن سىلىنى چاقىرىشقا شۇنچە جىددىي ئەلچى ئەۋەتكەنىدىم، نېمە ئۈچۈن كېلىشكە ئۇنىمىدىلا؟ مەن سىلىنى شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلالمايتتىممۇ؟ — دېدى بالاق بالائامغا.
38 — Ⱪarisila, mana kǝldimƣu, ǝmdi mǝn ɵz aldimƣa birnemǝ deyǝlǝyttimmu? — dedi Balaam, — Huda aƣzimƣa nemǝ gǝpni salsa, mǝn xunila dǝymǝn.
— قارىسىلا، مانا كەلدىمغۇ، ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا بىرنېمە دېيەلەيتتىممۇ؟ — دېدى بالائام، — خۇدا ئاغزىمغا نېمە گەپنى سالسا، مەن شۇنىلا دەيمەن.
39 Balaam Balaⱪ bilǝn billǝ yolƣa qiⱪip Kiriat-Huzotⱪa kǝldi.
بالائام بالاق بىلەن بىللە يولغا چىقىپ كىرىئات-خۇزوتقا كەلدى.
40 Balaⱪ kala, ⱪoylarni soyup ⱪurbanliⱪ ⱪilip, ularning gɵxidin Balaam wǝ uning bilǝn billǝ bolƣan ǝmirlǝrgǝ ǝwǝtip bǝrdi.
بالاق كالا، قويلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن بالائام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەمىرلەرگە ئەۋەتىپ بەردى.
41 Andin Balaⱪ ǝtisi sǝⱨǝrdǝ Balaamni Baalning egiz jayliriƣa elip qiⱪti; u xu yǝrdin Israil hǝlⱪining ǝng qǝttiki bir ⱪismini kɵrdi.
ئاندىن بالاق ئەتىسى سەھەردە بالائامنى بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر قىسمىنى كۆردى.

< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 22 >