< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 21 >

1 Jǝnubta turuxluⱪ Arad mǝmlikitining Ⱪanaaniylardin bolƣan padixaⱨi Israillarning Atarim yoli bilǝn keliwatⱪanliⱪini anglap, qiⱪip ular bilǝn soⱪuxup, nǝqqǝylǝnni tutⱪun ⱪilip kǝtti.
جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى.
2 Andin Israillar Pǝrwǝrdigarƣa ⱪǝsǝm iqip: «Əgǝr bu hǝlⱪni bizning ⱪolimizƣa pütünlǝy tapxuridiƣan bolsang, ularning xǝⱨǝrlirini wǝyran ⱪilip taxlaymiz» — dedi.
ئاندىن ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى.
3 Pǝrwǝrdigar Israillarning pǝryadini anglap, Ⱪanaanliylarni ularning ⱪoliƣa tapxurdi, xuning bilǝn ular Ⱪanaaniylarni ularning xǝⱨǝrliri bilǝn ⱪoxup wǝyran ⱪildi; xu sǝwǝbtin ular xu yǝrni «Hormaⱨ» dǝp atidi.
پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى.
4 Ular Ⱨor teƣidin yolƣa qiⱪip, Edom zeminini aylinip ɵtüx üqün, Ⱪizil dengiz boyidiki yolni boylap mangdi; hǝlⱪ muxu yol sǝwǝbidin kɵnglidǝ tolimu taⱪǝtsiz bolup,
ئۇلار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىز بويىدىكى يولنى بويلاپ ماڭدى؛ خەلق مۇشۇ يول سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تولىمۇ تاقەتسىز بولۇپ،
5 Hudaƣa wǝ Musaƣa ⱪarxi qiⱪip: — Silǝr nemǝ üqün bizni qɵl-jǝziridǝ ɵlsun dǝp Misir zeminidin baxlap qiⱪⱪansilǝr? Bu yǝrdǝ ya axliⱪ, ya su yoⱪ, kɵnglimiz bu ǝrzimǝs nanlardin bizar boldi, deyixti.
خۇداغا ۋە مۇساغا قارشى چىقىپ: — سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى چۆل-جەزىرىدە ئۆلسۇن دەپ مىسىر زېمىنىدىن باشلاپ چىققانسىلەر؟ بۇ يەردە يا ئاشلىق، يا سۇ يوق، كۆڭلىمىز بۇ ئەرزىمەس نانلاردىن بىزار بولدى، دېيىشتى.
6 Xu sǝwǝbtin Pǝrwǝrdigar ularning arisiƣa zǝⱨǝrlik yilanlarni ǝwǝtti; yilanlar ularni qaⱪti, xu sǝwǝbtin Israillardin nurƣun adǝm ɵlüp kǝtti.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائ‍ىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.
7 Hǝlⱪ Musaning aldiƣa kelip uningƣa: — Biz aƣzimizni buzup, Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝm sanga ⱨujum ⱪilip, yaman gǝp ⱪilip gunaⱨ ⱪilduⱪ; Pǝrwǝrdigarƣa tilawǝt ⱪilsang, u bu yilanlarni arimizdin elip kǝtkǝy, — dewidi, Musa hǝlⱪ üqün dua ⱪildi.
خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
8 Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Sǝn bir zǝⱨǝrlik yilanning xǝklini yasap hadiƣa esip ⱪoyƣin; yilan qeⱪiwalƣan ⱨǝrbiri uningƣa ⱪarisila ⱪayta ⱨayatⱪa erixidu, — dedi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ شەكلىنى ياساپ خادىغا ئېسىپ قويغىن؛ يىلان چېقىۋالغان ھەربىرى ئۇنىڭغا قارىسىلا قايتا ھاياتقا ئېرىشىدۇ، — دېدى.
9 Musa mistin bir yilan yasitip hadiƣa esip ⱪoydi; wǝ xundaⱪ boldiki, yilan birkimni qeⱪiwalƣan bolsa, u bu mis yilanƣa ⱪarisila, ular ⱨayat ⱪaldi.
مۇسا مىستىن بىر يىلان ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويدى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يىلان بىركىمنى چېقىۋالغان بولسا، ئۇ بۇ مىس يىلانغا قارىسىلا، ئۇلار ھايات قالدى.
10 Israillar yǝnǝ yolƣa qiⱪip Obotⱪa kelip qedir tikti.
ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
11 Yǝnǝ Obottin yolƣa qiⱪip, Moab zeminining udulida kün qiⱪix tǝrǝptiki Iyǝ-Ibarimƣa kelip qedir tikti.
يەنە ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئاب زېمىنىنىڭ ئۇدۇلىدا كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئىيە-ئىبارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
12 Ular yǝnǝ u yǝrdin yolƣa qiⱪip Zǝrǝd jilƣisida qedir tikti.
ئۇلار يەنە ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ زەرەد جىلغىسىدا چېدىر تىكتى.
13 Yǝnǝ u yǝrdin mengip Amoriylarning zeminining qetidin qiⱪip qɵl-bayawandin ɵtüp, eⱪip turƣan Arnon dǝryasining u ⱪetida qedir tikti (qünki Arnon dǝryasi Moabiylarning qegrisi bolup, Moabiylar bilǝn Amoriylarning otturisida idi.
يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېتىدىن چىقىپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ، ئېقىپ تۇرغان ئارنون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا چېدىر تىكتى ‹چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابىيلارنىڭ چېگرىسى بولۇپ، موئابىيلار بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
14 Xunga «Pǝrwǝrdigarning jǝngnamisi» degǝn kitabta: — «Sufaⱨdiki Waⱨǝb wǝ dǝrya-wadiliri, Arnon dǝryasi wǝ jilƣilirining yanbaƣirliri, Arning turalƣusiƣiqǝ yetip, Moabning qegrisiƣa qüxidu» dǝp pütülgǝnidi).
شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›.
16 [Israillar] yǝnǝ u yǝrdin mengip Bǝǝrgǝ kǝldi; «[Bǝǝr]» ⱪuduⱪ degǝn mǝnidǝ bolup, ilgiri Pǝrwǝrdigar Musaƣa: «Sǝn hǝlⱪni yiƣ, Mǝn ularƣa iqidiƣan su berǝy» degǝndǝ xu ⱪuduⱪni kɵzdǝ tutⱪan.
[ئىسرائ‍ىللار] يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ بەئەرگە كەلدى؛ «[بەئەر]» قۇدۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنى يىغ، مەن ئۇلارغا ئىچىدىغان سۇ بېرەي» دېگەندە شۇ قۇدۇقنى كۆزدە تۇتقان.
17 Xu qaƣda Israillar munu nahxini eytixⱪan: — «Aⱨ ⱪuduⱪ, qiⱪsun süyüng bulduⱪlap, Nahxa eytinglar, ⱪuduⱪⱪa beƣixlap:
شۇ چاغدا ئىسرائ‍ىللار مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقان: — «ئاھ قۇدۇق، چىقسۇن سۈيۈڭ بۇلدۇقلاپ، ناخشا ئېيتىڭلار، قۇدۇققا بېغىشلاپ:
18 Bu ⱪuduⱪni ǝmirlǝr, Hǝlⱪning kattiliri ⱪazƣan, Ⱪanun qiⱪarƣuqining sɵzi bilǝn, Ⱨasiliri bilǝn ⱪazƣan». Israillar qɵl-bayawandin yǝnǝ Mattanaⱨⱪa,
بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر، خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن، ھاسىلىرى بىلەن قازغان». ئىسرائ‍ىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا،
19 Mattanaⱨtin Naⱨaliyǝlgǝ, Naⱨaliyǝldin Bamotⱪa,
ماتتاناھتىن ناھالىيەلگە، ناھالىيەلدىن باموتقا،
20 Bamottin Moab dalasidiki jilƣiƣa, yǝnǝ qɵl-bayawan tǝrǝpkǝ ⱪarap turƣan Pisgaⱨ teƣining qoⱪⱪisiƣa yetip bardi.
باموتتىن موئاب دالاسىدىكى جىلغىغا، يەنە چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ تۇرغان پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ باردى.
21 Israillar Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonning aldiƣa ǝlqilǝrni ǝwǝtip:
ئىسرائ‍ىللار ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:
22 — Bizning ɵz zeminliridin ɵtüweliximizgǝ ijazǝt bǝrgǝyla; biz silining etizliⱪliriƣa wǝ üzümzarliⱪliriƣa kirmǝymiz, ⱪuduⱪliridin sumu iqmǝymiz; tǝwǝliridin ɵtüp kǝtküqǝ «Han yoli»din qiⱪmaymiz, — dedi.
— بىزنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزگە ئىجازەت بەرگەيلا؛ بىز سىلىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىغا كىرمەيمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ تەۋەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە «خان يولى»دىن چىقمايمىز، — دېدى.
23 Siⱨon Israillarni ɵz qegrisidin ɵtkili ⱪoymayla ⱪalmastin, ǝksiqǝ u Israillar bilǝn soⱪuximǝn dǝp, ɵzining barliⱪ hǝlⱪini yiƣip qɵlgǝ ⱪarap atlandi. U Yaⱨazƣa kelip Israilƣa ⱨujum ⱪildi.
سىھون ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز چېگرىسىدىن ئۆتكىلى قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئىسرائ‍ىللار بىلەن سوقۇشىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارلىق خەلقىنى يىغىپ چۆلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ ياھازغا كېلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.
24 Israillar uni ⱪiliq bilǝn qepip ɵltürüp, uning yurtini Arnon dǝryasidin Yabbok dǝryasiƣiqǝ, yǝni Ammoniylarning qegrisiƣiqǝ igilidi; Ammoniylarning qegrisi bolsa bǝk mustǝⱨkǝm idi.
ئىسرائ‍ىللار ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئارنون دەرياسىدىن ياببوك دەرياسىغىچە، يەنى ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى؛ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا بەك مۇستەھكەم ئىدى.
25 Israillar bu yǝrdiki ⱨǝmmǝ xǝⱨǝrni igilidi ⱨǝm Amoriylarning xǝⱨǝrlirigǝ, yǝni Ⱨǝxbonƣa wǝ uningƣa tǝwǝ barliⱪ yeza-ⱪixlaⱪlarƣimu kirip orunlaxti.
ئىسرائ‍ىللار بۇ يەردىكى ھەممە شەھەرنى ئىگىلىدى ھەم ئامورىيلارنىڭ شەھەرلىرىگە، يەنى ھەشبونغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى.
26 Qünki Ⱨǝxbon ǝslidǝ Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonning mǝrkiziy xǝⱨiri idi; Siⱨon ǝslidǝ Moabning ilgiriki padixaⱨi bilǝn soⱪuxⱪan, uning Arnon dǝryasiƣiqǝ bolƣan ⱨǝmmǝ zeminini tartiwalƣanidi.
چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى.
27 Xu sǝwǝbtin xairlar: — «Ⱨǝxbonƣa kelinglar! Mana Siⱨonning xǝⱨiri yengiwaxtin ⱪurulsun, Siⱨonning xǝⱨiri mǝⱨkǝm ⱪilinsun.
شۇ سەۋەبتىن شائىرلار: — «ھەشبونغا كېلىڭلار! مانا سىھوننىڭ شەھىرى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلسۇن، سىھوننىڭ شەھىرى مەھكەم قىلىنسۇن.
28 Qünki Ⱨǝxbonning ɵzidin qiⱪti bir ot, Siⱨonning xǝⱨiridin bir yalⱪun yalⱪunlap, Yutuwǝtti Moabtiki Ar xǝⱨirini, Arnondiki egiz jaylarning ǝmirlirini.
چۈنكى ھەشبوننىڭ ئۆزىدىن چىقتى بىر ئوت، سىھوننىڭ شەھىرىدىن بىر يالقۇن يالقۇنلاپ، يۇتۇۋەتتى موئابتىكى ئار شەھىرىنى، ئارنوندىكى ئېگىز جايلارنىڭ ئەمىرلىرىنى.
29 Way sanga ǝy Moab! Ⱨǝy Kemoxning ümmiti, tügǝxtinglar! Qünki [Kemox] ɵz oƣullirini ⱪaqⱪunƣa aylandurdi, Ⱪizlirini ǝsirlikkǝ berip, Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonƣa tutup bǝrdi!
ۋاي ساڭا ئەي موئاب! ھەي كېموشنىڭ ئۈممىتى، تۈگەشتىڭلار! چۈنكى [كېموش] ئۆز ئوغۇللىرىنى قاچقۇنغا ئايلاندۇردى، قىزلىرىنى ئەسىرلىككە بېرىپ، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا تۇتۇپ بەردى!
30 Biz ularni yiⱪitiwǝttuⱪ, Ⱨǝxbon taki Dibonƣiqǝ ⱨalak boldi; Biz ⱨǝtta Nofaⱨⱪiqǝ (Nofaⱨtin Mǝdǝbaƣa yetidu) ularning yurtini wǝyran ⱪiliwǝttuⱪ!» — dǝp xeir yezixⱪanidi.
بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى.
31 Xuning bilǝn Israillar ǝnǝ xu tǝriⱪidǝ Amoriylarning yurtiƣa orunlaxti.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى.
32 Musa Yaazǝrni qarlap kelixkǝ qarliƣuqilarni ǝwǝtti; andin Israillar Yaazǝrning yeza-ⱪixlaⱪlirini ixƣal ⱪilip, u yǝrlǝrdiki Amoriylarni yeridin ⱪoƣliwǝtti.
مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئامورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى.
33 Xuningdin keyin Israillar burulup, Baxanning yolini boylap mangdi; Baxanning padixaⱨi Og wǝ uning barliⱪ hǝlⱪi qiⱪip Ədrǝydǝ Israillar bilǝn jǝng ⱪilixⱪa sǝp tüzdi.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائ‍ىللار بۇرۇلۇپ، باشاننىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى چىقىپ ئەدرەيدە ئىسرائ‍ىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ تۈزدى.
34 Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Ⱪorⱪma, Mǝn uni, uning barliⱪ hǝlⱪi ⱨǝm zeminini ⱪolungƣa tapxurimǝn; sǝn uni ilgiri Ⱨǝxbonda turuxluⱪ Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonni ⱪilƣandǝk ⱪilisǝn, — dedi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — قورقما، مەن ئۇنى، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ھەم زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ سەن ئۇنى ئىلگىرى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغاندەك قىلىسەن، — دېدى.
35 Xuning bilǝn ular Og bilǝn uning oƣullirini ⱨǝm barliⱪ hǝlⱪining birini ⱪoymay ⱪirip taxlidi wǝ uning zeminini igilidi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەم بارلىق خەلقىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى.

< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 21 >