< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 16 >

1 Lawiyning ǝwrisi, Koⱨatning nǝwrisi, Izⱨarning oƣli Koraⱨ wǝ Rubǝnning ǝwladliridin Eliabning oƣulliri Datan bilǝn Abiram wǝ Pǝlǝtning oƣli On
لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون
2 Israillar iqidiki jamaǝt ǝmirliri bolƣan, jamaǝt iqidin saylap qiⱪilƣan mɵtiwǝrlǝrdin ikki yüz ǝllik kixini baxlap kelip Musaƣa ⱪarxi qiⱪti.
ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى.
3 Ular yiƣilip Musaƣa ⱪarxi ⱨǝm Ⱨarunƣa ⱪarxi qiⱪip: — Silǝr ⱨǝddinglardin bǝk axtinglar, pütkül jamaǝtning ⱨǝmmisi pak-muⱪǝddǝs, Pǝrwǝrdigarmu ularning arisida, xundaⱪ turuƣluⱪ silǝr nemǝ dǝp ɵzünglǝrni Pǝrwǝrdigarning jamaitidin üstün ⱪoyusilǝr? — dedi.
ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى.
4 Musa ularning gepini anglap düm yiⱪilip, Koraⱨ bilǝn uning guruⱨidikilǝrgǝ sɵz ⱪilip: — Ətǝ ǝtigǝndǝ Pǝrwǝrdigar kimlǝrning Ɵzigǝ mǝnsup ikǝnlikini, kimlǝrning pak-muⱪǝddǝs ikǝnlikini ayan ⱪilidu; xu kixini Ɵzigǝ yeⱪinlaxturidu; kimni talliƣan bolsa, uni Ɵzigǝ yeⱪinlaxturidu.
مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
5
6 Silǝr mundaⱪ ⱪilinglar: — Sǝn Koraⱨ wǝ sening guruⱨingdikilǝr ⱨǝmmisi huxbuydanlarni ǝpkelinglar;
سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛
7 ǝtǝ Pǝrwǝrdigarning aldida huxbuydanlarƣa ot yeⱪip, huxbuyni uning üstigǝ ⱪoyunglar; Pǝrwǝrdigar kimni tallisa, xu muⱪǝddǝs-pak bolƣan bolsun! Əy silǝr Lawiylar, ⱨǝddinglardin bǝk axtinglar! — dedi.
ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى.
8 Musa yǝnǝ Koraⱨⱪa: — I Lawiylar, gepimgǝ ⱪulaⱪ selinglar.
مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار.
9 Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar silǝrni Ɵzining qedirining ixlirini ⱪilsun dǝp ⱨǝmdǝ jamaǝtning aldida ularning hizmitidǝ bolsun dǝp Ɵzigǝ yeⱪinlaxturux üqün silǝrni Israil jamaitidin ayrip qiⱪⱪan — yǝni Pǝrwǝrdigar seni wǝ sening ⱨǝmmǝ ⱪerindaxliring bolƣan Lawiyning ǝwladlirini birdǝk Ɵzigǝ yeⱪinlaxturƣanliⱪi silǝrqǝ kiqik ixmu? Silǝr yǝnǝ tehi kaⱨinliⱪ wǝzipisini tama ⱪiliwatamsilǝr?
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟
11 Xu wǝjidin sǝn wǝ sening guruⱨingdikilǝr ⱨǝmmisi yiƣilip Pǝrwǝrdigarƣa ⱪarxi qiⱪiwetipsilǝr-dǝ; Ⱨarun nemidi, silǝr uning üstidin xunqilik aƣrinip ƣotuldixip kǝtküdǝk? — dedi.
شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى.
12 Musa Eliabning oƣli Datan bilǝn Abiramni ⱪiqⱪirip kelixkǝ adǝm ǝwǝtiwidi, ular: — Barmaymiz!
مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز!
13 Sening bizni süt bilǝn ⱨǝsǝl aⱪidiƣan zemindin baxlap qiⱪip bu qɵl-jǝziridǝ ɵltǝrmǝkqi bolƣanliⱪingning ɵzi kiqik ixmu? Sǝn tehi ɵzüngni padixaⱨ ⱨesablap bizning üstimizdin ⱨɵkümranliⱪ ⱪilmaⱪqimu?
سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟
14 Ⱨalbuki, sǝn bizni süt bilǝn ⱨǝsǝl aⱪidiƣan yurtⱪa baxlap kǝlmiding, etiz wǝ üzümzarliⱪlarnimu bizgǝ miras ⱪilip bǝrmiding. Sǝn bu hǝⱪning kɵzinimu oyuwalmaⱪqimu? Biz barmaymiz! — dedi.
ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى.
15 Buni anglap Musa ⱪattiⱪ ƣǝzǝplinip Pǝrwǝrdigarƣa: — Ularning sowƣat-ⱨǝdiyǝsigǝ etibar ⱪilmiƣaysǝn; mǝn ularning ⱨǝtta birǝr exikinimu tartiwalmidim, birǝr adimigimu ⱨeq ziyan-zǝhmǝt yǝtküzmidim, — dedi.
بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى.
16 Musa Koraⱨⱪa: — Ətǝ sǝn wǝ sening guruⱨingdikilǝr — sǝn, ular wǝ Ⱨarun Pǝrwǝrdigarning aldiƣa kelinglar.
مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار.
17 Ⱨǝrbiringlar ɵzünglarning huxbuydanliringlarni ǝkilip uning üstigǝ huxbuyni selinglar; ⱨǝrbiringlar ɵzünglarning huxbuydanliringlarni, yǝni jǝmiy ikki yüz ǝllik huxbuydanni elip uni Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida tutup turunglar; sǝnmu, Ⱨarunmu ⱨǝrbiringlar ɵz huxbuydanliringlarni elip kelinglar, — dedi.
ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى.
18 Xuning bilǝn ⱨǝrbir adǝm ɵzining huxbuydanini elip, otni yeⱪip, huxbuy selip, Musa wǝ Ⱨarun bilǝn birliktǝ jamaǝt qedirining dǝrwazisi aldida turuxti.
شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى.
19 Koraⱨ Musa bilǝn Ⱨarunƣa ⱨujum ⱪilƣili pütün jamaǝtni yiƣip jamaǝt qedirining dǝrwazisi aldiƣa keliwidi, Pǝrwǝrdigarning julasi pütkül jamaǝtkǝ ayan boldi.
كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى.
20 Pǝrwǝrdigar Musa bilǝn Ⱨarunƣa sɵz ⱪilip: —
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: —
21 Silǝr bu hǝlⱪning arisidin neri turunglar, mǝn kɵz yumup aqⱪuqǝ ularni yutuwetimǝn, — dewidi,
سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى،
22 Musa bilǝn Ⱨarun düm yiⱪilip: — I Tǝngrim, barliⱪ ǝt igilirining roⱨlirining Hudasi, bir adǝm gunaⱨ ⱪilsa, ƣǝzipingni pütün jamaǝtkǝ qaqamsǝn? — dedi.
مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.
23 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
24 Sǝn jamaǝtkǝ: «Silǝr Koraⱨ, Datan wǝ Abiramning turar jayliridin ayrilip ulardin neri ketinglar» — dǝp buyruⱪ bǝr, — dedi.
سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى.
25 Xuning bilǝn Musa ornidin turup Datan bilǝn Abiram tǝrǝpkǝ ⱪarap mangdi; Israil aⱪsaⱪallirimu uningƣa ǝgixip mangdi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
26 Musa jamaǝtkǝ: — Silǝrdin ɵtünimǝn, bu rǝzil adǝmlǝrning qedirliridin yiraⱪ ketinglar, ularning barliⱪ gunaⱨliri sǝwǝbidin ular bilǝn billǝ wǝyran bolmasliⱪinglar üqün ularning ⱨeqnǝrsisigǝ ⱪol tǝgküzmǝnglar, — dedi.
مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى.
27 Xuning bilǝn jamaǝt Koraⱨ, Datan, Abiramning qedirlirining tɵt ǝtrapidin neri kǝtti; Datan bilǝn Abiram bolsa ɵz ayallirini, oƣul-ⱪizlirini wǝ bowaⱪlirini elip qiⱪip ɵz qedirining ixiki aldida turdi.
شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى.
28 Musa: — Buningdin silǝr xuni bilisilǝrki, bu ixlarning ⱨǝmmisi mening kɵnglümdin qiⱪⱪan ǝmǝs, bǝlki Pǝrwǝrdigar meni ularni ada ⱪilixⱪa ǝwǝtkǝn:
مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن:
29 — ǝgǝr bu adǝmlǝrning ɵlümi adǝttiki adǝmlǝrning ɵlümigǝ ohxax bolidiƣan yaki ularning bexiƣa qüxidiƣan ⱪismǝtlǝr adǝttiki adǝmlǝr duqar bolidiƣan ⱪismǝtlǝrgǝ ohxax bolidiƣan bolsa, Pǝrwǝrdigar meni ǝwǝtmigǝn bolatti.
— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى.
30 Əgǝr Pǝrwǝrdigar yengi bir ixni ⱪilip, yǝr aƣzini eqip ularni wǝ ularning pütün nǝrsisini yutup ketixi bilǝn, ular tirikla tǝⱨtisaraƣa qüxüp kǝtsǝ, u qaƣda silǝr bu adǝmlǝrning Pǝrwǝrdigarni mǝnsitmigǝnlikini bilip ⱪalisilǝr, — dedi. (Sheol h7585)
ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. (Sheol h7585)
31 Musaning bu gepi ahirlixixi bilǝnla ularning puti astidiki yǝr yerildi.
مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى.
32 Yǝr aƣzini eqip ularni barliⱪ ailisidikilǝr bilǝn, xuningdǝk Koraⱨⱪa tǝwǝ ⱨǝmmǝ adǝmlǝrni ⱪoymay tǝǝlluⱪatliri bilǝn ⱪoxup yutup kǝtti.
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى.
33 Xundaⱪ ⱪilip, ular wǝ ularning tǝwǝsidikilǝrning ⱨǝmmisi tirikla tǝⱨtisaraƣa qüxüp kǝtti, yǝr ularning üstidǝ yepildi. Ular xu yol bilǝn jamaǝtning arisidin yoⱪaldi. (Sheol h7585)
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. (Sheol h7585)
34 Ularning ǝtrapida turƣan Israillarning ⱨǝmmisi ularning nalisini anglap: «Yǝr biznimu yutup ketǝrmikin!» deyixip ⱪeqixti.
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
35 Andin Pǝrwǝrdigarning aldidin bir ot qiⱪip, huxbuy sunuwatⱪan ⱨeliⱪi ikki yüz ǝllik adǝmnimu yutup kǝtti.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.
36 Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
37 Sǝn kaⱨin Ⱨarunning oƣli Əliazarƣa buyruƣin, u huxbuydanlarni ot arisidin teriwelip, qoƣlirini yiraⱪlarƣa qeqiwǝtsun, qünki u huxbuydanlar Hudaƣa atalƣandur;
سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛
38 xunga ɵzining jeniƣa ɵzi zamin bolƣan gunaⱨkarlarning huxbuydanlirini teriwalƣin; ular ⱪurbangaⱨni ⱪaplax üqün soⱪup nepiz tünikǝ ⱪilinsun, qünki bu huxbuydanlar ǝslidǝ Pǝrwǝrdigarning ⱨuzuriƣa sunulup uningƣa atalip muⱪǝddǝs ⱪilinƣan. Xundaⱪ ⱪilip ular keyin Israillarƣa ibrǝt bolidiƣan ixarǝt-bǝlgǝ bolidu.
شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ.
39 Xuning bilǝn kaⱨin Əliazar otta kɵydürüwetilgǝnlǝr sunƣan mis huxbuydanlarni teriwaldi; ular ⱪurbangaⱨni ⱪaplitixⱪa nepiz tünikǝ ⱪilip soⱪuldi.
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى.
40 Xuning bilǝn [ⱪurbangaⱨning bu ⱪaplimisi] Ⱨarunning ǝwladliriƣa yat adǝmlǝrning huddi Koraⱨ bilǝn uning guruⱨidikilǝrgǝ ohxax ⱪismǝtkǝ ⱪalmasliⱪi üqün, Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida huxbuy kɵydürüxkǝ yeⱪinlaxmasliⱪiƣa Israillar üqün bir ǝslǝtmǝ boldi. Bu Pǝrwǝrdigarning Musaning wastisi bilǝn Əliazarƣa buyruƣanliridur.
شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر.
41 Ətisi pütkül Israil jamaiti Musa bilǝn Ⱨarunning yaman gepini ⱪilip: — Silǝr Pǝrwǝrdigarning hǝlⱪini ɵltürdünglar, — dǝp ƣotuldaxti.
ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى.
42 Wǝ xundaⱪ boldiki, jamaǝt Musa bilǝn Ⱨarunƣa ⱨujum ⱪilixⱪa yiƣiliwatⱪanda, jamaǝt burulup jamaǝt qediriƣa ⱪariwidi, wǝ mana, bulut qedirni ⱪapliwaldi ⱨǝm Pǝrwǝrdigarning julasi ayan boldi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى.
43 Xuning bilǝn Musa bilǝn Ⱨarun jamaǝt qedirining aldiƣa berip turdi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى.
44 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
45 Mǝn kɵzni yumup aqⱪuqǝ ularni yoⱪitip taxlixim üqün ikkinglar bu jamaǝttin qiⱪip neri ketinglar, — dǝp buyruwidi, ikkiylǝn yiⱪilip yǝrdǝ düm yatti.
مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى.
46 Musa Ⱨarunƣa: — Sǝn huxbuydanni elip uningƣa ⱪurbangaⱨtiki ottin sal, uningƣa huxbuy ⱪoyup, ular üqün kafarǝt kǝltürüxkǝ tezliktǝ jamaǝtning arisiƣa apar; qünki ⱪǝⱨr-ƣǝzǝp Pǝrwǝrdigarning aldidin qiⱪti, waba basⱪili turdi, — dedi.
مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى.
47 Ⱨarun Musaning deginidǝk ⱪilip, huxbuydanni elip jamaǝtning arisiƣa yügürüp kirdi; wǝ mana, waba kixilǝrning arisida baxlanƣanidi; u huxbuyni huxbuydanƣa selip, hǝlⱪ üqün kafarǝt kǝltürdi.
ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى.
48 U ɵlüklǝr bilǝn tiriklǝr otturisida turuwidi, waba tohtidi.
ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى.
49 Koraⱨning wǝⱪǝsi munasiwiti bilǝn ɵlgǝnlǝrdin baxⱪa, waba sǝwǝbidin ɵlgǝnlǝr on tɵt ming yǝttǝ yüz kixi boldi.
كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.
50 Ⱨarun jamaǝt qedirining dǝrwazisi yenida turƣan Musaning yeniƣa yenip kǝldi; waba tohtidi.
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى.

< Qɵl-bayawandiki sǝpǝr 16 >