< Nǝⱨǝmiya 5 >

1 U qaƣda halayiⱪ wǝ ularning hotunliri ɵz ⱪerindaxliri bolƣan Yǝⱨudalar üstidin xikayǝt ⱪilip ⱪattiⱪ dad-pǝryad kɵtürüxti.
ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.
2 Bǝzilǝr: — Biz wǝ oƣul-ⱪizlirimizning jan sanimiz kɵp, kün kǝqüriximiz üqün toyƣudǝk axliⱪ almisaⱪ bolmaydu, deyixti.
بەزىلەر: ــ بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان سانىمىز كۆپ، كۈن كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن تويغۇدەك ئاشلىق ئالمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى.
3 Yǝnǝ bǝzilǝr: — Biz aqarqiliⱪta ⱪalƣan waⱪtimizda axliⱪ elip yǝymiz dǝp etizlirimiz, üzümzarliⱪlirimizni wǝ ɵylirimizni rǝnigǝ berixkǝ mǝjbur bolduⱪ, deyixti.
يەنە بەزىلەر: ــ بىز ئاچارچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا ئاشلىق ئېلىپ يەيمىز دەپ ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق، دېيىشتى.
4 Wǝ yǝnǝ bǝzilǝr: — Padixaⱨning etizlirimiz wǝ üzümzarliⱪlirimiz üstigǝ salƣan baj-seliⱪni tapxuruxⱪa pul ⱪǝrz alduⱪ.
ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق.
5 Gǝrqǝ bǝdǝnlirimiz ⱪerindaxlirimizning bǝdǝnlirigǝ, pǝrzǝntlirimiz ularning pǝrzǝntlirigǝ ohxax bolsimu, lekin oƣul-ⱪizlirimizni ⱪul-dedǝk boluxⱪa tapxurmay amalimiz bolmidi; ǝmǝliyǝttǝ ⱪizlirimizdin bǝziliri alliⱪaqan dedǝk bolupmu kǝtti; ularni bǝdǝl tɵlǝp ⱨɵrlükkǝ qiⱪirixⱪa ⱪurbimiz yǝtmidi, qünki bizning etizlar wǝ üzümzarliⱪlirimiz ⱨazir baxⱪilarning ⱪolididur, — deyixti.
گەرچە بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، پەرزەنتلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇل-دېدەك بولۇشقا تاپشۇرماي ئامالىمىز بولمىدى؛ ئەمەلىيەتتە قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئاللىقاچان دېدەك بولۇپمۇ كەتتى؛ ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىدى، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ھازىر باشقىلارنىڭ قولىدىدۇر، ــ دېيىشتى.
6 Mǝn ularning dad-pǝryadlirini wǝ eytⱪan bu gǝplirini angliƣandin keyin ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndim.
مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى ۋە ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندىم.
7 Kɵnglümdǝ birǝr ⱪur oyliniwalƣandin keyin, mɵtiwǝrlǝr bilǝn ǝmǝldarlarni ǝyiblǝp: — Silǝr ɵz ⱪerindaxliringlarƣa ⱪǝrz berip ulardin ɵsüm alidikǝnsilǝr-ⱨǝ! — dǝp tǝnbiⱨ bǝrdim. Andin ularning sǝwǝbidin qong bir yiƣin eqip
كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ
8 ularni: — Biz küqimizning yetixiqǝ yat taipilǝrgǝ setiwetilgǝn ⱪerindiximiz Yǝⱨudalarni ⱪayturup setiwalduⱪ, lekin silǝr bizni ularni ⱪayturup setiwalsun dǝp ⱪerindaxliringlarni yǝnǝ setiwǝtmǝkqi boluwatamsilǝr? — dǝp ǝyibliwidim, ular dǝydiƣan gǝp tapalmay, xük turup ⱪaldi.
ئۇلارنى: ــ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يات تائىپىلەرگە سېتىۋېتىلگەن قېرىندىشىمىز يەھۇدالارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدۇق، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ــ دەپ ئەيىبلىۋىدىم، ئۇلار دەيدىغان گەپ تاپالماي، شۈك تۇرۇپ قالدى.
9 Andin mǝn ularƣa yǝnǝ: — Silǝrning bu ⱪilƣininglar ⱪamlaxmaptu. Silǝr düxmǝnlirimiz bolƣan taipilǝr aldida bizni aⱨanǝtkǝ ⱪaldurmay, Hudayimizning ⱪorⱪunqida mangsanglar bolmasmidi?
ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟
10 Mǝnmu, ⱪerindaxlirim wǝ hizmǝtkarlirim ularƣa pul wǝ axliⱪ ɵtnǝ berip turup ɵsüm alsaⱪ alattuⱪ! Silǝrdin ɵtünimǝn, mundaⱪ ɵsüm elixtin waz keqǝyli!
مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق! سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى!
11 Ɵtünüp ⱪalay, silǝr dǝl bügün ularning etizlirini, üzümzarliⱪ, zǝytunzarliⱪ wǝ ɵylirini ⱪayturup beringlar, wǝ xuningdǝk silǝr ulardin ündürüwalƣan pul, axliⱪ, yengi mǝy-xarab wǝ yengi zǝytun maylirining ɵsümini ularƣa ⱪayturup beringlar, dedim.
ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر دەل بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ۋە شۇنىڭدەك سىلەر ئۇلاردىن ئۈندۈرۈۋالغان پۇل، ئاشلىق، يېڭى مەي-شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېدىم.
12 Ular: — Ⱪayturup berimiz, ǝmdi ulardin ⱨeq ɵsüm almaymiz; sili nemǝ desilǝ, biz xundaⱪ ⱪilimiz, deyixti. Mǝn kaⱨinlarni qaⱪirtip kelip, ularni bu wǝdǝ boyiqǝ xundaⱪ ijra ⱪilixⱪa ⱪǝsǝm iqküzdüm.
ئۇلار: ــ قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەمدى ئۇلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالمايمىز؛ سىلى نېمە دېسىلە، بىز شۇنداق قىلىمىز، دېيىشتى. مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋەدە بويىچە شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم.
13 Mǝn tonumning pexini ⱪeⱪip turup: — Kim muxu wǝdini ada ⱪilmisa, Huda xu yol bilǝn uning ɵzini ɵz ɵyidin wǝ mal-mülkidin mǝⱨrum ⱪilip ⱪeⱪiwǝtsun! Xu yol bilǝn uning ⱨǝmmǝ nemisi ⱪuruⱪdilip ⱪalƣuqǝ ⱪeⱪiwetilsun! — dedim. Pütkül jamaǝt birdǝk: «Amin!» deyixti ⱨǝm Pǝrwǝrdigarƣa Ⱨǝmdusana oⱪuxti. Andin kɵpqilik xu wǝdisi boyiqǝ deginidǝk ⱪilixti.
مەن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ: ــ كىم مۇشۇ ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدىن ۋە مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ قېقىۋەتسۇن! شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى قۇرۇقدىلىپ قالغۇچە قېقىۋېتىلسۇن! ــ دېدىم. پۈتكۈل جامائەت بىردەك: «ئامىن!» دېيىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئاندىن كۆپچىلىك شۇ ۋەدىسى بويىچە دېگىنىدەك قىلىشتى.
14 Xuningdǝk, Yǝⱨudiyǝ zeminida ularƣa waliy boluxⱪa tiklǝngǝn kündin buyan, yǝni padixaⱨ Artahxaxtaning yigirminqi yilidin ottuz ikkinqi yiliƣiqǝ bolƣan on ikki yil iqidǝ nǝ mǝn, nǝ mening uruⱪ-tuƣⱪanlirim waliyliⱪ nenini ⱨeq yemiduⱪ.
شۇنىڭدەك، يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلەنگەن كۈندىن بۇيان، يەنى پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئون ئىككى يىل ئىچىدە نە مەن، نە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى ھېچ يېمىدۇق.
15 Mǝndin ilgiri waliy bolƣanlar hǝlⱪⱪǝ eƣirqilik selip, ulardin [kündilik] axliⱪ, mǝy-xarab wǝ xuningdǝk ⱪiriⱪ xǝkǝl kümüx elip kǝlgǝnikǝn; ⱨǝtta ularning hizmǝtkarlirimu hǝlⱪning üstidin ⱨoⱪuⱪwazliⱪ ⱪilip kǝlgǝnikǝn. Lekin mǝn Hudadin ⱪorⱪidiƣinim üqün undaⱪ ⱪilmidim.
مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن [كۈندىلىك] ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم.
16 Mǝn dǝrwǝⱪǝ sepilning ⱪuruluxiƣila berilgǝqkǝ, biz ⱨǝtta birǝr etiznimu setiwalmiduⱪ; mening barliⱪ hizmǝtkarlirimmu ⱪuruluxta ixlǝxkǝ xu yǝrgǝ yiƣilatti.
مەن دەرۋەقە سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشىغىلا بېرىلگەچكە، بىز ھەتتا بىرەر ئېتىزنىمۇ سېتىۋالمىدۇق؛ مېنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىممۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەشكە شۇ يەرگە يىغىلاتتى.
17 Ətrapimizdiki yat ǝllǝrdin bizning yenimizƣa kǝlgǝnlǝrdin bɵlǝk, mening bilǝn bir dastihanda ƣiza yǝydiƣanlar Yǝⱨudiylar wǝ ǝmǝldarlardin bir yüz ǝllik kixi idi.
ئەتراپىمىزدىكى يات ئەللەردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن بۆلەك، مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا غىزا يەيدىغانلار يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى.
18 Ⱨǝrküni bir kala, hillanƣan altǝ ⱪoy tǝyyarlinatti, yǝnǝ manga bǝzi uqar ⱪuxlar tǝyyarlinatti; ⱨǝr on kündǝ bir ⱪetim ⱨǝrhil mol mǝy-xarab bilǝn tǝminlinǝtti. Xundaⱪ bolsimu mǝn yǝnila «waliy neni»ni tǝlǝp ⱪilmidim; qünki ⱪurulux Ixi hǝlⱪning üstidiki eƣir yük idi.
ھەركۈنى بىر كالا، خىللانغان ئالتە قوي تەييارلىناتتى، يەنە ماڭا بەزى ئۇچار قۇشلار تەييارلىناتتى؛ ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەرخىل مول مەي-شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا «ۋالىي نېنى»نى تەلەپ قىلمىدىم؛ چۈنكى قۇرۇلۇش ئىشى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈك ئىدى.
19 — Aⱨ Hudayim, mǝn muxu hǝlⱪ üqün ⱪilƣan barliⱪ iximni yad ǝtkǝysǝn, manga xapaǝt kɵrsǝtkǝysǝn!
ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!

< Nǝⱨǝmiya 5 >