< Matta 11 >

1 Əysa on ikki muhlisiƣa bu ixlarni tapilap bolƣandin keyin, ɵzimu xu yǝrdiki ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrlǝrdǝ tǝlim berix wǝ [Hudaning kalamini] jakarlax üqün u yǝrdin kǝtti.
ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە [خۇدانىڭ كالامىنى] جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى.
2 Zindanƣa solanƣan Yǝⱨya [pǝyƣǝmbǝr] Mǝsiⱨning ⱪilƣan ǝmǝllirini anglap, muhlislirini ǝwǝtip, ular arⱪiliⱪ Əysadin:
زىندانغا سولانغان يەھيا [پەيغەمبەر] مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن:
3 «Kelixi muⱪǝrrǝr zat ɵzüngmu, yaki baxⱪa birsini kütüximiz kerǝkmu?» — dǝp soridi.
«كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
4 Əysa ularƣa jawab berip mundaⱪ dedi: — Yǝⱨyaning yeniƣa ⱪaytip berip, ɵz anglawatⱪanliringlarni wǝ kɵrüwatⱪanliringlarni bayan ⱪilip —
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ
5 Korlar kɵrǝlǝydiƣan wǝ tokurlar mangalaydiƣan boldi, mahaw kesili bolƣanlar saⱪaytildi, gaslar angliyalaydiƣan boldi, ɵlgǝnlǝrmu tirildürüldi wǝ kǝmbǝƣǝllǝrgǝ hux hǝwǝr jakarlandi» — dǝp eytinglar
كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
6 wǝ [uningƣa yǝnǝ]: «Mǝndin gumanlanmay putlixip kǝtmigǝn kixi bolsa bǝhtliktur!» dǝp ⱪoyunglar, — dedi.
ۋە [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
7 Ular kǝtkǝndǝ, Əysa top-top adǝmlǝrgǝ Yǝⱨya toƣruluⱪ sɵzlǝxkǝ baxlidi: — «Silǝr ǝsli [Yǝⱨyani izdǝp] qɵlgǝ barƣininglarda, zadi nemini kɵrgili bardinglar? Xamalda yǝlpünüp turƣan ⱪomuxnimu?
ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «سىلەر ئەسلى [يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟
8 Yaki esil kiyingǝn bir ǝrbabnimu? Mana, esil kiyimlǝrni kiygǝnlǝr han ordiliridin tepiliduƣu!
ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
9 Əmdi silǝr nemǝ kɵrgili bardinglar? Bir pǝyƣǝmbǝrnimu? Durus, ǝmma mǝn xuni silǝrgǝ eytip ⱪoyayki, [bu bolsa] pǝyƣǝmbǝrdinmu üstün bir bolƣuqidur.
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
10 Qünki [muⱪǝddǝs yazmilardiki]: — «Mana, yüz aldingƣa ǝlqimni ǝwǝtimǝn; U sening aldingda yolungni tǝyyarlaydu» — dǝp pütülgǝn sɵz dǝl uning toƣrisida pütülgǝndur.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر.
11 Mǝn silǝrgǝ xuni bǝrⱨǝⱪ eytip ⱪoyayki, ayallardin tuƣulƣanlar arisida qɵmüldürgüqi Yǝⱨyadinmu uluƣi turƣuzulƣini yoⱪ; ǝmma ǝrx padixaⱨliⱪidiki ǝng kiqik bolƣinimu uningdin uluƣ turidu.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ.
12 Əmma qɵmüldürgüqi Yǝⱨya otturiƣa qiⱪⱪan künlǝrdin bügünki küngiqǝ, ǝrx padixaⱨliⱪiƣa kirix yoli xiddǝt bilǝn eqildi wǝ kixilǝr uni xiddǝt bilǝn tutuwalidu.
ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ.
13 Qünki barliⱪ pǝyƣǝmbǝrlǝrning bexarǝt berix hizmiti, xundaⱪla Tǝwrattiki yazmilar arⱪiliⱪ bexarǝt yǝtküzülüx hizmiti Yǝⱨya bilǝn ahirlixidu.
چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
14 Wǝ ǝgǝr xu sɵzni ⱪobul ⱪilalisanglar, «[ⱪaytip] kelixi muⱪǝrrǝr bolƣan Ilyas [pǝyƣǝmbǝr]» bolsa, [Yǝⱨyaning] ɵzidur.
ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «[قايتىپ] كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس [پەيغەمبەر]» بولسا، [يەھيانىڭ] ئۆزىدۇر.
15 Angliƣudǝk ⱪuliⱪi barlar buni anglisun!
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
16 Lekin bu dǝwrdiki kixilǝrni zadi kimlǝrgǝ ohxitay? Ular huddi rǝstǝ-bazarlarda olturwelip, bir-birigǝ:
لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە:
17 «Biz silǝrgǝ sunay qelip bǝrsǝkmu, ussul oynimidinglar», «Matǝm pǝdisigǝ qelip bǝrsǝkmu, yiƣa-zar ⱪilmidinglar» dǝp [ⱪaⱪxaydiƣan tuturuⱪsiz] balilarƣa ohxaydu.
«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ.
18 Qünki Yǝⱨya kelip ziyapǝttǝ olturmaytti, [xarab] iqmǝytti. Xuning bilǝn, ular: «Uningƣa jin qaplixiptu» deyixidu.
چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ.
19 Insan’oƣli bolsa kelip ⱨǝm yǝydu ⱨǝm iqidu wǝ mana, ular: «Taza bir toymas wǝ bir mǝyhor ikǝn. U bajgirlar wǝ gunaⱨkarlarning dosti» deyixidu. Lekin danaliⱪ bolsa ɵz pǝrzǝntliri arⱪiliⱪ durus dǝp tonulidu».
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
20 Andin u ɵzi kɵp mɵjizilǝrni kɵrsǝtkǝn xǝⱨǝrlǝrdǝ turuwatⱪanlarni towa ⱪilmiƣanliⱪi üqün ǝyiblǝp, mundaⱪ dedi: —
ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ
21 Ⱨalinglarƣa way, ǝy Ⱪorazinliⱪlar! Ⱨalinglarƣa way, ǝy Bǝyt-Saidaliⱪlar! Qünki silǝrdǝ kɵrsitilgǝn mɵjizilǝr Tur wǝ Zidon xǝⱨǝrliridǝ kɵrsitilgǝn bolsa, u yǝrlǝrdikilǝr heli burunla bɵz kiyimigǝ yɵginip, külgǝ milinip towa ⱪilƣan bolatti.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى.
22 Mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, ⱪiyamǝt künidǝ Tur wǝ Zidondikilǝrning kɵridiƣini silǝrningkidin yenik bolidu.
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
23 Əy ǝrxkǝ kɵtürülgǝn Kǝpǝrnaⱨumluⱪlar! Silǝr tǝⱨtisaraƣa qüxürülisilǝr. Qünki aranglarda yaritilƣan mɵjizilǝr Sodomda yaritilƣan bolsa, u xǝⱨǝr bügüngiqǝ ⱨalak bolmiƣan bolatti. (Hadēs g86)
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. (Hadēs g86)
24 Əmma mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, ⱪiyamǝt künidǝ Sodom zeminidikilǝrning kɵridiƣini silǝrningkidinmu yenik bolidu.
ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ.
25 Xu waⱪitlarda, Əysa bu ixlarƣa ⱪarap mundaⱪ dedi: — Asman-zemin Igisi i Ata! Sǝn bu [ⱨǝⱪiⱪǝtlǝrni] danixmǝn wǝ ǝⱪilliⱪlardin yoxurup, sǝbiy balilarƣa axkariliƣanliⱪing üqün Sanga mǝdⱨiyilǝr oⱪuymǝn!
شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!
26 Bǝrⱨǝⱪ, i Ata, nǝziringdǝ bundaⱪ ⱪilix rawa idi.
بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.
27 Ⱨǝmmǝ manga Atamdin tǝⱪdim ⱪilindi; Oƣulni Atidin baxⱪa ⱨeqkim tonumaydu, wǝ Atinimu Oƣul wǝ Oƣul axkarilaxni layiⱪ kɵrgǝn kixilǝrdin baxⱪa ⱨeqkim tonumaydu.
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ.
28 Əy japakǝxlǝr wǝ eƣir yük yüklǝngǝn ⱨǝmminglar! Mening yenimƣa kelinglar, mǝn silǝrgǝ aramliⱪ berǝy.
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
29 Mening boyunturuⱪumni kiyip, mǝndin ɵgininglar; qünki mǝn mɵmin wǝ kǝmtǝrmǝn; xundaⱪ ⱪilƣanda, kɵnglünglar aram tapidu.
مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.
30 Qünki mening boyunturuⱪumda bolux asan, mening artidiƣan yüküm yeniktur.
چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.

< Matta 11 >