< Markus 9 >

1 U ularƣa yǝnǝ: — Mǝn silǝrgǝ xuni bǝrⱨǝⱪ eytip ⱪoyayki, bu yǝrdǝ turƣanlarning arisidin ɵlümning tǝmini tetixtin burun jǝzmǝn Hudaning padixaⱨliⱪining küq-ⱪudrǝt bilǝn kǝlgǝnlikini kɵridiƣanlar bardur.
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
2 Wǝ altǝ kündin keyin, Əysa Petrus, Yaⱪup wǝ Yuⱨannani ayrip elip, egiz bir taƣⱪa qiⱪti. U yǝrdǝ uning siyaⱪi ularning kɵz aldidila ɵzgirip,
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ،
3 kiyimliri yǝr yüzidiki ⱨeqbir aⱪartⱪuqimu aⱪartalmiƣudǝk dǝrijidǝ parⱪirap ⱪardǝk ap’aⱪ boldi.
كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى.
4 Ularning kɵz aldida Musa wǝ Ilyas [pǝyƣǝmbǝrlǝr] tuyuⱪsiz kɵründi; ular Əysa bilǝn sɵzlixiwatⱪanidi.
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى.
5 Petrus bu ixⱪa jawabǝn Əysaƣa: — Ustaz, bu yǝrdǝ bolƣinimiz intayin yahxi boldi! Birini sanga, birini Musaƣa, yǝnǝ birini Ilyasⱪa atap bu yǝrgǝ üq kǝpǝ yasayli! — dedi
پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى
6 (qünki Petrus nemǝ deyixini bilmǝy ⱪalƣanidi, qünki ular ⱪorⱪunqⱪa qɵmüp kǝtkǝnidi).
(چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى).
7 Tuyuⱪsiz bir parqǝ bulut ularni ⱪapliwaldi wǝ buluttin: «Bu Mening sɵyümlük Oƣlumdur; uningƣa ⱪulaⱪ selinglar!» degǝn awaz anglandi.
تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
8 Ular lappidǝ ǝtrapiƣa ⱪarixiwidi, lekin yǝnǝ ⱨeqkimni kɵrmidi, ɵz yenida pǝⱪǝt Əysanila kɵrdi.
ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى.
9 Ular taƣdin qüxüwatⱪanda, Əysa ularƣa, Insan’oƣli ɵlümdin tirildürülmigüqǝ, kɵrgǝnlirini ⱨeqkimgǝ eytmasliⱪni ǝmr ⱪilip tapilidi.
ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى.
10 Ular uning bu sɵzini kɵngligǝ püküp, «ɵlümdin tirilix» degǝnning zadi nemǝ ikǝnliki ⱨǝⱪⱪidǝ ɵzara mulaⱨizilǝxti.
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى.
11 Ular uningdin yǝnǝ: — Tǝwrat ustazliri nemǝ üqün: «Ilyas [pǝyƣǝmbǝr Mǝsiⱨ kelixtin] awwal ⱪaytip kelixi kerǝk» deyixidu? — dǝp soraxti.
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
12 U ularƣa jawabǝn: — Ilyas [pǝyƣǝmbǝr] dǝrwǝⱪǝ [Mǝsiⱨtin] awwal kelidu, andin ⱨǝmmǝ ixni orniƣa kǝltüridu; ǝmdi nemixⱪa muⱪǝddǝs yazmilarda Insan’oƣli kɵp azab-oⱪubǝt qekidu wǝ horlinidu, dǝp pütülgǝn?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟
13 Lekin mǝn silǝrgǝ xuni eytayki, Ilyas [pǝyƣǝmbǝr] dǝrⱨǝⱪiⱪǝt kǝldi wǝ dǝl muⱪǝddǝs yazmilarda u ⱨǝⱪⱪidǝ pütülgǝndǝk, kixilǝr uningƣa nemini halisa xundaⱪ ⱪildi.
لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى.
14 Ular muhlislarning yeniƣa ⱪaytip barƣinida, zor bir top adǝmlǝrning ularning ǝtrapiƣa olixiwalƣanliⱪini, birnǝqqǝ Tǝwrat ustazlirining ular bilǝn munazirǝ ⱪilixiwatⱪanliⱪini kɵrdi.
ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
15 Uni kɵrgǝn pütün halayiⱪ intayin ⱨǝyran boluxti wǝ yügürüp kelip uning bilǝn salamlaxti.
ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى.
16 U ulardin: — Ular bilǝn nemǝ toƣruluⱪ munazirǝ ⱪilixiwatisilǝr, — dǝp soridi.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى.
17 Halayiⱪtin birǝylǝn uningƣa: — Ustaz, mǝn oƣlumni sening aldingƣa elip kǝldim, qünki uningƣa gaqa ⱪilƣuqi bir roⱨ qaplixiwalƣan.
خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان.
18 Ⱨǝr ⱪetim roⱨ uni qirmiwalsa, uni tartixturup yiⱪitidu, xuning bilǝn balining aƣzi kɵpüklixip, qixliri kirixip ketidu; ⱪaⱪxal bolup ⱪalidu. Muhlisliringdin jinni ⱨǝydiwǝtkǝysilǝr dǝp tilidim, biraⱪ ular ⱪilalmidi, — dedi.
ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى.
19 U jawabǝn: — Əy etiⱪadsiz dǝwr, silǝr bilǝn ⱪaqanƣiqǝ turay?! Mǝn silǝrgǝ yǝnǝ ⱪaqanƣiqǝ sǝwr ⱪilay? — Balini aldimƣa elip kelinglar — dedi.
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.
20 Ular balini uning aldiƣa elip kǝldi. Əysani kɵrüx bilǝnla roⱨ balining pütün bǝdinini tartixturuwǝtti. Bala yiⱪilip, aƣzidin kɵpük qiⱪⱪan peti yǝrdǝ yumilap kǝtti.
ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى.
21 U balining atisidin: — Bu ix bexiƣa kǝlginigǝ ⱪanqǝ uzun boldi? — dǝp soridi. U: — Kiqikidin tartip xundaⱪ,
ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق،
22 jin uni ⱨalak ⱪilix üqün kɵp ⱪetim otⱪa wǝ suƣa taxlidi. Əmdi bir amal ⱪilalisang, bizgǝ iq aƣritip xapaǝt ⱪilƣaysǝn! — dedi.
جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى.
23 Əysa uningƣa: — «Ⱪilalisang!» dǝysǝnƣu! Ixǝnqtǝ bolƣan adǝmgǝ ⱨǝmmǝ ix mumkindur! — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى.
24 Balining atisi dǝrⱨal: — Mǝn ixinimǝn; ixǝnqsizlikimgǝ mǝdǝt ⱪilƣaysǝn! — dedi yiƣlap nida ⱪilip.
بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ.
25 Əmdi Əysa kɵpqilikning yügürüxüp kǝlgǝnlikini kɵrüp, ⱨeliⱪi napak roⱨⱪa tǝnbiⱨ berip: — Əy adǝmni gas wǝ gaqa ⱪilƣuqi roⱨ! Buyruⱪ ⱪilimǝnki, uningdin qiⱪ, ikkinqi kirgüqi bolma! — dedi.
ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى.
26 Xu ⱨaman jin bir qirⱪiridi-dǝ, balini dǝⱨxǝtlik tartixturup, uningdin qiⱪip kǝtti. Bala ɵlüktǝk yetip ⱪaldi, halayiⱪning kɵpinqisi «U ɵldi!» deyixti.
شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى.
27 Lekin Əysa balini ⱪolidin tutup yɵlidi, bala ornidin turdi.
لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
28 Əysa ɵygǝ kirgǝndin keyin, muhlisliri uning bilǝn yalƣuz ⱪalƣanda uningdin: — Biz nemǝ üqün jinni ⱨǝydiwetǝlmiduⱪ? — dǝp soraxti.
ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى.
29 U ularƣa: — Bu hil [jin] dua wǝ rozidin baxⱪa yol bilǝn qiⱪirilmas, — dedi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى.
30 Ular xu yǝrdin ayrilip, Galiliyǝdin ɵtüp ketiwatatti. Biraⱪ u buni ⱨeqkimning bilixini halimaytti.
ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى.
31 Qünki u muhlisliriƣa: — Insan’oƣli insanlarning ⱪoliƣa tapxurulup, ular uni ɵltüridu. Ɵltürülüp üq kündin keyin u tirilidu, — degǝn tǝlimni beriwatatti.
چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.
32 Lekin [muhlislar] bu sɵzni qüxǝnmidi ⱨǝmdǝ uningdin soraxⱪimu petinalmidi.
لېكىن [مۇخلىسلار] بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
33 U KǝpǝrNaⱨum xǝⱨirigǝ kǝldi. Ɵygǝ kirgǝndǝ u ulardin: — Yolda nemǝ toƣrisida mulaⱨizilǝxtinglar? — dǝp soridi.
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
34 Lekin ular xük turdi, qünki ular yolda ⱪaysimiz ǝng uluƣ dǝp bir-biri bilǝn mulaⱨizilǝxkǝnidi.
لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35 U olturup, on ikkǝylǝnni yeniƣa qaⱪirip, ularƣa: — Kim birinqi boluxni istigǝn bolsa, xu ⱨǝmmǝylǝnning ǝng ahirⱪisi wǝ ⱨǝmmǝylǝnning hizmǝtkari bolsun, — dedi.
ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى.
36 Andin u kiqik bir balini otturida turƣuzdi wǝ uni ⱪuqiⱪiƣa elip turup, ularƣa mundaⱪ dedi:
ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
37 — Kim mening namimda muxundaⱪ kiqik balini ⱪobul ⱪilsa, meni ⱪobul ⱪilƣan bolidu. Kim meni ⱪobul ⱪilsa, u meni ǝmǝs, bǝlki meni ǝwǝtküqini ⱪobul ⱪilƣan bolidu.
ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
38 Yuⱨanna uningƣa: — Ustaz, sening naming bilǝn jinlarni ⱨǝydǝwatⱪan birsini kɵrduⱪ. Lekin u biz bilǝn birgǝ sanga ǝgǝxkǝnlǝrdin bolmiƣaqⱪa, uni tostuⱪ, — dedi.
يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.
39 Lekin Əysa: — Uni tosmanglar. Qünki mening namim bilǝn bir mɵjizǝ yaratⱪan birsi arⱪidinla mening üstümdin yaman gǝp ⱪilixi mumkin ǝmǝs.
لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
40 Qünki bizgǝ ⱪarxi turmiƣanlar bizni ⱪolliƣanlardur.
چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر.
41 Qünki mǝn silǝrgǝ xuni bǝrⱨǝⱪ eytip ⱪoyayki, Mǝsiⱨkǝ mǝnsup bolƣanliⱪinglar üqün, mening namimda silǝrgǝ ⱨǝtta birǝr piyalǝ su bǝrgǝn kiximu ɵz in’amiƣa erixmǝy ⱪalmaydu.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ.
42 Lekin manga etiⱪad ⱪilƣan bundaⱪ kiqiklǝrdin birini gunaⱨⱪa putlaxturƣan ⱨǝrⱪandaⱪ adǝmni, u boyniƣa yoƣan tügmǝn texi esilƣan ⱨalda dengizƣa taxliwetilgini ǝwzǝl bolatti.
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
43 Əgǝr ǝmdi ⱪolung seni gunaⱨⱪa putlaxtursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki ikki ⱪolung bar ⱨalda dozahⱪa, yǝni ɵqürülmǝs otⱪa kirginingdin kɵrǝ, qolaⱪ ⱨalda ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝldur. (Geenna g1067)
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna g1067)
44 Qünki dozahta xularni [yǝydiƣan] ⱪurt-ⱪongƣuzlar ɵlmǝydu, yalⱪunluⱪ ot ɵqmǝydu.
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.
45 Əgǝr ǝmdi putung seni [gunaⱨⱪa] putlaxtursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki ikki putung bar ⱨalda dozahⱪa, yǝni ɵqürülmǝs otⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, tokur ⱨalda ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝl. (Geenna g1067)
ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067)
46 Qünki dozahta xularni [yǝydiƣan] ⱪurt-ⱪongƣuzlar ɵlmǝydu, yalⱪunluⱪ ot ɵqmǝydu.
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.
47 Əgǝr kɵzüng seni [gunaⱨⱪa] putlaxtursa, uni oyup taxliwǝt. Ikki kɵzüng bar ⱨalda otluⱪ dozahⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, singar kɵzlük bolup Hudaning padixaⱨliⱪiƣa kirgining ǝwzǝl. (Geenna g1067)
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067)
48 Qünki dozahta xularni [yǝydiƣan] ⱪurt-ⱪongƣuzlar ɵlmǝydu, yalⱪunluⱪ ot ɵqmǝydu.
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.
49 Ⱨǝmmǝ adǝm ot bilǝn tuzlinidu wǝ ⱨǝrbir ⱪurbanliⱪ tuz bilǝn tuzlinidu.
ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ.
50 Tuz yahxi nǝrsidur. Ⱨalbuki, ǝgǝr tuz ɵz tuzluⱪini yoⱪatsa, uningƣa ⱪaytidin tuz tǝmini ⱪandaⱪmu kirgüzgili bolidu? Ɵzünglarda tuz tepilsun wǝ bir-biringlar bilǝn inaⱪliⱪta ɵtünglar.
تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار.

< Markus 9 >