< Luⱪa 4 >

1 Andin Əysa Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa tolup, Iordan dǝryasidin ⱪaytip kelip, Roⱨ tǝripidin qɵl-bayawanƣa elip berildi.
ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى.
2 U u yǝrdǝ ⱪiriⱪ kün Iblis tǝripidin sinaldi. U bu künlǝrdǝ ⱨeqnǝrsǝ yemidi. Künlǝr ayaƣlaxⱪanda, uning ⱪorsiⱪi taza aqⱪanidi.
ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
3 Əmdi Iblis uningƣa: — Sǝn ǝgǝr Hudaning Oƣli bolsang, muxu taxⱪa: «Nanƣa aylan!» dǝp buyruƣin — dedi.
ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى.
4 Əysa uningƣa jawabǝn: — [Tǝwratta]: «Insan pǝⱪǝt nan bilǝnla ǝmǝs, bǝlki Hudaning ⱨǝrbir sɵzi bilǝnmu yaxaydu» dǝp yezilƣan, — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.
5 Iblis yǝnǝ uni egiz bir taƣⱪa baxlap qiⱪip, bir dǝⱪiⱪǝ iqidǝ dunyadiki barliⱪ dɵlǝtlǝrni uningƣa kɵrsǝtti.
ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.
6 Iblis uningƣa: — Mǝn bu ⱨakimiyǝtning ⱨǝmmisini wǝ uningƣa tǝwǝ barliⱪ xanuxǝwkǝtlǝrni sanga tǝⱪdim ⱪilimǝn; qünki bular manga tapxurulƣan, mǝn uni kimgǝ berixni halisam, xuningƣa berimǝn.
ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.
7 Əgǝr bax ⱪoyup manga sǝjdǝ ⱪilsang, bularning ⱨǝmmisi seningki bolidu, — dedi.
ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى.
8 Əysa uningƣa jawab berip: — [Tǝwratta]: «Pǝrwǝrdigar Hudayingƣila ibadǝt ⱪil, pǝⱪǝt Uningla ⱪulluⱪida bol!» dǝp yezilƣan, — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.
9 Andin Iblis uni Yerusalemƣa elip bardi wǝ uni ibadǝthanining ǝng egiz jayiƣa turƣuzup: — Hudaning Oƣli bolsang, ɵzüngni pǝskǝ taxlap baⱪⱪin!
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن!
10 Qünki [Tǝwratta]: «[Huda] Ɵz pǝrixtilirigǝ seni ⱪoƣdax ⱨǝⱪⱪidǝ ǝmr ⱪilidu»;
چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛
11 wǝ, «Putungning taxⱪa urulup kǝtmǝsliki üqün, ular seni ⱪollirida kɵtürüp yüridu» dǝp yezilƣan, — dedi.
ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.
12 Əysa uningƣa: — «[Tǝwratta]: «Pǝrwǝrdigar Hudayingni siniƣuqi bolma!» dǝpmu yezilƣan, — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى.
13 Iblis barliⱪ sinaxlarni ixlitip qiⱪⱪandin keyin, uni waⱪtinqǝ taxlap ketip ⱪaldi.
ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.
14 Əysa Roⱨning küq-ⱪudriti iqidǝ Galiliyǝ ɵlkisigǝ ⱪaytip kǝldi. Xuning bilǝn uning hǝwǝr-xɵⱨriti ǝtraptiki ⱨǝrbir yurtlarƣa tarⱪaldi.
ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.
15 U ularning sinagoglirida tǝlim bergili turdi wǝ ularning uluƣlaxliriƣa sazawǝr boldi.
ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى.
16 U ɵzi beⱪip qong ⱪilinƣan yurti Nasarǝtkǝ kelip, xabat küni adǝttikidǝk sinagogⱪa kirdi wǝ xundaⱪla [muⱪǝddǝs yazmilarni] oⱪuxⱪa ɵrǝ turdi
ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى
17 wǝ Tǝwrattiki «Yǝxaya» degǝn ⱪisim uningƣa tapxuruldi. U oram yazmini eqip, munu sɵzlǝr yezilƣan yǝrni tepip oⱪudi:
ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:
18 — «Pǝrwǝrdigarning Roⱨi mening wujudumda, Qünki U meni yoⱪsullarƣa hux hǝwǝrlǝr yǝtküzüxkǝ mǝsiⱨ ⱪildi. Tutⱪunlarƣa azadliⱪni, Wǝ korlarƣa kɵrüx xipasini jakarlaxⱪa, Ezilgǝnlǝrni halas ⱪilixⱪa, Pǝrwǝrdigarning xapaǝt kɵrsitidiƣan yilini jakarlaxⱪa meni ǝwǝtti».
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى».
20 U yazmini türüwetip, sinagog hizmǝtqisigǝ ⱪayturup berip, olturdi. Sinagogta olturƣanlarning ⱨǝmmisining kɵzliri uningƣa tikilip turatti.
ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.
21 U kɵpqilikkǝ: — Mana bu ayǝt bügün ⱪuliⱪinglarƣa anglanƣinida ǝmǝlgǝ axurulmaⱪta, — dedi.
ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى.
22 Ⱨǝmmisi uning yahxi gepini ⱪilixip, uning aƣzidin qiⱪiwatⱪan xapaǝtlik sɵzlirigǝ ⱨǝyran ⱪelixip: — Bu Yüsüpning oƣli ǝmǝsmu? — deyixti.
ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
23 U ularƣa: — Xübⱨisizki, silǝr manga «Əy tewip, awwal ɵzüngni saⱪayt!» degǝn tǝmsilni kǝltürüp, «Hǝwǝr tapⱪinimizdǝk, Kǝpǝrnaⱨum xǝⱨiridǝ nemǝ ixlar yüz bǝrgǝn bolsa, muxu yǝrdimu, ɵz yurtungdimu xularni kɵrsǝtmǝmsǝn?» dǝwatisilǝr, — dedi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى.
24 — Biraⱪ xuni silǝrgǝ bǝrⱨǝⱪ eytip ⱪoyayki, ⱨeqⱪandaⱪ pǝyƣǝmbǝr ɵz yurti tǝripidin ⱪobul ⱪilinƣan ǝmǝs.
ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس.
25 Mǝn silǝrgǝ xu ⱨǝⱪiⱪǝtni ǝslitimǝnki, Ilyas [pǝyƣǝmbǝr]ning waⱪtida, asman uda üq yil altǝ ay etilip, dǝⱨxǝtlik bir ⱪǝⱨǝtqilik barliⱪ zeminni basⱪanda, Israilda nurƣun tul ayallar bar idi;
مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛
26 biraⱪ Ilyas ularning ⱨeqⱪaysisining ⱪexiƣa ǝmǝs, bǝlki Zidonning Zarǝfat xǝⱨiridiki bir tul ayalning ⱪexiƣila ǝwǝtilgǝn.
بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن.
27 Wǝ [xuningƣa ohxax], Elixa pǝyƣǝmbǝrning waⱪtida, Israilda mahaw kesiligǝ giriptar bolƣanlar nurƣun bolsimu, lekin Suriyǝlik Naamandin baxⱪa, ⱨeqⱪaysisi saⱪaytilƣan ǝmǝs! — dedi.
ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى.
28 Sinagogdikilǝr bu sɵzlǝrni anglap, ⱨǝmmisi ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndi;
سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛
29 ornidin turuxup, uni xǝⱨǝrdin ⱨǝydǝp qiⱪirip, xu xǝⱨǝr jaylaxⱪan taƣning lewigǝ ǝqiⱪip, tik yardin taxliwǝtmǝkqi boluxti.
ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى.
30 Lekin u ularning arisidin bimalal ɵtüp, ɵz yoliƣa qiⱪip kǝtti.
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى.
31 U Galiliyǝ ɵlkisining Kǝpǝrnaⱨum degǝn bir xǝⱨirigǝ qüxti, u yǝrdǝ xabat künliridǝ hǝlⱪⱪǝ tǝlim berǝtti.
ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى.
32 Ular uning tǝlimigǝ ⱨǝyran ⱪelixti, qünki uning sɵzi tolimu nopuzluⱪ idi.
ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.
33 Əmdi sinagogta napak jinning roⱨi qaplaxⱪan bir kixi bolup, [uningdiki jin] ⱪattiⱪ awazda:
ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا:
34 — Əy Nasarǝtlik Əysa, sening biz bilǝn nemǝ karing?! Bizni yoⱪatⱪili kǝldingmu? Mǝn sening kimlikingni bilimǝn, Hudaning Muⱪǝddǝs Bolƣuqisisǝn! — dǝp towlap kǝtti.
ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.
35 Lekin Əysa jinƣa tǝnbiⱨ berip: — Aƣzingni yum! Uningdin qiⱪ! — dewidi, jin ⱨeliⱪi adǝmni halayiⱪ otturisida yiⱪitiwetip, uningdin qiⱪip kǝtti. Lekin uningƣa ⱨeq zǝrǝr yǝtküzmidi.
لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى.
36 Ⱨǝmmǝylǝn buningdin ⱪattiⱪ ⱨǝyran boluxup, bir-birigǝ: — Bu zadi ⱪandaⱪ ix! U dǝrwǝⱪǝ ⱨoⱪuⱪ wǝ ⱪudrǝt bilǝn napak roⱨlarƣa ǝmr ⱪilsila, ular qiⱪip ketidikǝn, — deyixti.
ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى.
37 Xuning bilǝn uning hǝwǝr-xɵⱨriti ǝtraptiki ⱨǝrbir yurtlarƣa tarⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.
38 Əysa sinagogtin qiⱪip, Simonning ɵyigǝ kirdi. Lekin Simonning ⱪeynanisi eƣir tǝp kesili bolup ⱪalƣanidi; ular Əysadin uning ⱨajitidin qiⱪixini ɵtündi.
ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى.
39 U ayalning bexida turup, tǝpkǝ tǝnbiⱨ beriwidi, tǝp xuan uningdin kǝtti. U dǝrⱨal ornidin turup, ularni kütüxkǝ baxlidi.
ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
40 Kün petixi bilǝnla, kixilǝr ⱨǝrhil kesǝllǝrgǝ giriptar bolƣan yeⱪinliri bolsila, ularni uning aldiƣa elip kelixti. U ularƣa bir-birlǝp ⱪolini tǝgküzüp, ularni saⱪaytti.
كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى.
41 Kixilǝrgǝ qaplaxⱪan nurƣun jinlar ulardin qiⱪip: «Sǝn Hudaning Oƣli!» dǝp towlap ketǝtti. Lekin u ularƣa tǝnbiⱨ berip, sɵz ⱪilixiƣa yol ⱪoymidi; qünki ular uning Mǝsiⱨ ikǝnlikini bilǝtti.
كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
42 Kün qiⱪixi bilǝn, u xǝⱨǝrdin qiⱪip, pinⱨan bir jayƣa kǝtti. Biraⱪ top-top halayiⱪ uni izdǝp yürǝtti; ular uni tapⱪanda aldiƣa kelip, uni arimizda ⱪalsun dǝp ketixidin tosmaⱪqi boluxti.
كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى.
43 Lekin u ularƣa: — Hudaning padixaⱨliⱪining hux hǝwirini baxⱪa xǝⱨǝr-yezilarƣimu yǝtküzüxüm kerǝk; qünki mǝn dǝl bu ixⱪa ǝwǝtilgǝnmǝn, — dedi.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.
44 Xuning bilǝn u Galiliyǝdiki sinagoglarda tǝlim berip yüriwǝrdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى.

< Luⱪa 4 >