< Luⱪa 22 >

1 Əmdi petir nan ⱨeyti («ɵtüp ketix ⱨeyti» dǝpmu atilidu) yeⱪinlixip ⱪalƣanidi.
ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى.
2 Bax kaⱨinlar wǝ Tǝwrat ustazliri uni ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilixⱪa amal izdǝp yürǝtti; qünki ular hǝlⱪtin ⱪorⱪatti.
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى.
3 Xu pǝyttǝ on ikkiylǝndin biri bolƣan, Ixⱪariyot dǝp atalƣan Yǝⱨudaning kɵngligǝ Xǝytan kirdi.
شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى.
4 U berip bax kaⱨinlar wǝ ibadǝthana pasiban bǝgliri bilǝn Əysani ⱪandaⱪ ⱪilip ularƣa tutup berix üstidǝ mǝsliⱨǝtlǝxti.
ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى.
5 Ular intayin hux bolup, Yǝⱨudaƣa pul berixkǝ kelixti.
ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى.
6 Yǝⱨuda maⱪul bolup, uni halayiⱪtin ayrim ⱪalƣanda ularƣa tutup berixkǝ muwapiⱪ pursǝt izdǝxkǝ kirixti.
يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى.
7 Əmdi petir nan ⱨeytining [birinqi] küni yetip kǝlgǝnidi. Xu küni «ɵtüp ketix ⱨeyti»ƣa atap ⱪurbanliⱪ [ⱪoza] soyulatti.
ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ [بىرىنچى] كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق [قوزا] سويۇلاتتى.
8 Xuning bilǝn Əysa Petrus bilǝn Yuⱨannaƣa: — Berip bizgǝ ɵtüp ketix ⱨeytining [ⱪozisini] birgǝ yegili tǝyyarlanglar, — dǝp ularni ǝwǝtti.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [قوزىسىنى] بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.
9 — Ⱪǝyǝrdǝ tǝyyarliximizni halaysǝn? — dǝp soridi ular.
ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار.
10 U ularƣa mundaⱪ dedi: — Xǝⱨǝrgǝ kirsǝnglar, mana u yǝrdǝ kozida su kɵtürüwalƣan bir ǝr kixi silǝrgǝ uqraydu. Uning kǝynidin mengip u kirgǝn ɵygǝ kiringlar.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار.
11 Wǝ ɵy igisigǝ: «Ustaz: — Muhlislirim bilǝn ɵtüp ketix ⱨeytining tamiⱪini yǝydiƣan meⱨmanhana ɵy ⱪǝyǝrdǝ? — dǝp sorawatidu» dǝnglar.
ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار.
12 U silǝrni baxlap üstünki ⱪǝwǝttiki rǝtlǝngǝn sǝrǝmjanlaxturulƣan qong bir eƣiz ɵyni kɵrsitidu. Mana xu yǝrdǝ tǝyyarliⱪ ⱪilip turunglar.
ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار.
13 Xuning bilǝn ikkisi beriwidi, ⱨǝmmǝ ixlar uning eytⱪinidǝk bolup qiⱪti. Ular xu yǝrdǝ ɵtüp ketix ⱨeytining tamiⱪini tǝyyarlaxti.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى.
14 Əmdi waⱪti-saiti kǝlgǝndǝ, Əysa dastihanda olturdi; on ikki rosul uning bilǝn billǝ olturuxti.
ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى.
15 Andin u ularƣa: — Mǝn azab qekixtin ilgiri, silǝr bilǝn ɵtüp ketix ⱨeytining bu tamiⱪiƣa ⱨǝmdastihanda boluxⱪa tolimu intizar bolup kǝlgǝnidim.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم.
16 Qünki silǝrgǝ eytayki, bu ⱨeyt ziyapitining [ǝⱨmiyiti] Hudaning padixaⱨliⱪida ǝmǝlgǝ axurulmiƣuqǝ, mǝn buningdin ⱪayta yemǝymǝn, — dedi.
چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ [ئەھمىيىتى] خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى.
17 Andin u bir jamni ⱪoliƣa elip, tǝxǝkkür eytti wǝ muhlisliriƣa: — Buni elip aranglarda tǝⱪsim ⱪilip [iqinglar].
ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا: ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ [ئىچىڭلار].
18 Qünki xuni eytayki, mundin keyin Hudaning padixaⱨliⱪi kǝlmigüqǝ, ⱨǝrgiz üzüm xǝrbitidin ⱪǝt’iy iqmǝymǝn, — dedi.
چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى.
19 Andin u bir tal nanni ⱪoliƣa elip, Hudaƣa tǝxǝkkür eytti wǝ uni oxtup, ularƣa ülǝxtürüp berip: — Bu mening silǝr üqün pida bolidiƣan tenimdur. Meni ǝslǝp turux üqün buningdin yǝnglar, — dedi.
ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى.
20 U xuningdǝk tamaⱪtin keyinki jamni ⱪoliƣa elip mundaⱪ dedi: — Bu jamdiki xarab mening silǝr üqün tɵkülidiƣan ⱪenimda bolƣan yengi ǝⱨdidur.
ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر.
21 Lekin mana, meni tutup bǝrgüqining ⱪoli mening bilǝn bir dastihandidur.
لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر.
22 Wǝ Insan’oƣli dǝrwǝⱪǝ ɵzi toƣrisida bekitilgǝndǝk [alǝmdin] ketidu; biraⱪ Insan’oƣlining tutup berilixigǝ wasitiqi bolƣan adǝmning ⱨaliƣa way!
ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك [ئالەمدىن] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!
23 Andin muhlislar bir-biridin: — Arimizda zadi kim muxundaⱪ ixni ⱪilixi mumkin? — dǝp munazirigǝ qüxüp ketixti.
ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى.
24 Əmdi ularning arisida ⱪaysimiz ǝng uluƣ saniliximiz kerǝk degǝn talax-tartix pǝyda boldi.
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى.
25 U ularƣa mundaⱪ dedi: — Əllǝrdiki padixaⱨlar ⱪol astidiki hǝlⱪ üstidin buyruⱪwazliⱪ ⱪilip idarǝ ⱪilidu, ularning üstidiki ⱨoⱪuⱪdarliri «hǝlⱪpǝrwǝr» dǝp atilidu.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ.
26 Biraⱪ silǝr xundaⱪ bolmanglar; bǝlki aranglardiki ǝng mǝrtiwiliki ɵzini ǝng kiqikidǝk ⱨesablisun wǝ yetǝkqi bolƣanlar [ⱨǝmmǝylǝngǝ] hizmǝtkardǝk bolsun.
بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار [ھەممەيلەنگە] خىزمەتكاردەك بولسۇن.
27 Kim mǝrtiwilik, dastihanda olturƣanmu yaki dastihandiki kütküqimu? Dastihanda olturƣini ǝmǝsmu? Biraⱪ mǝn bolsam aranglarda hizmitinglarda bolƣuqi kütküqidǝkturmǝn.
كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن.
28 Silǝr bolsanglar, beximƣa sinaⱪlar kǝlgǝndǝ baxtin-ahir mǝn bilǝn billǝ ⱨǝmraⱨ bolƣansilǝr.
سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر.
29 Wǝ huddi Atam manga padixaⱨliⱪ ⱨoⱪuⱪi bekitkǝndǝk, mǝn silǝrgimu xundaⱪ bekitimǝn.
ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن.
30 Xuning bilǝn silǝr mening padixaⱨliⱪimda mǝn bilǝn bir dastihanda yǝp-iqisilǝr wǝ tǝhtlǝrdǝ olturup, Israilning on ikki ⱪǝbilisi üstidin ⱨɵküm qiⱪirisilǝr.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.
31 Rǝb yǝnǝ [Petrusⱪa]: — «Əy Simon, Simon! Mana, Xǝytan ⱨǝmminglarni huddi buƣday tasⱪiƣandǝk tasⱪap sinaxni tiligǝn.
رەب يەنە [پېترۇسقا]: ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن.
32 Lekin etiⱪading yoⱪimisun dǝp sanga dua ⱪildim. Əmdi sǝn towa ⱪilip tüz yolƣa ⱪaytⱪandin keyin, ⱪerindaxliringni mustǝⱨkǝmligin» — dedi.
لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى.
33 — I Rǝb, — dedi Petrus, — Mǝn sǝn bilǝn billǝ zindanƣa taxlinip, billǝ ɵlümgǝ berixⱪa tǝyyarmǝn!
ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!
34 U uningƣa: — I Petrus, sanga eytayki, bügün horaz qilliƣuqǝ, sǝn «Uni tonumaymǝn» dǝp mǝndin üq ⱪetim tanisǝn, dedi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى.
35 Andin, u ulardin: — Silǝrni ⱨǝmyansiz, hurjunsiz wǝ kǝxsiz [sǝpǝrgǝ] ǝwǝtkinimdǝ silǝrning birǝr nǝrsǝnglar kǝm bolup ⱪalƣanmu? — dǝp soridi. Ular: — Yaⱪ, dedi.
ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز [سەپەرگە] ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى.
36 Xuning bilǝn u ularƣa: — Lekin ⱨazir ⱨǝr kimning ⱨǝmyani bolsa, uni alsun; xundaⱪ ⱨǝm hurjuni bolsa, uni alsun wǝ bir kimning ⱪiliqi bolmisa, qapinini setip birdin ⱪiliq alsun.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن.
37 Qünki mǝn silǝrgǝ xuni eytayki, [muⱪǝddǝs yazmilarda]: «U jinayǝtqilǝr ⱪatarida sanilidu» dǝp pütülgǝn sɵz mǝndǝ qoⱪum ǝmǝlgǝ axurulidu. Qünki mening toƣramdiki barliⱪ ixlar toluⱪ ǝmǝlgǝ axmay ⱪalmaydu — dedi.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى.
38 — I Rǝb, ⱪariƣin, bu yǝrdǝ ikki ⱪiliq bar ikǝn, dedi ular. — Boldi, yetidu! — dedi u ularƣa.
ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار. ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
39 Andin u qiⱪip, aditi boyiqǝ Zǝytun teƣiƣa yol aldi; uning muhlisliri uningƣa ǝgixip bardi.
ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى.
40 U yǝrgǝ yetip barƣanda u ularƣa: — Azdurulmasliⱪinglar üqün dua ⱪilinglar, — dedi.
ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.
41 Andin, ulardin bir tax etimiqǝ neriraⱪ berip, tizlinip turup:
ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:
42 — I Ata, halisang, bu ⱪǝdǝⱨni mǝndin elip kǝtkǝysǝn. Lekin mening ǝmǝs, bǝlki Sening iradǝng ada ⱪilinsun — dǝp dua ⱪildi;
ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛
43 wǝ asmandin bir pǝrixtǝ uningƣa kɵrünüp uni ⱪuwwǝtlǝndürdi.
ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى.
44 U ⱪattiⱪ azabta tolƣinip tehimu ihlasliⱪ bilǝn dua ⱪiliwǝrdi. Buning bilǝn uning tǝrliri yǝrgǝ tɵkülgǝn ⱪan tamqiliridǝk qüxüxkǝ baxlidi.
ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
45 Andin duasini tügitip, ornidin turup, muhlislirining yeniƣa kǝldi. Ularning ƣǝmgǝ qɵküp ⱨalsizlinip mügdǝp ⱪalƣanliⱪini kɵrüwidi, ularƣa:
ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا:
46 — Uhlap ⱪalƣininglar nemisi? Azduruluxtin saⱪlinix üqün ⱪopup dua ⱪilinglar, — dedi.
ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.
47 Uning sɵzi tehi ayaƣlaxmastinla, bir top adǝmlǝr pǝyda boldi. Ularni baxlap kǝlgüqi on ikkǝylǝndin biri bolƣan Yǝⱨuda degǝn kixi idi; u Əysaƣa [salam berip] sɵygili ⱪexiƣa bardi.
ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا [سالام بېرىپ] سۆيگىلى قېشىغا باردى.
48 Əysa uningƣa: — Əy Yǝⱨuda, bir sɵyüx bilǝn Insan’oƣlini tutup berǝrsǝnmu? — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى.
49 Wǝ Əysaning ǝtrapidikilǝr nemǝ ix yüz beridiƣanliⱪini bilip yetip: — I Rǝb, ⱪiliq bilǝn uraylimu? — dedi.
ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى.
50 Wǝ ulardin biri [ⱪiliqini kɵtürüp], bax kaⱨinning qakiriƣa urup, ong ⱪuliⱪini xiliwǝtti.
ۋە ئۇلاردىن بىرى [قىلىچىنى كۆتۈرۈپ]، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى.
51 Biraⱪ Əysa buningƣa jawabǝn: — Boldi, tohta! — dedi; u ⱪolini uzitip ⱪuliⱪiƣa tǝgküzüp, uni saⱪaytti.
بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى.
52 Əysa ɵzini tutⱪili kǝlgǝn bax kaⱨinlar, pasiban bǝgliri wǝ aⱪsaⱪallarƣa ⱪarap: — Bir ⱪaraⱪqini tutidiƣandǝk ⱪiliq-toⱪmaⱪlarni kɵtürüp kǝpsilǝrƣu?
ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟
53 Muⱪǝddǝs ibadǝthanida ⱨǝr küni silǝr bilǝn billǝ idim, silǝr ⱪol salmidinglar. Ⱨazir bu silǝrgǝ tǝwǝ bolƣan waⱪit-saǝttur wǝ ⱪarangƣuluⱪning ⱨɵküm sürüxidur — dedi.
مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى.
54 Ular Əysani tutuwelip, bax kaⱨinning ɵyigǝ elip kelixti. Petrus yiraⱪtin ǝgixip mangdi.
ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى.
55 Əmdi ular ⱨoylining otturisida ot yeⱪip qɵrisidǝ [issinip] olturƣanda, Petrus ularning arisiƣa kirip olturdi.
ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە [ئىسسىنىپ] ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى.
56 Andin otning nurida uning olturƣinini kɵrgǝn bir dedǝk uningƣa tikilip ⱪarap turup: — Bu adǝmmu Əysa bilǝn billǝ idi, — dedi.
ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى.
57 Lekin u tenip: — Əy hotun, uni tonumaymǝn! — dedi.
لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى.
58 Andin uzun ɵtmǝy, yǝnǝ birǝylǝn uni kɵrüp: — Sǝnmu ulardin ikǝnsǝn, — dedi. Lekin Petrus: — Əy buradǝr, undaⱪ ǝmǝsmǝn! — dedi.
ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى.
59 Andin bir saǝtqǝ ɵtkǝndǝ baxⱪa birǝylǝn: — Dǝrⱨǝⱪiⱪǝt, bu ⱨǝm uning bilǝn billǝ idi; qünki umu Galiliyǝliktur, — dǝp qing turuwaldi.
ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
60 Lekin Petrus: — Ⱨǝy buradǝr, nemǝ dǝwatⱪiningni bilmǝymǝn! — dedi. Wǝ uning sɵzi ayaƣlaxmastinla, horaz qillidi.
لېكىن پېترۇس: ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى.
61 Əmdi Rǝb kǝynigǝ burulup, Petrusⱪa tikilip ⱪarap ⱪoydi. Xuning bilǝn Petrus Rǝbning sɵzini, yǝni: «Bügün horaz qillaxtin ilgiri sǝn mǝndin üq ⱪetim tanisǝn» degǝnlikini yadiƣa kǝltürdi.
ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى.
62 Wǝ u taxⱪiriƣa qiⱪip ⱪattiⱪ yiƣlap kǝtti.
ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
63 Əmdi Əysani tutup turuwatⱪanlar uni mǝshirǝ ⱪilixⱪa wǝ sawap-dumbilaxⱪa baxlidi;
ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛
64 uning kɵzlirini tengip uningdin: — Seni urƣan kimdu? Ⱪeni, bexarǝt bǝrgin! — dǝp soraxti
ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى
65 wǝ uningƣa buningdin baxⱪa yǝnǝ nurƣun ⱨaⱪarǝtlǝrni yaƣdurdi.
ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى.
66 Tang atⱪanda, hǝlⱪ aⱪsaⱪalliri, yǝni bax kaⱨinlar wǝ Tǝwrat ustazliri yiƣilixti. Ular uni ɵz kengǝxmisigǝ elip berip
تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ
67 uningdin: — Eytǝ, sǝn Mǝsiⱨmu? — dǝp soraxti. U ularƣa jawabǝn: — Silǝrgǝ eytsammu, ⱪǝt’iy ixǝnmǝysilǝr.
ئۇنىڭدىن: ــ ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر.
68 Silǝrdin birǝr soal sorisam, ⱨeq jawab bǝrmǝysilǝr.
سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر.
69 Lekin bu waⱪittin baxlap Insan’oƣli Ⱨǝmmigǝ Ⱪadirning ong yenida olturidu, — dedi.
لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى.
70 — Undaⱪta, sǝn Hudaning Oƣli ikǝnsǝn-dǝ? — deyixti ular. U: — Degininglardǝk mǝn xudurmǝn! — dǝp jawab bǝrdi.
ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
71 Xuning bilǝn ular: — Əmdi baxⱪa guwaⱨqiliⱪning bizgǝ nemǝ ⱨajiti? Qünki ɵzimiz uning ɵz aƣzidin qiⱪⱪinini angliduⱪ! — deyixti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى.

< Luⱪa 22 >