< Luⱪa 2 >

1 Əmdi xu künlǝrdǝ, [Rim imperatori] Ⱪǝysǝr Awƣustustin barliⱪ hǝlⱪtin baj elix üqün ularning royheti tizimlansun dǝp pǝrman qüxti.
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى.
2 Tunji ⱪetimliⱪ bu nopus tizimlax Kiriniyus Suriyǝ ɵlkisini idarǝ ⱪilip turƣan waⱪtida elip berilƣanidi.
تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
3 Xuning bilǝn ⱨǝmmǝ adǝm nopusⱪa tizimlinix üqün ɵz yurtliriƣa ⱪaytix kerǝk boldi.
شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى.
4 Yüsüpmu Dawut [padixaⱨning] jǝmǝtidin bolƣaqⱪa, xundaⱪla uning biwasitǝ ǝwladi bolƣaqⱪa, Galiliyǝ ɵlkisidiki Nasarǝt xǝⱨiridin ayrilip, Yǝⱨudiyǝ ɵlkisidiki, Dawutning yurti Bǝyt-Lǝⱨǝm degǝn xǝⱨǝrgǝ kǝtti.
يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى.
5 Nopusⱪa tizimlinix üqün layiⱪi, bolƣusi ayali Mǝryǝmmu billǝ bardi. Mǝryǝm ⱨamilidar bolup, ⱪorsiⱪi helila yoƣinap ⱪalƣanidi.
نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى.
6 Wǝ xundaⱪ boldiki, ular Bǝyt-Lǝⱨǝmdǝ turƣan waⱪtida Mǝryǝmning tuƣutining ay-küni toxup ⱪaldi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى.
7 Biraⱪ sarayda ularƣa orun bolmiƣaqⱪa, Mǝryǝm xu yǝrdǝ tunji oƣlini tuƣⱪanda uni zakilap, eƣildiki oⱪurƣa yatⱪuzdi.
بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى.
8 Xu yǝrning ǝtrapidiki bǝzi padiqilar dalada turatti; ular keqiqǝ tünǝp, padisiƣa ⱪaraytti.
شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى.
9 Wǝ mana, Pǝrwǝrdigarning bir pǝrixtisi ularning aldida turatti; Pǝrwǝrdigarning parlaⱪ xǝripi ularning ǝtrapini yorutuwǝtti. Ular intayin bǝk ⱪorⱪup kǝtti.
ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى.
10 Biraⱪ pǝrixtǝ ularƣa: — Ⱪorⱪmanglar! Qünki mana, pütün hǝlⱪⱪǝ huxalliⱪ bolidiƣan bir hux hǝwǝrni silǝrgǝ elan ⱪilimǝn.
بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن.
11 Qünki bügün Dawutning xǝⱨiridǝ silǝr üqün bir Ⱪutⱪuzƣuqi tuƣuldi. U — Rǝb Mǝsiⱨdur!
چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر!
12 [Uni] tepixinglar [üqün] xu alamǝt boliduki, bowaⱪni zakilanƣan ⱨalda bir oⱪurda yatⱪan petidǝ tapisilǝr, — dedi.
[ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى.
13 Birdinla, pǝrixtining ǝtrapida zor bir top samawi ⱪoxundikilǝr pǝyda bolup, Hudani mǝdⱨiyilǝp:
بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:
14 «Ərxiǝlada Hudaƣa xan-xǝrǝplǝr bolƣay! Yǝr yüzidǝ bolsa u sɵyünidiƣan bǝndilirigǝ aram-hatirjǝmlik bolsun!» deyixti.
«ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى.
15 Pǝrixtilǝr ulardin ayrilip asmanƣa qiⱪip ketiwidi, padiqilar bir-birigǝ: — Bǝyt-Lǝⱨǝmgǝ yol elip, Pǝrwǝrdigar bizgǝ uⱪturƣan, ǝmǝlgǝ axurƣan bu ixni kɵrüp kelǝyli, — deyixti.
پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى.
16 Xuning bilǝn ular aldirap xǝⱨǝrgǝ berip, Mǝryǝm bilǝn Yüsüpni wǝ oⱪurda yatⱪan bowaⱪni izdǝp tapti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى.
17 Padiqilar [bowaⱪni] kɵrgǝndin keyin, ɵzlirigǝ uning ⱨǝⱪⱪidǝ eytilƣan sɵzlǝrni kǝng tarⱪitiwǝtti.
پادىچىلار [بوۋاقنى] كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى.
18 Buni angliƣanlarning ⱨǝmmisi padiqilarning degǝnlirigǝ intayin ⱨǝyran ⱪelixti.
بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
19 Mǝryǝm bolsa bu ixlarning ⱨǝmmisini kɵngligǝ püküp, qongⱪur oylinip yürǝtti.
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى.
20 Padiqilar kɵrgǝn wǝ angliƣanlirining ⱨǝmmisi üqün Hudani uluƣlap, mǝdⱨiyǝ oⱪuxⱪan peti ⱪaytixti; barliⱪ ixlar dǝl ularƣa hǝwǝrlǝndürülgǝndǝk bolup qiⱪⱪanidi.
پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى.
21 Bowaⱪni hǝtnǝ ⱪilix waⱪti, yǝni sǝkkizinqi küni toxⱪanda, uningƣa Əysa dǝp isim ⱪoyuldi. Pǝrixtǝ bu isimni u tehi anisining baliyatⱪusida apiridǝ bolmayla ⱪoyƣanidi.
بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى.
22 Əmdi Musa [pǝyƣǝmbǝrgǝ] qüxürülgǝn ⱪanun boyiqǝ Yüsüp bilǝn Mǝryǝmning paklinix waⱪti toxⱪanda ular balini Pǝrwǝrdigarƣa atap tapxurux üqün Yerusalemƣa elip bardi
ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەرگە] چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى
23 (Pǝrwǝrdigarning Tǝwrat ⱪanunida: «Barliⱪ tunji oƣul Pǝrwǝrdigarƣa muⱪǝddǝs mǝnsup atilixi kerǝk» dǝp yezilƣinidǝk)
(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك)
24 wǝ xundaⱪla Pǝrwǝrdigarning Tǝwrat ⱪanunida deyilgini boyiqǝ, bir jüp pahtǝk yaki ikki kǝptǝr baqkisini ⱪurbanliⱪⱪa sunux kerǝk idi.
ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى.
25 Wǝ mana xu qaƣlarda, Yerusalemda Simeon isimlik bir kixi turatti. U ⱨǝm ⱨǝⱪⱪaniy wǝ ihlasmǝn adǝm bolup, «Israilƣa Tǝsǝlli Bǝrgüqi»ni intizarliⱪ bilǝn kütkǝnidi. Muⱪǝddǝs Roⱨ uning wujudiƣa yar idi.
ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى.
26 U Muⱪǝddǝs Roⱨtin kǝlgǝn wǝⱨiydin ɵzining Pǝrwǝrdigarning Mǝsiⱨini kɵrmigüqǝ ɵlüm kɵrmǝydiƣanliⱪini bilgǝnidi.
ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.
27 U Muⱪǝddǝs Roⱨning baxlixi bilǝn ibadǝthanining [ⱨoyliliriƣa] kirdi; ata-anisi Tǝwratta bekitilgǝn adǝtni bejirix üqün bowaⱪ Əysani kɵtürüp kirgǝndǝ,
ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ [ھويلىلىرىغا] كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە،
28 Simeon bowaⱪni ⱪuqiⱪiƣa elip, Hudaƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ oⱪup mundaⱪ dedi: —
سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ
29 «Əmdi, i Igǝm, ⱨazir sɵzüng boyiqǝ ⱪulungning bu alǝmdin hatirjǝmlik bilǝn ketixigǝ yol ⱪoyƣaysǝn;
«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛
30 Qünki ɵz kɵzüm Sening nijatingni kɵrdi,
چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى،
31 Uni barliⱪ hǝlⱪlǝr aldida ⱨazirliƣansǝn;
ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛
32 U ǝllǝrgǝ wǝⱨiy bolidiƣan nur, Wǝ hǝlⱪing Israilning xan-xǝripidur!»
ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»
33 Balining ata-anisi bala ⱨǝⱪⱪidǝ eytilƣanliriƣa intayin ⱨǝyran ⱪelixti.
بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
34 Simeon ularƣa bǝht tilǝp, apisi Mǝryǝmgǝ mundaⱪ dedi: — Mana! Bu bala Israildiki nurƣun kixilǝrning yiⱪilixi wǝ nurƣun kixilǝrning kɵtürülüxi üqün tǝyinlǝndi, xundaⱪla kixilǝr ⱪarxi qiⱪip ⱨaⱪarǝtlǝydiƣan, [Hudaning] bexarǝtlik alamiti bolidu.
سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، [خۇدانىڭ] بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ.
35 Xuning bilǝn nurƣun kixilǝrning kɵnglidiki ƣǝrǝzliri axkarilinidu — wǝ bir ⱪiliqmu sening kɵnglünggǝ sanjilidu!
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!
36 Xu yǝrdǝ Axir ⱪǝbilisidin bolƣan Fanuilning ⱪizi Anna isimlik heli yaxanƣan bir ayal pǝyƣǝmbǝrmu bar idi. U ⱪiz waⱪtida ǝrgǝ tǝgkǝndin keyin uning bilǝn yǝttǝ yil billǝ yaxap,
شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ،
37 andin sǝksǝn tɵt yil tul turƣan idi. U ibadǝthana ⱨoyliliridin qiⱪmay, keqǝ-kündüz roza tutuxlar wǝ dualar bilǝn Hudaƣa ibadǝt ⱪilatti.
ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.
38 U dǝl xu pǝyttǝ yetip kelip Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür eytti, ⱨǝmdǝ Yerusalemda nijat-ⱨɵrlükni kütüwatⱪan barliⱪ halayiⱪⱪa bala toƣrisida sɵz ⱪildi.
ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.
39 [Yüsüp] bilǝn [Mǝryǝm] Tǝwratta bekitilgǝn barliⱪ ixlarni ada ⱪilƣandin keyin, Galiliyǝgǝ, ɵz xǝⱨiri Nasarǝtkǝ ⱪaytti.
[يۈسۈپ] بىلەن [مەريەم] تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى.
40 Bala bolsa ɵsüp, dana-aⱪilanilik bilǝn tolup, roⱨta küqlǝndürüldi, Hudaning meⱨir-xǝpⱪitimu uning üstidǝ idi.
بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى.
41 Uning ata-anisi ⱨǝr yili «ɵtüp ketix ⱨeyti»da Yerusalemƣa baratti.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى.
42 Əysa on ikki yaxⱪa kirgǝn yili, ular uni elip, ⱨeytning aditi boyiqǝ yǝnǝ qiⱪip bardi.
ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى.
43 Ⱨeyt künlirini ɵtküzgǝndin keyin, ular ɵyigǝ ⱪarap ketiwatⱪanda, bala Əysa Yerusalemda ⱪaldi. Ata-anisining bu ixtin hǝwiri yoⱪ idi,
ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى،
44 bǝlki uni sǝpǝrdax-ⱨǝmraⱨliri bilǝn billǝ keliwatidu, dǝp oylap, bir kün yol yürdi. Andin ular uni uruⱪ-tuƣⱪanlari wǝ dost-buradǝrliri arisidin izdǝxkǝ baxlidi;
بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛
45 izdǝp tapalmay, ular kǝynigǝ yenip Yerusalemƣa berip yǝnǝ izdidi.
ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى.
46 Wǝ xundaⱪ boldiki, üqinqi küni ular uni ibadǝthana ⱨoylisida Tǝwrat ustazlirining arisida olturup, ularning tǝlimlirini anglawatⱪan ⱨǝm ulardin soal sorawatⱪanning üstidǝ tapti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى.
47 Uning sɵzlirini angliƣanlarning ⱨǝmmisi uning qüxǝnqisigǝ wǝ bǝrgǝn jawabliriƣa intayin ⱨǝyran ⱪelixti.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
48 Ata-anisi uni kɵrüp naⱨayiti ⱨǝyranuⱨǝs boluxti, uning anisi uningƣa: — Way balam! Nemixⱪa bizgǝ xundaⱪ muamilǝ ⱪilding? Atang ikkimiz parakǝndǝ bolup seni izdǝp kǝlduⱪ! — dedi.
ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! ــ دېدى.
49 U ularƣa: — Nemixⱪa meni izdidinglar? Əjǝba, mening Atamning ixlirida boluxum kerǝklikimni bilmǝmtinglar? — dedi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى.
50 Lekin ular uning ularƣa eytⱪinini qüxǝnmidi.
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى.
51 Andin u ular bilǝn Nasarǝtkǝ ⱪaytti wǝ ularning gepigǝ izqil boysunatti. Lekin anisi bu ixlarning ⱨǝmmisini kɵngligǝ püküp ⱪoydi.
ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
52 Xundaⱪ ⱪilip, Əysa aⱪilanilik-danaliⱪta wǝ ⱪamǝttǝ yetilip, Huda wǝ kixilǝr aldida barƣanseri sɵyülmǝktǝ idi.
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئاقىلانىلىك-دانالىقتا ۋە قامەتتە يېتىلىپ، خۇدا ۋە كىشىلەر ئالدىدا بارغانسېرى سۆيۈلمەكتە ئىدى.

< Luⱪa 2 >