< Luⱪa 15 >

1 Əmdi bajgirlar wǝ baxⱪa gunaⱨkarlarning ⱨǝmmisi uning sɵzini anglaxⱪa uning ǝtrapiƣa olaxmaⱪta idi.
ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى.
2 Lekin Pǝrisiylǝr bilǝn Tǝwrat ustazliri ƣudungxup: — Bu adǝm gunaⱨkarlarni ⱪarxi alidu wǝ ular bilǝn ⱨǝmdastihan olturidu! — deyixti.
لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى.
3 Xunga u ularƣa munu tǝmsilni sɵzlǝp bǝrdi:
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
4 — Əgǝr aranglarda birǝylǝnning yüz tuyaⱪ ⱪoyi bolup, ulardin biri yitip kǝtsǝ, toⱪsan toⱪⱪuzini qɵldǝ ⱪoyup ⱪoyup yitip kǝtkinini tapⱪuqǝ izdimǝsmu?
ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟
5 Uni tepiwalƣanda, xadlanƣan ⱨalda mürisigǝ artidu;
ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛
6 andin ɵyigǝ elip kelip, yar-buradǝrliri bilǝn ⱪolum-ⱪoxnilirini qaⱪirip, ularƣa: «Mǝn yitkǝn ⱪoyumni tepiwaldim, mening bilǝn tǝng xadlininglar!» dǝydu.
ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ.
7 Mǝn silǝrgǝ xuni eytayki, xuningƣa ohxax, towa ⱪiliwatⱪan bir gunaⱨkar üqün ǝrxtǝ zor hursǝnlik bolidu; bu hursǝnlik towiƣa moⱨtaj bolmiƣan toⱪsan toⱪⱪuz ⱨǝⱪⱪaniy kixidin bolƣan hursǝnliktin kɵp artuⱪtur.
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
8 — Yaki bir ayalning on kümüx dinari bolup, bir dinarni yoⱪitip ⱪoysa, qiraƣni yeⱪip, taki uni tapⱪuqǝ ɵyni süpürüp, zǝn ⱪoyup izdimǝsmu?
ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟
9 Uni tapⱪanda yar-buradǝr, ⱪolum-ⱪoxnlirini qaⱪirip, ularƣa: «Mening bilǝn tǝng xadlininglar, qünki mǝn yoⱪitip ⱪoyƣan dinarimni tepiwaldim» — dǝydu.
ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ.
10 Mǝn silǝrgǝ xuni eytayki, xuningƣa ohxax towa ⱪiliwatⱪan bir gunaⱨkar üqün Hudaning pǝrixtilirining arisida hursǝnlik bolidu.
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.
11 U sɵzini dawam ⱪilip mundaⱪ dedi: — Mǝlum bir adǝmning ikki oƣli bar ikǝn.
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.
12 Kiqik oƣli atisiƣa: «Əy ata, mal-mülüktin tegixlik ülüxümni ⱨazirla manga bǝrgin» dǝp eytiptu. Wǝ u ɵz mal-mülüklirini ikkisigǝ tǝⱪsim ⱪilip beriptu.
كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ.
13 Uzun ɵtmǝyla, kiqik oƣli bar-yoⱪini yiƣixturup, yiraⱪ bir yurtⱪa sǝpǝr ⱪiliptu. U u yǝrdǝ ǝyx-ixrǝtlik iqidǝ turmux kǝqürüp mal-dunyasini buzup-qeqiptu.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ.
14 Dǝl u bar-yoⱪini sǝrp ⱪilip tügǝtkǝn waⱪtida, u yurtta ⱪattiⱪ aqarqiliⱪ bolup, u helila ⱪisilqiliⱪta ⱪaptu.
دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ.
15 Xuning bilǝn u berip, xu yurtning bir puⱪrasiƣa mǝdikar bolup yalliniptu; u uni etizliⱪiƣa qoxⱪa beⱪixⱪa ǝwǝtiptu.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ.
16 U ⱨǝtta ⱪorsiⱪini qoxⱪilarning yemi bolƣan purqaⱪ posti bilǝn toyƣuzuxⱪa tǝⱪǝzza boptu; lekin ⱨeqkim uningƣa ⱨeqnǝrsǝ bǝrmǝptu.
ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ.
17 Ahir berip u ⱨoxini tepip: «Atamning xunqǝ kɵp mǝdikarlirining aldidin yemǝk-iqmǝk exip-texip turidu; lekin mǝn bolsam bu yǝrdǝ aqliⱪtin ɵlǝy dǝp ⱪaldim!
ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم!
18 Ornumdin turup, atamning aldiƣa berip uningƣa: Əy ata, mǝn ǝrxning aldidimu wǝ sening aldingdimu gunaⱨ ⱪildim.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم.
19 Əmdi sening oƣlung atilixⱪa layiⱪ ǝmǝsmǝn. Meni mǝdikarliring süpitidǝ ⱪobul ⱪilƣaysǝn! — dǝymǝn» dǝp oylaptu.
ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ.
20 Xuning bilǝn ornidin turup atisining aldiƣa ⱪaytip mengiptu. Lekin atisi yiraⱪtinla uni kɵrüp uningƣa iqi aƣritip, aldiƣa yügürüp qiⱪip, uning boyniƣa esilip uni sɵyüp ketiptu.
شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ.
21 Oƣli: «Ata, mǝn ǝrxning aldidimu, sening aldingdimu gunaⱨ ⱪildim. Əmdi sening oƣlung atilixⱪa layiⱪ ǝmǝsmǝn» — dǝptu.
ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ.
22 Biraⱪ atisi qakarliriƣa: «Dǝrⱨal ǝng esil tonni ǝkelip uningƣa kiydürünglar, ⱪoliƣa üzük selinglar, putliriƣa ayaƣ kiydürünglǝr;
بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛
23 wǝ bordaⱪ torpaⱪni ǝkelip soyunglar; andin obdan yǝp, rawurus tǝbriklǝyli!
ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى!
24 Qünki mening bu oƣlum ɵlgǝnidi, tirildi, yitip kǝtkǝnidi, tepildi!» — dǝptu. Andin ular tǝbriklǝxkili baxlaptu.
چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ.
25 Əmdi qong oƣli etizƣa kǝtkǝnikǝn. U ⱪaytip keliwetip ɵygǝ yeⱪin kǝlgǝndǝ nǝƣmǝ-nawa bilǝn ussulning awazini anglaptu.
ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.
26 U qakarlardin birini qaⱪirip, uningdin nemǝ ix boluwatⱪinini soraptu.
ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ.
27 Qakar uningƣa: Ukang kǝldi wǝ atang uni saⱪ-salamǝt tepiwalƣanliⱪi üqün bordaⱪ torpaⱪni soydi» dǝptu.
چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ.
28 Lekin [qong oƣli] hapa bolup, ɵygǝ kirgili unimaptu. Wǝ atisi qiⱪip uning ɵygǝ kirixini ɵtünüptu.
لېكىن [چوڭ ئوغلى] خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.
29 Əmma u atisiƣa jawab berip: «Ⱪara! Mǝn xunqǝ yildin beri ⱪuldǝk hizmitingdǝ boldum, ǝsla ⱨeqbir ǝmringdin qiⱪip baⱪmidim. Biraⱪ sǝn manga ǝl-aƣinilirim bilǝn hux ⱪilƣili ⱨeqⱪaqan birǝr oƣlaⱪmu bǝrmiding!
ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ!
30 Lekin sening mal-mülükliringni paⱨixilǝrgǝ hǝjlǝp tügǝtkǝn bu oƣlung ⱪaytip kǝlgǝndǝ, sǝn uning üqün bordaⱪ torpaⱪni soyupsǝn» — dǝptu.
لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ.
31 Biraⱪ atisi yǝnǝ uningƣa: «Əy oƣlum, sǝn ⱨǝrdaim mening yenimdisǝn wǝ mening barliⱪim seningkidur.
بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر.
32 Əmdi tǝbriklǝp xadlinixⱪa layiⱪtur; qünki bu sening ukang ɵlgǝnidi, tirildi, yoⱪilip kǝtkǝnidi, tepildi» — dǝptu.
ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ.

< Luⱪa 15 >