< Lawiylar 23 >

1 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Sǝn Israillarƣa mundaⱪ degin: — Pǝrwǝrdigar bekitkǝn ⱨeytlar, silǝr muⱪǝddǝs sorunlar bolsun dǝp qaⱪirip jakarlaydiƣan ⱨeytlirim mana munulardur: —
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ
3 (altǝ kün ix-ǝmgǝk ⱪilinsun; lekin yǝttinqi küni «has xabat küni», muⱪǝddǝs sorunlar küni bolidu; u küni ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar. Ⱪǝyǝrdila tursanglar bu kün Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan xabat küni bolidu).
(ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ).
4 Silǝr bekitilgǝn künliri muⱪǝddǝs sorunlar bolsun dǝp qaⱪirip jakarlaydiƣan, Pǝrwǝrdigarning ⱨeytliri mana munulardur: —
سىلەر بېكىتىلگەن كۈنلىرى مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى مانا مۇنۇلاردۇر: ــ
5 Birinqi ayning on tɵtinqi küni gugumda Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan «ɵtüp ketix ⱨeyti» bolidu.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ.
6 Xu ayning on bǝxinqi küni Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan «petir nan» ⱨeyti bolidu; silǝr yǝttǝ küngiqǝ petir nan yǝysilǝr.
شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر.
7 Birinqi künidǝ silǝr muⱪǝddǝs yiƣilix ⱪilip, ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar.
بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
8 Silǝr yǝttǝ küngiqǝ Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunidiƣan ⱪurbanliⱪlarni sunup turunglar. Yǝttinqi künidǝ muⱪǝddǝs yiƣilix bolidu; ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar.
سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
9 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
10 Sǝn Israillarƣa mundaⱪ degin: — Silǝr Mǝn ɵzünglarƣa tǝⱪdim ⱪilidiƣan zeminƣa kirip, uningdin ⱨosul yiƣⱪininglarda, ⱨosulunglarning dǝslǝpki pixⱪinidin bir baƣlamni kaⱨinning ⱪexiƣa elip beringlar.
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار.
11 Kaⱨin silǝr üqün ⱪobul boluxⱪa uni Pǝrwǝrdigarning aldida pulanglatsun; uni pulanglatⱪan waⱪit bolsa xabatning ǝtisi bolidu.
كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ.
12 Silǝr uni pulanglatⱪan kündǝ silǝr bir yaxⱪa kirgǝn bejirim bir ⱪozini Pǝrwǝrdigarƣa atap kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ süpitidǝ sununglar;
سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛
13 xuningƣa ⱪoxup axliⱪ ⱨǝdiyǝ süpitidǝ zǝytun meyi ilǝxtürülgǝn esil undin bir ǝfaⱨning ondin birini Pǝrwǝrdigarƣa huxbuy kǝltürsun dǝp otta sununglar; buningƣa ⱪoxup xarab ⱨǝdiyǝ süpitidǝ xarabtin bir ⱨinning tɵttin birini sununglar.
شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار.
14 Silǝr Hudayinglarƣa has bolƣan bu ⱨǝdiyǝni sunidiƣan kündin ilgiri [yengi ⱨosuldin] ⱨeqnemini, nǝ nan nǝ ⱪomaq nǝ kɵk bax bolsun yemǝnglar. Bu dǝwrdin-dǝwrgiqǝ silǝr üqün ⱪǝyǝrdǝ tursanglar ǝbǝdiy bir bǝlgilimǝ bolsun.
سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى [يېڭى ھوسۇلدىن] ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.
15 Andin silǝr xu xabat künning ǝtisidin, yǝni xu bir baƣlamni pulanglatma ⱨǝdiyǝ süpitidǝ sunƣan künning ǝtisidin tartip, yǝttǝ ⱨǝptǝ sananglar (ular toluⱪ ⱨǝptǝ boluxi kerǝk);
ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛
16 yǝttinqi xabatning ikkinqi künigiqǝ ǝllik künni sananglar; andin Pǝrwǝrdigarƣa atap yengi [ⱨosuldin] bir axliⱪ ⱨǝdiyǝ sununglar.
يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى [ھوسۇلدىن] بىر ئاشلىق ھەدىيە سۇنۇڭلار.
17 Ɵzünglar turuwatⱪan jaylardin pulanglatma ⱨǝdiyǝ süpitidǝ esil undin bir ǝfaⱨning ondin ikkisidǝ etilgǝn ikki nanni elip kǝltürünglar; ular eqitⱪu selip etilgǝn bolsun; bular Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan dǝslǝpki ⱨosul ⱨǝdiyǝsi dǝp ⱨesablinidu.
ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
18 Nandin baxⱪa yǝnǝ bir yaxliⱪ yǝttǝ bejirim ⱪoza, yax bir torpaⱪ wǝ ikki ⱪoqⱪarni kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ süpitidǝ Pǝrwǝrdigarƣa atap sununglar; ularƣa has axliⱪ ⱨǝdiyǝliri wǝ xarab ⱨǝdiyǝlirini ⱪoxup, ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarƣa huxbuy kǝltürüxkǝ sunulsun.
ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە بېجىرىم قوزا، ياش بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار؛ ئۇلارغا خاس ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى قوشۇپ، ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈشكە سۇنۇلسۇن.
19 Buningdin baxⱪa silǝr gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir tekini, inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi üqün bir yaxliⱪ ikki ⱪozini kǝltürünglar;
بۇنىڭدىن باشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى قوزىنى كەلتۈرۈڭلار؛
20 kaⱨin bularni, yǝni xu ikki ⱪozini dǝslǝpki ⱨosul nanliriƣa ⱪoxup pulanglatma ⱨǝdiyǝ süpitidǝ Pǝrwǝrdigar aldida pulanglatsun. Bular bolsa Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan muⱪǝddǝs sanilip, kaⱨinƣa tǝgsun.
كاھىن بۇلارنى، يەنى شۇ ئىككى قوزىنى دەسلەپكى ھوسۇل نانلىرىغا قوشۇپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگار ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس سانىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن.
21 Xu küni silǝr «bügün bizlǝrgǝ muⱪǝddǝs yiƣilix bolidu» dǝp jakarlanglar; xu küni ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar. Bu silǝr üqün ⱪǝyǝrdila tursanglar ǝbǝdiy bir bǝlgilimǝ bolidu.
شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
22 Etizingning bulung-puqⱪaⱪliriƣiqǝ tamam yiƣiwalmanglar, wǝ ⱨosulungdin ⱪalƣan wasangni teriwalmiƣin, bǝlki bularni kǝmbǝƣǝllǝr bilǝn musapirlarƣa ⱪoyƣin. Mǝn Ɵzüm Hudayinglar Pǝrwǝrdigardurmǝn.
ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
23 Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
24 Sǝn Israillarƣa mundaⱪ degin: — Silǝr yǝttinqi ayning birinqi küni toluⱪ aram elip, kanaylar qelinix bilǝn ǝslǝtmǝ yosunda ⱨeyt ⱪilip, muⱪǝddǝs sorunlarni tüzünglar.
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار.
25 U kündǝ ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar; Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulidiƣan bir ⱪurbanliⱪ sununglar.
ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار.
26 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
27 Yǝttinqi ayning oninqi küni bolsa kafarǝt küni bolidu; u kün silǝr üqün muⱪǝddǝs yiƣilix küni bolidu; xu küni nǝpsinglarni tartip ɵzünglarni tɵwǝn tutup, Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulidiƣan ⱪurbanliⱪni sununglar;
يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كافارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛
28 U kündǝ ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar; qünki u bir kafarǝt küni bolup, xu kün ɵzünglar üqün Hudayinglar Pǝrwǝrdigar aldida kafarǝt ⱪilinixⱪa bekitilgǝndur.
ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر.
29 Ⱨǝrkim xu küni nǝpsini tartmay ɵzini tɵwǝn tutmisa ɵz hǝlⱪidin üzüp taxlinidu.
ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
30 Kimdǝkim xu kündimu ⱨǝrⱪandaⱪ bir ix ⱪilsa, Mǝn xu adǝmni ɵz hǝlⱪidin üzüp taxlaymǝn.
كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
31 Xu küni ⱨeqⱪandaⱪ ix ⱪilmanglar; bu dǝwrdin-dǝwrgiqǝ silǝr üqün ⱪǝyǝrdǝ tursanglar bir ǝbǝdiy bǝlgilimǝ bolidu.
شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ.
32 U kün silǝr üqün toluⱪ aram alidiƣan xabat küni bolidu; nǝpsinglarni tartip ɵzünglarni tɵwǝn tutunglar. Xu ayning toⱪⱪuzinqi küni gugumdin tartip ǝtisi gugumƣiqǝ xabat künigǝ riayǝ ⱪilip aram elinglar.
ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار.
33 Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
34 Sǝn Israillarƣa mundaⱪ degin: — Yǝttinqi ayning on bǝxinqi künidin baxlap, yǝttǝ küngiqǝ Pǝrwǝrdigarning «kǝpilǝr ⱨeyti» bolidu.
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ.
35 Birinqi kündǝ muⱪǝddǝs yiƣilix bolidu; ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar.
بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
36 Yǝttǝ küngiqǝ Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulidiƣan ⱪurbanliⱪ sununglar; sǝkkizinqi kündǝ silǝrgǝ muⱪǝddǝs yiƣilix bolidu; Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulidiƣan ⱪurbanliⱪ sununglar. Bu ɵzi tǝntǝnilik yiƣilix bolƣaq, u küni ⱨeqⱪandaⱪ ix-ǝmgǝk ⱪilmanglar.
يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
37 Silǝr «muⱪǝddǝs sorunlar bolsun» dǝp jakarlaydiƣan, yǝni Pǝrwǝrdigar bekitkǝn ⱨeytlar mana xulardur. Xu sorunlarda silǝr ⱨǝrⱪaysi küngǝ bekitilgini boyiqǝ, Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulidiƣan ⱨǝdiyǝ-ⱪurbanliⱪ, yǝni kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ, axliⱪ ⱨǝdiyǝ, baxⱪa ⱨǝrhil ⱪurbanliⱪlar wǝ xarab ⱨǝdiyǝlǝrni sunisilǝr;
سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛
38 bulardin baxⱪa, Pǝrwǝrdigarning xabat künlirini tutisilǝr wǝ Pǝrwǝrdigarƣa atap ⱪalƣan ⱨǝdiyǝliringlarni berip, ⱪǝsǝm ⱪurbanliⱪliringlarning ⱨǝmmisini ada ⱪilip, ihtiyariy ⱪurbanliⱪliringlarning ⱨǝmmisini sunisilǝr.
بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر.
39 Silǝr ǝmdi zemindin ⱨosul-mǝⱨsulatlirini yiƣip bolup, yǝttinqi ayning on bǝxinqi künidin baxlap yǝttǝ kün Pǝrwǝrdigarning ⱨeytini ɵtküzünglar. Birinqi küni toluⱪ aram elix bolidu, sǝkkizinqi konidimu toluⱪ aram elix bolidu.
سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ.
40 Birinqi küni silǝr esil dǝrǝhlǝrdin xah-putaⱪlarni qatap, yǝni horma dǝrǝhliri bilǝn ⱪoyuⱪ yopurmaⱪliⱪ dǝrǝhlǝrning xahlirini kesip, eriⱪ boyidiki sɵgǝt qiwiⱪlirini ⱪirⱪip Hudayinglar Pǝrwǝrdigar aldida yǝttǝ künni xundaⱪ xad-huram ɵtküzisilǝr.
بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد-خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر.
41 Silǝr ⱨǝr yili bu yǝttǝ künni Pǝrwǝrdigarƣa atiƣan bir ⱨeyt süpitidǝ ɵtküzünglar; dǝwrdin-dǝwrgiqǝ bu silǝr üqün ǝbǝdiy bir bǝlgilimǝ bolidu. Silǝr ⱨeytni yǝttinqi ayda ɵtküzünglar.
سىلەر ھەر يىلى بۇ يەتتە كۈننى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بىر ھېيت سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈڭلار؛ دەۋردىن-دەۋرگىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. سىلەر ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار.
42 Yǝttǝ küngiqǝ kǝpilǝrdǝ turunglar. Israilda tuƣulƣanlarning ⱨǝmmisi kǝpidǝ tursun.
يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار. ئىسرائىلدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىدە تۇرسۇن.
43 Buning bilǝn Mǝn Israillarni Misir zeminidin qiⱪarƣinimda, ularni kǝpilǝrdǝ turƣuzƣinimni ǝwladliringlar bilidu. Ɵzüm Hudayinglar Pǝrwǝrdigardurmǝn.
بۇنىڭ بىلەن مەن ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلىدۇ. ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
44 Xundaⱪ ⱪilip Musa Pǝrwǝrdigarning bekitkǝn xu ⱨeytlirini Israillarƣa bayan ⱪildi.
شۇنداق قىلىپ مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن شۇ ھېيتلىرىنى ئىسرائىللارغا بايان قىلدى.

< Lawiylar 23 >