< Yǝrǝmiyaning yiƣa-zarliri 2 >

1 (Alǝf) Rǝb ƣǝzǝp buluti bilǝn Zion ⱪizini xundaⱪ ⱪaplidi! U Israilning xǝrǝp-julasini asmandin yǝrgǝ qɵrüwǝtti, Ƣǝzipi qüxkǝn künidǝ Ɵz tǝhtipǝrini ⱨeq esidǝ ⱪaldurmidi.
(ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى.
2 (Bǝt) Rǝb Yaⱪupning barliⱪ turalƣulirini yutuwǝtti, ⱨeq ayimidi; U ⱪǝⱨri bilǝn Yǝⱨudaning ⱪizining ⱪǝl’ǝ-ⱪorƣanlirining ⱨǝmmisini ƣulatti; U padixaⱨliⱪni ǝmirliri bilǝn nomusⱪa ⱪoyup, Yǝr bilǝn yǝksan ⱪiliwǝtti.
(بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
3 (Gimǝl) U ⱪattiⱪ ƣǝzǝptǝ Israilning ⱨǝmmǝ münggüzlirini kesiwǝtti; Düxmǝnni tosuƣan ong ⱪolini Uning aldidin tartiwaldi; Lawuldap kɵygǝn ɵz ǝtrapini yǝp kǝtküqi ottǝk, U Yaⱪupni kɵydürüwǝtti.
(گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
4 (Dalǝt) Düxmǝndǝk U oⱪyasini kǝrdi; Uning ong ⱪoli etixⱪa tǝyyarlanƣanidi; Kɵzigǝ issiⱪ kɵrüngǝnlǝrning ⱨǝmmisini küxǝndisi kǝbi ⱪirdi; Zion ⱪizining qediri iqidǝ, Ⱪǝⱨrini ottǝk yaƣdurdi;
(دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛
5 (He) Rǝb düxmǝndǝk boldi; U Israilni yutuwaldi, Ordilirining ⱨǝmmisini yutuwaldi; Uning ⱪǝl’ǝ-ⱪorƣanlirini yoⱪatti, Yǝⱨudaning ⱪizida matǝm wǝ yiƣa-zarlarni kɵpǝytti.
(خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى.
6 (Waw) U Uning kǝpisini baƣqini paqaⱪlatⱪandǝk paqaⱪlatti; U ibadǝt sorunlirini yoⱪitiwǝtti; Pǝrwǝrdigar Zionda ⱨeyt-bayramlar ⱨǝm xabatlarni [hǝlⱪining] esidin qiⱪiriwǝtti; Ƣǝzǝp oti bilǝn padixaⱨ ⱨǝm kaⱨinni qǝtkǝ ⱪeⱪiwǝtti.
(ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى [خەلقىنىڭ] ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى.
7 (Zain) Rǝb ⱪurbangaⱨini taxliwǝtti, Muⱪǝddǝs jayidin waz kǝqti; U Ziondiki ordilarning sepillirini düxmǝnning ⱪoliƣa tapxurdi; Ⱨǝtta Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ, Ular ⱨeyt-ayǝm künidikidǝk tǝntǝnǝ ⱪilixti!
(زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى!
8 (Hǝt) Pǝrwǝrdigar Zion ⱪizining sepilini qeⱪiwetixni ⱪarar ⱪilƣan; U uningƣa [ⱨalak] ɵlqǝm tanisini tartip ⱪoyƣan; U ⱪolini qeⱪixtin ⱨeq üzmidi; U ⱨǝm istiⱨkamlarni ⱨǝm sepilni zarlatti; Ikkisi tǝng ⱨalsirap ⱪayƣurmaⱪta.
(خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ ئۇ ئۇنىڭغا [ھالاك] ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا.
9 (Tǝt) Uning dǝrwaziliri yǝr tegigǝ ƣǝrⱪ bolup kǝtti; U uning tɵmür-taⱪaⱪlirini parǝ-parǝ ⱪiliwǝtti. Padixaⱨi ⱨǝm ǝmirliri ǝllǝr arisiƣa palandi; Tǝwrattiki tǝrbiyǝ-yolyoruⱪ yoⱪap kǝtti, Pǝyƣǝmbǝrliri Pǝrwǝrdigardin wǝⱨiy-kɵrünüxlǝrni izdǝp tapalmaydu.
(تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ.
10 (Yod) Zion ⱪizining aⱪsaⱪalliri, Yǝrdǝ zuwan sürmǝy olturmaⱪta; Ular baxliriƣa topa-qang qeqixti; Ular beligǝ bɵz yɵgiwelixti; Yerusalemning pak ⱪizlirining baxliri yǝrgǝ kirip kǝtküdǝk boldi.
(يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى.
11 (Kaf) Mening kɵzlirim taramliƣan yaxlirimdin ⱨalidin kǝtti; Iqi-baƣrilirim zǝrdapƣa toldi; Jigirim yǝr yüzigǝ tɵkülüp parǝ-parǝ boldi, Qünki hǝlⱪimning ⱪizi nabut ⱪilindi, Qünki xǝⱨǝr koqilirida narsidilǝr ⱨǝm bowaⱪlar ⱨoxsiz yatmaⱪta.
(كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا.
12 (Lamǝd) Ular xǝⱨǝr koqilirida yarilanƣanlardǝk ⱨalidin kǝtkǝndǝ, Anilirining ⱪuqiⱪida yetip jan talaxⱪanda, Aniliriƣa: «Yemǝk-iqmǝk nǝdǝ?» dǝp yalwuruxmaⱪta.
(لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا.
13 (Mǝm) Mǝn dǝrdinggǝ guwaⱨqi bolup, seni nemigǝ ohxitarmǝn? Seni nemigǝ selixturarmǝn, i Yerusalem ⱪizi? Sanga tǝsǝlli berixtǝ, nemini sanga tǝng ⱪilarmǝn, i Zionning pak ⱪizi? Qünki sening yarang dengizdǝk qǝksizdur; Kim seni saⱪaytalisun?
(مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟
14 (Nun) Pǝyƣǝmbǝrliringning sǝn üqün kɵrgǝnliri bimǝnilik ⱨǝm ǝhmǝⱪliⱪtur; Ular sening ⱪǝbiⱨlikingni ⱨeq axkarǝ ⱪilmidi, Xundaⱪ ⱪilip ular sürgün boluxungning aldini almidi. Əksiqǝ ularning sǝn üqün kɵrgǝnliri yalƣan bexarǝtlǝr ⱨǝm ezitⱪuluⱪlardur.
(نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر.
15 (Samǝⱪ) Yeningdin ɵtüwatⱪanlarning ⱨǝmmisi sanga ⱪarap qawaklixidu; Ular üxⱪirtip Yerusalemning ⱪiziƣa bax qayⱪaxmaⱪta: — «Güzǝllikning jǝwⱨiri, pütkül jaⱨanning hursǝnliki» dǝp atalƣan xǝⱨǝr muxumidu?»
(سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟»
16 (Pe) Barliⱪ düxmǝnliring sanga ⱪarap aƣzini yoƣan eqip [mazaⱪ ⱪilmaⱪta], Ux-ux ⱪilixip, qixlirini ƣuqurlatmaⱪta; Ular: «Biz uni yutuwalduⱪ! Bu bǝrⱨǝⱪ biz kütkǝn kündur! Biz buni ɵz kɵzimiz bilǝn kɵrüxkǝ muyǝssǝr bolduⱪ!» — demǝktǝ.
(پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلماقتا]، ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە.
17 (Ayin) Pǝrwǝrdigar Ɵz niyǝtlirini ixⱪa axurdi; Ⱪǝdimdin tartip Ɵzining bekitkǝn sɵzigǝ ǝmǝl ⱪildi; U ⱨeq rǝⱨim ⱪilmay ƣulatti; U düxmǝnni üstüngdin xadlandurdi; Küxǝndiliringning münggüzini yuⱪiri kɵtürdi.
(ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
18 (Tsadǝ) Ularning kɵngli Rǝbgǝ nida ⱪilmaⱪta! I Zion ⱪizining sepili! Yaxliring dǝryadǝk keqǝ-kündüz aⱪsun! Ɵzünggǝ aram bǝrmǝ; Yax tamqiliring taramlaxtin aram almisun!
(تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن!
19 (Kof) Tün keqidǝ ornungdin tur, Kǝqtǝ jesǝk baxlinixi bilǝn nida ⱪil! Kɵnglüngni Rǝbning aldiƣa sudǝk tɵk; Narsidiliringning ⱨayati üqün uningƣa ⱪolliringni kɵtür! Ular barliⱪ koqiliring doⱪmuxida ⱪǝⱨǝtqiliktin ⱨalidin kǝtmǝktǝ.
(كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە.
20 (Rǝx) Ⱪara, i Pǝrwǝrdigar, oylap baⱪⱪaysǝn, Sǝn kimgǝ muxundaⱪ muamilǝ ⱪilip baⱪⱪan?! Ayallar ɵz mewiliri — ǝrkǝ bowaⱪlirini yeyixkǝ bolamdu? Kaⱨin ⱨǝm pǝyƣǝmbǝrni Rǝbning muⱪǝddǝs jayida ɵltürüxkǝ bolamdu?!
(رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟!
21 (Xiyn) Yaxlar ⱨǝm ⱪerilar koqilarda yetixmaⱪta; Pak ⱪizlirim wǝ yax yigitlirim ⱪiliqlinip yiⱪildi; Ularni ƣǝziping qüxkǝn künidǝ ⱪirdingsǝn; Ularni ⱨeq ayimay soydungsǝn.
(شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن.
22 (Taw) Sǝn ⱨeyt-bayram künidǝ jamaǝtni qaⱪirƣandǝk, Meni tǝrǝp-tǝrǝplǝrdin besixⱪa wǝⱨimilǝrni qaⱪirding; Pǝrwǝrdigarning ƣǝzǝp künidǝ ⱪaqⱪanlar yaki tirik ⱪalƣanlar yoⱪ idi; Ɵzüm ǝrkilitip qong ⱪilƣanlarni düxminim yǝp kǝtti.
(تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى.

< Yǝrǝmiyaning yiƣa-zarliri 2 >