< Yǝxua 13 >

1 Əmma Yǝxua yaxinip, yexi heli bir yǝrgǝ berip ⱪalƣanidi. Pǝrwǝrdigar uningƣa mundaⱪ dedi: — «Sǝn ǝmdi ⱪerip ⱪalding, yexingmu qongiyip ⱪaldi, lekin yǝnǝ igilinixi kerǝk bolƣan nurƣun zemin bar.
ئەمما يەشۇئا ياشىنىپ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئەمدى قېرىپ قالدىڭ، يېشىڭمۇ چوڭىيىپ قالدى، لېكىن يەنە ئىگىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن زېمىن بار.
2 Bu zeminlar bolsa munular: — Filistiylǝrning wǝ Gǝxuriylarning barliⱪ yurtliri,
بۇ زېمىنلار بولسا مۇنۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ ۋە گەشۇرىيلارنىڭ بارلىق يۇرتلىرى،
3 yǝni Misirning xǝrⱪ tǝripidiki Xiⱨor dǝryasidin tartip, ximal tǝripidiki Əkron xǝⱨirining qegraliriƣiqǝ sozulƣan yǝrlǝr (xu yurt Ⱪanaaniylarning zemini ⱨesablinatti), jümlidin Gaza, Axdod, Axkelon, Gat wǝ Əkrondiki bǝx Filistiy ǝmir baxⱪuridiƣan yurtlar bilǝn Awwiylarning jǝnub tǝrǝptiki yurtliri; Zidoniylarƣa tǝwǝ bolƣan Mǝaraⱨdin tartip Afǝk bilǝn Amoriylarning qegrasiƣiqǝ bolƣan Ⱪanaaniylarning barliⱪ zemini;
يەنى مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىھور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرىپىدىكى ئەكرون شەھىرىنىڭ چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان يەرلەر (شۇ يۇرت قانائانىيلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى)، جۈملىدىن گازا، ئاشدود، ئاشكېلون، گات ۋە ئەكروندىكى بەش فىلىستىي ئەمىر باشقۇرىدىغان يۇرتلار بىلەن ئاۋۋىيلارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى يۇرتلىرى؛ زىدونىيلارغا تەۋە بولغان مەئاراھدىن تارتىپ ئافەك بىلەن ئامورىيلارنىڭ چېگراسىغىچە بولغان قانائانىيلارنىڭ بارلىق زېمىنى؛
4
5 Gǝbaliylarning zemini wǝ barliⱪ Liwan zemini, yǝni kün qiⱪix tǝrǝptiki Ⱨǝrmon teƣining etikidiki Baal-gadtin tartip, Hamat rayoniƣa kirix eƣiziƣiqǝ bolƣan zeminlar;
گەبالىيلارنىڭ زېمىنى ۋە بارلىق لىۋان زېمىنى، يەنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولغان زېمىنلار؛
6 Liwandin tartip Misrǝpot-Mayimƣiqǝ sozulƣan taƣliⱪta barliⱪ olturuwatⱪanlarning, yǝni Zidoniylarning zemini ⱪatarliⱪlardin ibarǝttur. Bu zemindiki hǝlⱪning ⱨǝmmisini Mǝn Israil aldidin ⱪoƣliwetimǝn. Xunga sǝn qoⱪum Mening sanga buyruƣinim boyiqǝ buni qǝk taxlap Israilliⱪlarƣa miras ⱪilip tǝⱪsim ⱪilip berixing kerǝk.
لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت-مايىمغىچە سوزۇلغان تاغلىقتا بارلىق ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ، يەنى زىدونىيلارنىڭ زېمىنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىسرائىل ئالدىدىن قوغلىۋېتىمەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇنى چەك تاشلاپ ئىسرائىللىقلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك.
7 Sǝn ǝmdi bu zeminlarni toⱪⱪuz ⱪǝbilǝ bilǝn Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisigǝ miras ⱪilip bɵlgin».
سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن».
8 Rubǝnlǝr bilǝn Gadlar bolsa, [Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisi] bilǝn birliktǝ Iordan dǝryasining u ⱪeti, yǝni xǝrⱪ tǝripidǝ Musaning ularƣa bǝrgǝn mirasiƣa igǝ boldi; buni Pǝrwǝrdigarning ⱪuli bolƣan Musa ularƣa miras ⱪilip bǝrgǝnidi: —
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، [ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى] بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى: ــ
9 Ularning zeminliri Arnon jilƣisining boyidiki Aroǝrdin tartip, jümlidin jilƣining otturisidiki xǝⱨǝr wǝ Dibonƣiqǝ sozulƣan Mǝdǝba tüzlǝngliki,
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى،
10 Ⱨǝxbonda sǝltǝnǝt ⱪilƣan, Amoriylarning padixaⱨi Siⱨonning Ammoniylarning qegrisiƣiqǝ bolƣan ⱨǝmmǝ xǝⱨǝrliri;
ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛
11 Gilead bilǝn Gǝxuriylar wǝ Maakatiylarning qǝt yurtliri, Ⱨǝrmon teƣining ⱨǝmmisi wǝ Salkaⱨƣiqǝ sozulƣan barliⱪ Baxan zemini;
گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛
12 [gigantlar bolƣan] Rǝfayiylarning ⱪalduⱪ nǝslidin bolƣan Axtarot bilǝn Ədrǝydǝ sǝltǝnǝt ⱪilƣan Ogning Baxandiki pütkül padixaⱨliⱪ zeminidin ibarǝt idi; muxu zemindikilǝrni Musa mǝƣlup ⱪilip, zeminliriƣa igǝ boldi.
[گىگانتلار بولغان] رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى.
13 Lekin Israillar Gǝxuriylar bilǝn Maakatiylarni ɵz yurtliridin ⱪoƣliwǝtmidi; xunga Gǝxuriylar bilǝn Maakatiylar bügüngiqǝ Israil arisida turmaⱪta.
لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا.
14 Lekin [Musa] Lawiy ⱪǝbilisigǝ ⱨeq miras zeminni bǝrmigǝn; Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar ularƣa eytⱪinidǝk, Pǝrwǝrdigarƣa atap otta sunulƣan ⱪurbanliⱪlar ularning mirasidur.
لېكىن [مۇسا] لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى بەرمىگەن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر.
15 Musa Rubǝnlǝr ⱪǝbilisigǝ, jǝmǝt-aililiri boyiqǝ yurtlarni miras ⱪilip bǝrdi.
مۇسا رۇبەنلەر قەبىلىسىگە، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە يۇرتلارنى مىراس قىلىپ بەردى.
16 Ularning zemini bolsa Arnon jilƣisining yenidiki Aroǝrdin tartip, jilƣining otturisidiki xǝⱨǝr wǝ Mǝdǝbaning yenidiki pütkül tüzlǝnglik,
ئۇلارنىڭ زېمىنى بولسا ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە مەدەبانىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىك،
17 Ⱨǝxbon wǝ uningƣa ⱪaraxliⱪ tüzlǝngliktiki ⱨǝmmǝ xǝⱨǝrlǝr, Dibon, Bamot-Baal, Bǝyt-Baal-Meon,
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەر، دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائال-مېئون،
18 Yaⱨaz, Kǝdǝmot, Mǝfaat,
ياھاز، كەدەموت، مەفائات،
19 Kiriatayim, Sibmaⱨ, wǝ «Jilƣa teƣi»diki Zǝrǝt-Xaⱨar,
كىرىئاتايىم، سىبماھ، ۋە «جىلغا تېغى»دىكى زەرەت-شاھار،
20 Bǝyt-Peor, Pisgaⱨ teƣidiki dawanlar, Bǝyt-Yǝximot,
بەيت-پېئور، پىسگاھ تېغىدىكى داۋانلار، بەيت-يەشىموت،
21 tüzlǝngliktiki barliⱪ xǝⱨǝrlǝr wǝ Ⱨǝxbonda sǝltǝnǝt ⱪilƣan, Amoriylarning padixaⱨi bolƣan Siⱨonning pütkül sǝltǝnitining zeminini ɵz iqigǝ aldi. Bu padixaⱨ wǝ uning bilǝn xu yurtta olturuxluⱪ, [Siⱨonƣa] beⱪinƣan sǝrdarlar Əwi, Rǝkǝm, Zur, Hur wǝ Rǝba ⱪatarliⱪ Midiyan ǝmirliri bolsa Musa tǝripidin ɵltürülgǝnidi.
تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، [سىھونغا] بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
22 Xu waⱪitta Israillar ɵltürgǝnlǝr iqidǝ Beorning oƣli palqi Balaammu bar idi; unimu ular ⱪiliqlap ɵltürgǝnidi.
شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى.
23 Rubǝnlǝrning zeminining qegrasi Iordan dǝryasining ɵzi idi. Rubǝnlǝrning jǝmǝt-aililiri boyiqǝ ularƣa bɵlüngǝn mirasi mana bu xǝⱨǝrlǝr bilǝn kǝnt-ⱪixlaⱪliri idi.
رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى.
24 Musa yǝnǝ Gad ⱪǝbilisigǝ, yǝni Gadlarning jǝmǝt-aililiri boyiqǝ ularƣa miras bɵlup bǝrgǝnidi.
مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى.
25 Ularning zeminliri bolsa Yaazǝr bilǝn Gileadning barliⱪ xǝⱨǝrliri, Ammoniylarning zeminining yerimi taki Rabbaⱨ aldidiki Aroǝrgiqǝ,
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە،
26 Ⱨǝxbondin tartip Ramat-Mizpǝⱨ wǝ Bǝtonimƣiqǝ, Maⱨanayimdin tartip Dǝbirning qegrisiƣiqǝ,
ھەشبوندىن تارتىپ رامات-مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە،
27 jilƣiƣa jaylaxⱪan Bǝyt-Ⱨaram, Bǝyt-Nimraⱨ, Sukkot wǝ Zafonlar, Ⱨǝxbonning padixaⱨi Siⱨonning sǝltǝnitining Iordan dǝryasining xǝrⱪiy ⱪetidiki ⱪalƣan ⱪismi, dǝryani yaⱪilap Kinnǝrǝt Dengizining u bexiƣiqǝ idi.
جىلغىغا جايلاشقان بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت ۋە زافونلار، ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى قالغان قىسمى، دەريانى ياقىلاپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ئىدى.
28 Gadlarning jǝmǝt-aililiri boyiqǝ ularƣa bɵlüngǝn mirasi mana bu xǝⱨǝrlǝr bilǝn kǝnt-ⱪixlaⱪliri idi.
گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى.
29 Musa Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisigimu miras bǝrgǝnidi; Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisigǝ jǝmǝt-aililiri boyiqǝ bu miras bɵlup berilgǝnidi: —
مۇسا ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگىمۇ مىراس بەرگەنىدى؛ ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە بۇ مىراس بۆلۇپ بېرىلگەنىدى: ــ
30 zeminliri Maⱨanayimdin tartip, pütkül Baxan zemini, Baxanning padixaⱨi Ogning pütkül sǝltǝnitining zemini wǝ Yairning barliⱪ yeza-kǝntliri (bu yeza-kǝntlǝr Baxanning ɵzigǝ jaylaxⱪan bolup, jǝmiy atmix idi),
زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرى (بۇ يېزا-كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)،
31 Gileadning yerimi bilǝn Baxan padixaⱨi Ogning sǝltǝnitidiki Axtarot wǝ Ədrǝy xǝⱨǝrliri Manassǝⱨning oƣli Makirning ǝwladiƣa tǝwǝ ⱪilinƣan bolup, Makirlarning yerim ⱪismiƣa jǝmǝt-aililiri boyiqǝ miras ⱪilip bɵlup berilgǝnidi.
گىلېئادنىڭ يېرىمى بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ سەلتەنىتىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەي شەھەرلىرى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە قىلىنغان بولۇپ، ماكىرلارنىڭ يېرىم قىسمىغا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بۆلۇپ بېرىلگەنىدى.
32 Musa Iordan dǝryasining xǝrⱪ ⱪetida, Yerihoning udulida, Moabning tüzlǝnglikliridǝ bolƣan waⱪtida bɵlüp bǝrgǝn miraslar mana bu zeminlar idi.
مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قېتىدا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بولغان ۋاقتىدا بۆلۈپ بەرگەن مىراسلار مانا بۇ زېمىنلار ئىدى.
33 Lekin Musa Lawiy ⱪǝbilisigǝ ⱨeq miras zeminni tǝⱪdim ⱪilmidi; Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar ularƣa eytⱪinidǝk, U Ɵzi ularning mirasidur.
لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى تەقدىم قىلمىدى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر.

< Yǝxua 13 >