< Yunus 4 >

1 Əmma bu ix Yunusni intayin narazi ⱪilip, uni ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndürdi.
ئەمما بۇ ئىش يۇنۇسنى ئىنتايىن نارازى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.
2 U Pǝrwǝrdigarƣa: — «Aⱨ, Pǝrwǝrdigar, ɵz yurtumdiki qaƣda Sening xundaⱪ ⱪilidiƣanliⱪingni demigǝnmidim? Xunga mǝn ǝslidǝ Tarxixⱪa ⱪaqmaⱪqi bolƣanmǝn; qünki mǝn bilimǝnki, Sǝn meⱨir-xǝpⱪǝtlik, rǝⱨimdil, asan ƣǝzǝplǝnmǝydiƣan, qongⱪur meⱨribanliⱪⱪa tolƣan, kixilǝrning bexiƣa külpǝt qüxürüxtin yanƣuqi Hudadursǝn.
ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن.
3 Əmdi Pǝrwǝrdigar, jenimni mǝndin elip kǝt, ɵlüm mǝn üqün yaxaxtin ǝwzǝl» — dedi.
ئەمدى پەرۋەردىگار، جېنىمنى مەندىن ئېلىپ كەت، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل» — دېدى.
4 Pǝrwǝrdigar uningdin: — Bundaⱪ aqqiⱪlanƣining toƣrimu? — dǝp soridi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: — بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
5 Andin keyin Yunus xǝⱨǝrdin qiⱪip, xǝⱨǝrning xǝrⱪiy tǝripigǝ berip olturdi. U xu yǝrdǝ ɵzigǝ bir qǝllǝ yasap, xǝⱨǝrdǝ zadi nemǝ ixlar bolarkin dǝp uning sayisidǝ olturdi.
ئاندىن كېيىن يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە بىر چەللە ياساپ، شەھەردە زادى نېمە ئىشلار بولاركىن دەپ ئۇنىڭ سايىسىدە ئولتۇردى.
6 Pǝrwǝrdigar Huda Yunusni ɵz parakǝndiqilikidin ⱪutⱪuzux üqün, uning bexiƣa sayǝ qüxsun dǝp uningƣa bir kiqik dǝrǝhni ɵstürüp tǝyyarlidi. Yunus kiqik dǝrǝhtin intayin hursǝn boldi.
پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى ئۆز پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا سايە چۈشسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر كىچىك دەرەخنى ئۆستۈرۈپ تەييارلىدى. يۇنۇس كىچىك دەرەختىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى.
7 Biraⱪ ikkinqi küni tang atⱪanda Huda bir ⱪurtni tǝyyarlap ǝwǝtti. Ⱪurt bu kiqik dǝrǝhni pilikigǝ zǝrbǝ ⱪilip uni ⱪurutuwǝtti.
بىراق ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى تەييارلاپ ئەۋەتتى. قۇرت بۇ كىچىك دەرەخنى پىلىكىگە زەربە قىلىپ ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى.
8 Kün ⱪizarƣanda, Huda intayin issiⱪ bir xǝrⱪ xamilini tǝyyarlidi; kün tǝptini Yunusning bexiƣa qüxürdi, uni ⱨalidin kǝtküzdi. U ɵzigǝ ɵlüm tilǝp: — Ɵlüm mǝn üqün yaxaxtin ǝwzǝl, — dedi.
كۈن قىزارغاندا، خۇدا ئىنتايىن ئىسسىق بىر شەرق شامىلىنى تەييارلىدى؛ كۈن تەپتىنى يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈردى، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ: — ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل، — دېدى.
9 Biraⱪ Huda uningdin: — Sening axu kiqik dǝrǝh sǝwǝbidin xundaⱪ aqqiⱪlinixing toƣrimu? — dǝp soridi. U jawab berip: — Ⱨǝǝ, ⱨǝtta ɵlgüdǝk aqqiⱪim kǝlgini toƣridur, — dedi.
بىراق خۇدا ئۇنىڭدىن: — سېنىڭ ئاشۇ كىچىك دەرەخ سەۋەبىدىن شۇنداق ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ھەئە، ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر، — دېدى.
10 Pǝrwǝrdigar uningƣa mundaⱪ dedi: — «Sǝn ⱨeq ǝjringni singdürmigǝn ⱨǝm ɵzüng ɵstürmigǝn bu kiqik dǝrǝhkǝ iqingni aƣritting; biraⱪ u bir keqidila ɵzi ɵsüp, bir keqidila ⱪurup kǝtti;
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: — «سەن ھېچ ئەجرىڭنى سىڭدۈرمىگەن ھەم ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن بۇ كىچىك دەرەخكە ئىچىڭنى ئاغرىتتىڭ؛ بىراق ئۇ بىر كېچىدىلا ئۆزى ئۆسۈپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتتى؛
11 Əmdi Mening ong ⱪoli bilǝn sol ⱪolini pǝrⱪ etǝlmǝydiƣan yüz yigirmǝ ming adǝm olturaⱪlaxⱪan, xundaⱪla nurƣun mal-waranlirimu bolƣan Ninǝwǝdǝk bundaⱪ büyük xǝⱨǝrdikilǝrgǝ iqimni aƣritip rǝⱨim ⱪiliximƣa toƣra kǝlmǝmdu?».
ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟».

< Yunus 4 >