< Yuⱨanna 5 >

1 Bu ixlardin keyin, Yǝⱨudiylarning bir ⱨeyti yetip kǝldi wǝ Əysa Yerusalemƣa qiⱪti.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى.
2 Yerusalemdiki «Ⱪoy dǝrwazisi»ning yenida ibraniy tilida «Bǝyt-Əsda» dǝp atilidiƣan bir kɵlqǝk bolup, uning ǝtrapida bǝx pexaywan bar idi.
يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.
3 Bu pexaywanlar astida bir top bimarlar, yǝni ⱪariƣu, tokur wǝ palǝqlǝr yetixatti. Ular u yǝrdǝ yetip kɵlqǝkning süyining qayⱪilixini kütǝtti.
بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.
4 Qünki bir pǝrixtǝ mǝlum waⱪitlarda kɵlqǝkkǝ qüxüp suni urƣutidikǝn; su urƣuƣanda kɵlqǝkkǝ birinqi bolup qüxkǝn kixi ɵzini basⱪan ⱨǝrⱪandaⱪ kesǝldin saⱪiyidikǝn.
چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن.
5 Əmdi u yǝrdǝ ottuz sǝkkiz yildin beri aƣriⱪ azabi tartⱪan bir bimar bar idi.
ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى.
6 Əysa bu adǝmning xu yǝrdǝ yatⱪinini kɵrdi wǝ uning uzundin xu ⱨalǝttǝ ikǝnlikini bilip, uningdin: — Saⱪiyixni halamsǝn? — dǝp soridi.
ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
7 Bimar uningƣa jawabǝn: — Tǝⱪsir, su qayⱪalƣanda meni suƣa qüxüridiƣan adimim yoⱪ. Mǝn qüxǝy degüqǝ, baxⱪilar mening aldimda qüxüwalidu, — dedi.
بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى.
8 Əysa uningƣa: — Ornungdin tur, orun-kɵrpǝngni yiƣixturup mangƣin! — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى.
9 Ⱨeliⱪi adǝm xuan saⱪiyip, orun-kɵrpisini yiƣixturup kɵtürüp mangdi. Xu küni xabat küni idi.
ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى.
10 Xunga [bǝzi] Yǝⱨudiylar saⱪayƣan kixigǝ: — Bügün xabat küni tursa, orun-kɵrpǝngni kɵtürüx [Tǝwratta] sanga mǝn’i ⱪilinƣan! — dedi.
شۇڭا [بەزى] يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە: ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش [تەۋراتتا] ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى.
11 Lekin u ularƣa jawabǝn: — Meni saⱪaytⱪan kixi ɵzi manga: «Orun-kɵrpǝngni yiƣixturup mangƣin» degǝnidi! — dedi.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى.
12 Ular uningdin: — Əmdi sanga: «Orun-kɵrpǝngni yiƣixturup mangƣin» degǝn kixi kim ikǝn? — dǝp soraxti.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
13 Biraⱪ saⱪayƣan adǝm uning kim ikǝnlikini bilmǝytti. Qünki u yǝrdǝ adǝm kɵp bolƣanliⱪtin, Əysa ɵzini daldiƣa elip, astiƣina ketip ⱪaldi.
بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.
14 Bu ixlardin keyin Əysa ⱨeliⱪi adǝmni ibadǝthanida tepip uningƣa: — Mana, saⱪayding. Əmdi ⱪayta gunaⱨ sadir ⱪilma, bexingƣa tehimu eƣir külpǝt qüxüp ⱪalmisun! — dedi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى.
15 Ⱨeliⱪi adǝm Yǝⱨudiylarning ⱪexiƣa berip, ɵzini saⱪaytⱪan Əysa ikǝnlikini uⱪturdi.
ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
16 Əysa bu ixlarni xabat küni ⱪilƣanliⱪi üqün, Yǝⱨudiylar uningƣa ziyankǝxlik ⱪilixⱪa baxlidi.
ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
17 Lekin Əysa ularƣa: — Atam ta ⱨazirƣiqǝ tohtimastin ix ⱪilip kǝlmǝktǝ, mǝnmu ixlǝymǝn! — dedi.
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى.
18 Xu sǝwǝbtin Yǝⱨudiylar uni ɵltürüxkǝ tehimu urunatti; qünki u xabat künining ⱪaidisini buzupla ⱪalmastin, yǝnǝ Hudani «Atam» dǝp qaⱪirip, ɵzini Hudaƣa barawǝr ⱪilƣanidi.
شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى.
19 Xunga Əysa ularƣa jawabǝn mundaⱪ dedi: — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, Oƣul ɵzlükidin ⱨeqnemǝ ⱪilalmaydu, bǝlki pǝⱪǝt Atining nemǝ ⱪiliwatⱪanliⱪini kɵrüp, andin xu ixni ⱪilidu. Ata nemǝ ix ⱪilsa, Oƣulmu xu ixni ohxaxla ⱪilidu.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ.
20 Qünki Ata Oƣulni sɵyidu wǝ Ɵzining ⱪilidiƣan barliⱪ ixlirini uningƣa ayan ⱪilidu ⱨǝm silǝrni ⱨǝyran ⱪalduruxⱪa bulardin tehimu zor wǝ uluƣ ixlarni uningƣa ayan ⱪilidu.
چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ.
21 Qünki ɵlgǝnlǝrni Ata ⱪandaⱪ tirildürüp, ularƣa ⱨayatliⱪ ata ⱪilƣan bolsa, Oƣulmu xuningƣa ohxax ɵzi haliƣan kixilǝrgǝ ⱨayatliⱪ ata ⱪilidu.
چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.
22 Xuningdǝk, Ata Ɵzi ⱨeqkimning üstidin ⱨɵküm qiⱪarmaydu, bǝlki barliⱪ ⱨɵküm ixlirini Oƣulƣa tapxurƣan.
شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان.
23 Buningdin mǝⱪsǝt, — insanlarning ⱨǝmmisi Atiƣa ⱨɵrmǝt ⱪilƣandǝk, Oƣulƣimu ohxaxla ⱨɵrmǝt ⱪilixi üqündur. Kimki Oƣulni ⱨɵrmǝtlimisǝ, uni ǝwǝtküqi Atinimu ⱨɵrmǝtlimigǝnlǝrdin bolidu.
بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.
24 — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, sɵzümni anglap, meni Əwǝtküqigǝ ixǝngǝn ⱨǝrkim mǝnggülük ⱨayatⱪa erixkǝn bolidu; u adǝm soraⱪⱪa tartilmaydu, bǝlki ɵlümdin ⱨayatliⱪⱪa ɵtkǝn bolidu. (aiōnios g166)
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. (aiōnios g166)
25 — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, ɵlüklǝrning Hudaning Oƣlining awazini anglaydiƣan waⱪit-saiti yetip kǝlmǝktǝ, xundaⱪla ⱨazir kǝldiki, angliƣanlar ⱨayatliⱪⱪa igǝ bolidu.
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.
26 Qünki Ata Ɵzidǝ ⱪandaⱪ ⱨayatliⱪⱪa igǝ bolsa, Oƣulƣimu ɵzidǝ xundaⱪ ⱨayatliⱪⱪa igǝ boluxni ata ⱪildi
چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى
27 wǝ yǝnǝ uningƣa soraⱪ ⱪilix ⱨoⱪuⱪinimu bǝrdi, qünki u Insan’oƣlidur.
ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر.
28 Buningƣa tǝǝjjüp ⱪilmanglar; qünki barliⱪ gɵrdǝ yatⱪanlar uning awazini anglaydiƣan waⱪit kelidu
بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ
29 wǝ ular xuan yǝrlikliridin qiⱪixidu, yahxiliⱪ ⱪilƣanlar ⱨayatⱪa tirilidu, yamanliⱪ ⱪilƣanlar soraⱪⱪa tartilixⱪa tirilidu.
ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.
30 Mǝn ɵzlükümdin ⱨeqnemǝ ⱪilalmaymǝn, pǝⱪǝt [Atamdin] angliƣinim boyiqǝ ⱨɵküm ⱪilimǝn; wǝ mening ⱨɵkümüm ⱨǝⱪⱪaniydur, qünki mening izdiginim ɵzümning iradisi ǝmǝs, bǝlki meni ǝwǝtküqining iradisini ǝmǝlgǝ axuruxtur.
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت [ئاتامدىن] ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.
31 — Əgǝr ɵzüm üqün ɵzüm guwaⱨliⱪ bǝrsǝm guwaⱨliⱪim ⱨǝⱪiⱪǝt ⱨesablanmaydu.
ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ.
32 Lekin mǝn üqün guwaⱨliⱪ beridiƣan baxⱪa birsi bar. Uning manga beridiƣan guwaⱨliⱪining rastliⱪini bilimǝn.
لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن.
33 Silǝr Yǝⱨyaƣa ǝlqi ǝwǝtkininglarda, u ⱨǝⱪiⱪǝtkǝ guwaⱨliⱪ bǝrgǝn
سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن
34 ([ǝmǝliyǝttǝ], manga insanning guwaⱨliⱪini ⱪobul ⱪiliximning keriki yoⱪ; mening [Yǝⱨya toƣruluⱪ] xundaⱪ eytiwaⱪinim pǝⱪǝtla silǝrning ⱪutⱪuzuluxunglar üqündur).
([ئەمەلىيەتتە]، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ [يەھيا توغرۇلۇق] شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر).
35 [Yǝⱨya] bolsa kɵyüp nur qeqip turƣan bir qiraƣ idi wǝ silǝr uning yoruⱪida bir mǝzgil xadlinixⱪa razi boldunglar.
[يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.
36 Lekin Yǝⱨyaning mǝn üqün bǝrgǝn guwaⱨliⱪidinmu uluƣ bir guwaⱨliⱪ bar. U bolsimu, ata manga ada ⱪilixⱪa tapxurƣan ǝmǝllǝr, yǝni mǝn ⱪiliwatⱪan ǝmǝllǝr, bular mening toƣramda Atining meni ǝwǝtkinigǝ guwaⱨliⱪ beridu.
لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
37 Wǝ meni ǝwǝtkǝn Ata Ɵzimu mǝn üqün guwaⱨliⱪ bǝrgǝndur. Silǝr ⱨeqⱪaqan uning awazini anglimidinglar, ⱪiyapitini kɵrmidinglar
ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار
38 wǝ uning sɵz-kalami silǝrning iqinglardin orun almidi; qünki Uning ǝwǝtkini bolsa, uningƣa ixǝnmǝysilǝr.
ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر.
39 Muⱪǝddǝs yazmilarni ⱪetirⱪenip oⱪup olturisilǝr; qünki ulardin mǝnggülük ⱨayatⱪa igǝ bolduⱪ, dǝp ⱪaraysilǝr. Dǝl bu yazmilar mǝn üqün guwaⱨliⱪ bǝrgüqidur. (aiōnios g166)
مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. (aiōnios g166)
40 Xundaⱪtimu silǝr yǝnila ⱨayatliⱪⱪa erixix üqün mening yenimƣa kelixni halimaysilǝr.
شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر.
41 Mǝn insanlarning mahtixini ⱪobul ⱪilmaymǝn;
مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛
42 lekin mǝn silǝrni bilimǝnki, iqinglarda Hudaning muⱨǝbbiti yoⱪ.
لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق.
43 Mǝn Atamning nami bilǝn kǝlgǝnmǝn, ǝmma silǝr meni ⱪobul ⱪilmaysilǝr. Ⱨalbuki, baxⱪa birsi ɵz nami bilǝn kǝlsǝ, silǝr uni ⱪobul ⱪilisilǝr.
مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر.
44 Silǝr bir-biringlardin izzǝt-xɵⱨrǝt ⱪobul ⱪilisilǝr-yu, yeganǝ Hudadin kǝlgǝn izzǝt-xɵⱨrǝtkǝ intilmisǝnglǝr, undaⱪta silǝr ⱪandaⱪmu etiⱪad ⱪilalaysilǝr?!
سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
45 Biraⱪ meni üstimizdin Atiƣa xikayǝt ⱪilidu, dǝp oylimanglar. Üstünglardin xikayǝt ⱪilƣuqi mǝn ǝmǝs, bǝlki silǝr ümid baƣliƣan Musa [pǝyƣǝmbǝrdur].
بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا [پەيغەمبەردۇر].
46 Qünki ǝgǝr silǝr rasttin Musa [pǝyƣǝmbǝrgǝ] ixǝngǝn bolsanglar, mangimu ixǝngǝn bolattinglar. Qünki u [muⱪǝddǝs yazmilarda] mǝn toƣruluⱪ pütkǝndur.
چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا [پەيغەمبەرگە] ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر.
47 Lekin uning pütkǝnlirigǝ ixǝnmisǝnglar, mening sɵzlirimgǝ ⱪandaⱪmu ixinisilǝr?!
لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەنلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟!

< Yuⱨanna 5 >