< Yuⱨanna 16 >

1 Silǝrning putlixip kǝtmǝslikinglar üqün bularni silǝrgǝ eyttim.
سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
2 Ular silǝrni sinagoglarning jamaǝtliridin ⱪoƣlap qiⱪiriwetidu; ⱨǝmdǝ xundaⱪ bir waⱪit-saǝt keliduki, silǝrni ɵltürgüqi ɵzini Hudaƣa hizmǝt ⱪiliwatimǝn, dǝp ⱨesablaydu.
ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.
3 Ular bularni ya Atini, ya meni tonumiƣanliⱪi üqün ⱪilidu.
ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.
4 Lekin mǝn bu ixlarni silǝrgǝ eyttimki, waⱪit-saiti kǝlgǝndǝ, mǝn xundaⱪ aldin’ala eytⱪinimni esinglarƣa kǝltürǝlǝysilǝr.
لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.
5 — Mǝn baxta bularni silǝrgǝ eytmidim, qünki mǝn silǝr bilǝn billǝ idim. Lekin ǝmdi meni ǝwǝtküqining yeniƣa ⱪaytip ketimǝn. Xundaⱪ turuⱪluⱪ, aranglardin ⱨeqkim mǝndin: «Nǝgǝ ketisǝn?» dǝp sorimaywatidu.
ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ.
6 Əksiqǝ, silǝrgǝ bularni eytⱪinim üqün, ⱪǝlbinglar ⱪayƣuƣa qɵmüp kǝtti.
ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى.
7 Əmma mǝn silǝrgǝ ⱨǝⱪiⱪǝtni eytip ⱪoyayki, mening ketixim silǝrgǝ paydiliⱪtur. Qünki ǝgǝr kǝtmisǝm, Yardǝmqi silǝrgǝ kǝlmǝydu. Əmma kǝtsǝm, Uni silǝrgǝ ǝwǝtimǝn.
ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن.
8 U kǝlgǝndǝ, bu dunyadikilǝrgǝ gunaⱨ toƣrisida, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ toƣrisida wǝ ahirǝt soriⱪi toƣrisida ⱨǝⱪiⱪǝtni bilgüzidu.
ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ.
9 U ularni gunaⱨ toƣrisida bilgüzidu, qünki ular manga etiⱪad ⱪilmidi.
ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى.
10 Ularni ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ toƣrisida [bilgüzidu], qünki Atamning yeniƣa ⱪaytip barimǝn wǝ silǝr meni yǝnǝ kɵrǝlmǝysilǝr.
ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.
11 Ularni ahirǝt soriⱪi toƣrisida [bilgüzidu], qünki bu dunyaning ⱨɵkümdari üstigǝ ⱨɵküm qiⱪirildi.
ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.
12 Silǝrgǝ eytidiƣan yǝnǝ kɵp sɵzlirim bar idi; lekin silǝr ularni ⱨazirqǝ kɵtürǝlmǝysilǝr.
سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر.
13 Lekin U, yǝni Ⱨǝⱪiⱪǝtning Roⱨi kǝlgǝndǝ, U silǝrni barliⱪ ⱨǝⱪiⱪǝtkǝ baxlap baridu. Qünki U ɵzlükidin sɵzlimǝydu, bǝlki nemini angliƣan bolsa, xuni sɵzlǝydu wǝ kǝlgüsidǝ bolidiƣan ixlardin silǝrgǝ hǝwǝr beridu.
لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.
14 U meni uluƣlaydu; qünki U mǝndǝ bar bolƣanni tapxuruwelip, silǝrgǝ jakarlaydu.
ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ.
15 Atida bar bolƣanning ⱨǝmmisi ⱨǝm meningkidur; mana xuning üqün mǝn: «U mǝndǝ bar bolƣanni tapxuruwelip, silǝrgǝ jakarlaydu» dǝp eyttim.
ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم.
16 Az waⱪittin keyin, meni kɵrmǝysilǝr; wǝ yǝnǝ bir’az waⱪit ɵtkǝndin keyin, meni ⱪayta kɵrisilǝr, qünki mǝn Atamning yeniƣa ketimǝn».
ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن».
17 Xunga muhlislarning bǝziliri bir-birigǝ: — Bizlǝrgǝ: — «Az waⱪittin keyin, meni kɵrmǝysilǝr; yǝnǝ bir’az waⱪit ɵtkǝndin keyin, meni ⱪayta kɵrisilǝr» wǝ yǝnǝ «Qünki mǝn Atamning yeniƣa ketimǝn» degini nemǝ deginidu?
شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟
18 «Az waⱪittin keyin» degǝn sɵzining mǝnisi nemǝ? Uning nemilǝrni dǝwatⱪanlirini bilmiduⱪ, — deyixidu.
«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ.
19 Əysa ularning ɵzidin nemini sorimaⱪqi bolƣinini bilip ularƣa mundaⱪ dedi: — «Mening «Az waⱪittin keyin, meni kɵrmǝysilǝr; yǝnǝ bir’az waⱪit ɵtkǝndin keyin, meni kɵrisilǝr» deginimning mǝnisini bir-biringlardin sorawatamsilǝr?
ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟
20 Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, silǝr yiƣa-zar kɵtürüsilǝr, lekin bu dunyadikilǝr huxal boluxup ketidu; silǝr ⱪayƣurisilǝr, lekin ⱪayƣuliringlar xadliⱪⱪa aylinidu.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ.
21 Ayal kixi tuƣutta azablinidu, qünki uning waⱪit-saiti yetip kǝlgǝn; lekin bowiⱪi tuƣulup bolƣandin keyin, bir pǝrzǝntning dunyaƣa kǝlgǝnlikining xadliⱪi bilǝn tartⱪan azabini untup ketidu.
ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
22 Xuningƣa ohxax, silǝrmu ⱨazir azabliniwatisilǝr, lekin mǝn silǝr bilǝn ⱪayta kɵrüximǝn, ⱪǝlbinglar xadlinidu wǝ xadliⱪinglarni ⱨeqkim silǝrdin tartiwalalmaydu.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.
23 Xu kündǝ silǝr mǝndin ⱨeqnǝrsǝ sorimaysilǝr. Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, mening namim bilǝn Atidin nemini tilisǝnglar, u xuni silǝrgǝ beridu.
شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ.
24 Ⱨazirƣiqǝ mening namim bilǝn ⱨeqnemǝ tilimidinglar. Əmdi tilǝnglar, erixisilǝr, buning bilǝn xadliⱪinglar tolup taxidu!
ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!
25 Silǝrgǝ bularni tǝmsillǝr bilǝn eytip bǝrdim. Biraⱪ xundaⱪ bir waⱪit keliduki, u qaƣda silǝrgǝ yǝnǝ tǝmsillǝr bilǝn sɵzlimǝymǝn, Ata toƣruluⱪ silǝrgǝ oquⱪ eytimǝn.
سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن.
26 Xu küni tilǝkliringlarni mening namim bilǝn iltija ⱪilisilǝr. Mǝn silǝr üqün Atidin tǝlǝp ⱪilimǝn, dǝp eytmaymǝn;
شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛
27 qünki Ata ɵzimu silǝrni sɵyidu; qünki silǝr meni sɵyisilǝr wǝ mening Hudaning yenidin kǝlgǝnlikimgǝ ixǝndinglar.
چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.
28 Mǝn Atining yenidin qiⱪip bu dunyaƣa kǝldim; ǝmdi mǝn yǝnǝ bu dunyadin ketip Atining yeniƣa barimǝn».
مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن».
29 Muhlisliri: — Mana sǝn ⱨazir oquⱪ eytiwatisǝn, tǝmsil kǝltürüp sɵzlimiding!
مۇخلىسلىرى: ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ!
30 Biz sening ⱨǝmmini bilginingni, xundaⱪla ⱨeqkimning sǝndin soal sorixining ⱨajiti yoⱪluⱪini ǝmdi bilip yǝttuⱪ. Xuningdin sening Hudaning yenidin kǝlgǝnlikinggǝ ixǝnduⱪ, — deyixti.
بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى.
31 Əysa jawabǝn ularƣa: — Ⱨazir ixǝndinglarmu?
ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟
32 Mana, xundaⱪ waⱪit-saiti kelǝy dǝp ⱪaldi, xundaⱪla kelip ⱪaldiki, ⱨǝmminglar meni yalƣuz taxlap ⱨǝrbiringlar ɵz yolliringlarƣa tarⱪilip ketisilǝr. Biraⱪ mǝn yalƣuz ǝmǝsmǝn, qünki Ata mǝn bilǝn billidur.
مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر.
33 Silǝrning mǝndǝ hatirjǝmlikkǝ igǝ boluxunglar üqün bularni silǝrgǝ eyttim. Bu dunyada turup azab-oⱪubǝt tartisilǝr, ǝmma ƣǝyrǝtlik bolunglar! Mǝn bu dunya üstidin ƣǝlibǝ ⱪildim!
سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!

< Yuⱨanna 16 >