< Yuⱨanna 1 >

1 Muⱪǝddǝmdǝ «Kalam» bar idi; Kalam Huda bilǝn billǝ idi ⱨǝm Kalam Huda idi.
مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى.
2 U muⱪǝddǝmdǝ Huda bilǝn billǝ idi.
ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى.
3 U arⱪiliⱪ barliⱪ mǝwjudatlar yaritildi wǝ barliⱪ yaritilƣanlarning ⱨeqbiri uningsiz yaritilƣan ǝmǝs.
ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.
4 Uningda ⱨayatliⱪ bar idi wǝ xu ⱨayatliⱪ insanlarƣa nur elip kǝldi.
ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.
5 Wǝ nur ⱪarangƣuluⱪta parlaydu wǝ ⱪarangƣuluⱪ bolsa nurni ⱨeq besip qüxǝligǝn ǝmǝs.
ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.
6 Bir adǝm Hudadin kǝldi. Uning ismi Yǝⱨya idi.
بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى.
7 U guwaⱨliⱪ berix üqün, yǝni ⱨǝmmǝ insan ɵzi arⱪiliⱪ ixǝndürülsun, dǝp nurƣa guwaⱨqi boluxⱪa kǝlgǝnidi.
ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى.
8 [Yǝⱨyaning] ɵzi xu nur ǝmǝs, bǝlki pǝⱪǝt xu nurƣa guwaⱨliⱪ berixkǝ kǝlgǝnidi.
[يەھيانىڭ] ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى.
9 Ⱨǝⱪiⱪiy nur, yǝni pütkül insanni yorutⱪuqi nur dunyaƣa keliwatⱪanidi.
ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى.
10 U dunyada bolƣan wǝ dunya u arⱪiliⱪ barliⱪⱪa kǝltürülgǝn bolsimu, lekin dunya uni tonumidi.
ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.
11 U ɵziningkilǝrgǝ kǝlgǝn bolsimu, biraⱪ uni ɵz hǝlⱪi ⱪobul ⱪilmidi.
ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى.
12 Xundaⱪtimu, u ɵzini ⱪobul ⱪilƣanlar, yǝni ɵz namiƣa etiⱪad ⱪilƣanlarning ⱨǝmmisigǝ Hudaning pǝrzǝnti bolux ⱨoⱪuⱪini ata ⱪildi.
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى.
13 Uni ⱪobul ⱪilƣan muxular ya ⱪandin, ya ǝtlǝrdin, ya insan iradisidin ǝmǝs, bǝlki Hudadin tɵrǝlgǝn bolidu.
ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.
14 Kalam insan boldi ⱨǝm arimizda makanlaxti wǝ biz uning xan-xǝripigǝ ⱪariduⱪ; u xan-xǝrǝp bolsa, Atining yenidin kǝlgǝn, meⱨir-xǝpⱪǝt wǝ ⱨǝⱪiⱪǝtkǝ tolƣan birdinbir yeganǝ Oƣliningkidur.
كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر.
15 (Yǝⱨya uningƣa guwaⱨliⱪ berip: — Mana, mǝn [silǝrgǝ]: «Mǝndin keyin kǝlgüqi mǝndin üstündur, qünki u mǝn dunyaƣa kelixtin burunla bolƣanidi» deginim dǝl muxu kixidur! — dǝp jar ⱪildi)
(يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى)
16 Qünki ⱨǝmmimiz uningdiki tolup taxⱪanlardin iltipat üstigǝ iltipat alduⱪ.
چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق.
17 Qünki Tǝwrat ⱪanuni Musa [pǝyƣǝmbǝr] arⱪiliⱪ yǝtküzülgǝnidi; lekin meⱨir-xǝpⱪǝt wǝ ⱨǝⱪiⱪǝt Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ yǝtküzüldi.
چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.
18 Hudani ⱨeqkim kɵrüp baⱪⱪan ǝmǝs; biraⱪ Atining ⱪuqiⱪida turƣuqi, yǝni birdinbir Oƣul Uni ayan ⱪildi.
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى.
19 Yerusalemdiki Yǝⱨudiylar Yǝⱨyadin «Sǝn kimsǝn?» dǝp sürüxtǝ ⱪilixⱪa kaⱨinlar bilǝn Lawiylarni uning yeniƣa ǝwǝtkǝndǝ, uning ularƣa jawabǝn bǝrgǝn guwaⱨliⱪi mundaⱪ idi:
يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى:
20 U etirap ⱪilip, ⱨeq ikkilǝnmǝy: — «Mǝn Mǝsiⱨ ǝmǝsmǝn» — dǝp eniⱪ etirap ⱪildi.
ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى.
21 Ular uningdin: — Undaⱪta ɵzüng kim bolisǝn? Ilyas [pǝyƣǝmbǝr]musǝn? — dǝp soridi. — Yaⱪ, mǝn u ǝmǝsmǝn, — dedi u. — Əmisǝ, sǝn ⱨeliⱪi pǝyƣǝmbǝrmusǝn? — dǝp soridi ular. U yǝnǝ: — Yaⱪ! — dedi.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس [پەيغەمبەر]مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى.
22 Xunga ular uningdin: — Undaⱪta, sǝn zadi kim bolisǝn? Bizni ǝwǝtkǝnlǝrgǝ jawab beriximiz üqün, [bizgǝ eytⱪin], ɵzüng toƣruluⱪ nemǝ dǝysǝn? — dǝp soridi.
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، [بىزگە ئېيتقىن]، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
23 Yǝⱨya mundaⱪ jawab bǝrdi: — Yǝxaya pǝyƣǝmbǝr burun eytⱪandǝk, qɵldǝ «Rǝbning yolini tüz ⱪilinglar» dǝp towlaydiƣan awazdurmǝn!
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!
24 Əmdi [Yerusalemdin] ǝwǝtilgǝnlǝr Pǝrisiylǝrdin idi. Ular yǝnǝ Yǝⱨyadin: — Sǝn ya Mǝsiⱨ, ya Ilyas yaki ⱨeliⱪi pǝyƣǝmbǝr bolmisang, nemǝ dǝp kixilǝrni suƣa qɵmüldürisǝn? — dǝp soridi.
ئەمدى [يېرۇسالېمدىن] ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن: ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
26 Yǝⱨya ularƣa mundaⱪ dǝp jawab bǝrdi: — Mǝn kixilǝrni suƣila qɵmüldürimǝn, lekin aranglarda turƣuqi silǝr tonumiƣan birsi bar;
يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛
27 u mǝndin keyin kǝlgüqi bolup, mǝn ⱨǝtta uning kǝxining boƣⱪuqini yexixkimu layiⱪ ǝmǝsmǝn!
ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
28 Bu ixlar Iordan dǝryasining xǝrⱪiy ⱪetidiki Bǝyt-Aniya yezisida, yǝni Yǝⱨya pǝyƣǝmbǝr kixilǝrni [suƣa] qɵmüldürüwatⱪan yǝrdǝ yüz bǝrgǝnidi.
بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى [سۇغا] چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.
29 Ətisi, Yǝⱨya Əysaning ɵzigǝ ⱪarap keliwatⱪanliⱪini kɵrüp mundaⱪ dedi: — Mana, pütkül dunyaning gunaⱨlirini elip taxlaydiƣan Hudaning ⱪozisi!
ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!
30 Mana, mǝn [silǝrgǝ]: «Mǝndin keyin kǝlgüqi birsi bar, u mǝndin üstündur, qünki u mǝn dunyada boluxtin burunla bolƣanidi» deginim dǝl muxu kixidur!
مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر!
31 Mǝn burun uni bilmisǝmmu, lekin uni Israilƣa ayan bolsun dǝp, kixilǝrni suƣa qɵmüldürgili kǝldim.
مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.
32 Yǝⱨya yǝnǝ guwaⱨliⱪ berip mundaⱪ dedi: — Mǝn Roⱨning pahtǝk ⱨalitidǝ asmandin qüxüp, uning üstigǝ ⱪonƣanliⱪini kɵrdüm.
يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم.
33 Mǝn ǝslidǝ uni bilmigǝnidim; lekin meni kixilǝrni suƣa qɵmüldürüxkǝ Əwǝtküqi manga: «Sǝn Roⱨning qüxüp, kimning üstigǝ ⱪonƣanliⱪini kɵrsǝng, u kixilǝrni Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa qɵmüldürgüqi bolidu!» degǝnidi.
مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى.
34 Mǝn dǝrwǝⱪǝ xu ixni kɵrdüm, xunga uning ⱨǝⱪiⱪǝtǝn Hudaning Oƣli ikǝnlikigǝ guwaⱨliⱪ bǝrdim!
مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم!
35 Ətisi, Yǝⱨya ikki muhlisi bilǝn yǝnǝ xu yǝrdǝ turatti.
ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى.
36 U [u yǝrdin] mengip ketiwatⱪan Əysani kɵrüp: — Ⱪaranglar! Hudaning ⱪozisi! — dedi.
ئۇ [ئۇ يەردىن] مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى.
37 Uning bu sɵzini angliƣan ikki muhlis Əysaning kǝynidin mengixti.
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
38 Əysa kǝynigǝ burulup, ularning ǝgixip keliwatⱪinini kɵrüp ulardin: — Nemǝ izdǝysilǝr? — dǝp soridi. Ular: — Rabbi (bu [ibraniyqǝ sɵz bolup], «ustaz» degǝn mǝnidǝ), ⱪǝyǝrdǝ turisǝn? — dedi.
ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ راببى (بۇ [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى.
39 — Berip kɵrünglar, — dedi u. Xuning bilǝn, ular berip uning ⱪǝyǝrdǝ turidiƣanliⱪini kɵrdi wǝ u küni uning bilǝn billǝ turdi (bu waⱪit xu künning oninqi saiti idi).
ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى).
40 Yǝⱨya [pǝyƣǝmbǝrning] yuⱪiriⱪi sɵzini anglap, Əysaning kǝynidin mangƣan ikkiylǝnning biri Simon Petrusning inisi Andriyas idi.
يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى.
41 Andriyas awwal ɵz akisi Simonni tepip, uningƣa: — Biz «Mǝsiⱨ»ni taptuⱪ! — dedi («Mǝsiⱨ» ibraniyqǝ sɵz bolup, grek tilida «Hristos» dǝp tǝrjimǝ ⱪilinidu)
ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ)
42 wǝ akisini Əysaning aldiƣa elip bardi. Əysa uningƣa ⱪarap: Sǝn Yunusning oƣli Simon; buningdin keyin «Kifas» dǝp atilisǝn, — dedi (mǝnisi «tax»tur).
ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر).
43 Ətisi, Əysa Galiliyǝ ɵlkisigǝ yol almaⱪqi idi. U Filipni tepip, uningƣa: — Manga ǝgixip mang! — dedi
ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى
44 (Filip Bǝyt-Saidaliⱪ bolup, Andriyas bilǝn Petrusning yurtdixi idi).
(فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى).
45 Filip Nataniyǝlni tepip, uningƣa: — Musa pǝyƣǝmbǝr Tǝwratta wǝ baxⱪa pǝyƣǝmbǝrlǝrmu [yazmilirida] bexarǝt ⱪilip yazƣan zatni taptuⱪ. U bolsa Yüsüpning oƣli Nasarǝtlik Əysa ikǝn! — dedi.
فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ [يازمىلىرىدا] بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى.
46 Biraⱪ Nataniyǝl: — Nasarǝt degǝn jaydin yahxi birnemǝ qiⱪamdu?! — dedi. Kelip kɵrüp baⱪ! — dedi Filip.
بىراق ناتانىيەل: ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ.
47 Əysa Nataniyǝlning ɵzining aldiƣa keliwatⱪanliⱪini kɵrüp, u toƣruluⱪ: — Mana, iqidǝ ⱪilqǝ ⱨiylǝ-mikrisi yoⱪ ⱨǝⱪiⱪiy bir Israilliⱪ! — dedi.
ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى.
48 Nataniyǝl: — Meni ⱪǝyerimdin bilding? — dǝp soridi. Əysa uningƣa jawab berip: — Filip seni qaⱪirixtin awwal, sening ǝnjür dǝrihining tüwidǝ olturƣanliⱪingni kɵrgǝnidim, — dedi.
ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى.
49 Nataniyǝl jawabǝn: — Ustaz, sǝn Hudaning Oƣli, Israilning Padixaⱨisǝn! — dedi.
ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى.
50 Əysa uningƣa jawabǝn: — Seni ǝnjür dǝrihining tüwidǝ kɵrgǝnlikimni eytⱪanliⱪim üqün ixiniwatamsǝn? Buningdinmu qong ixlarni kɵrisǝn! — dedi
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى
51 wǝ yǝnǝ: — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ silǝrgǝ eytip ⱪoyayki, silǝr asmanlar eqilip, Hudaning pǝrixtilirining Insan’oƣlining üstidin qiⱪip-qüxüp yüridiƣanliⱪini kɵrisilǝr! — dedi.
ۋە يەنە: ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى.

< Yuⱨanna 1 >