< Ayup 30 >

1 — «Biraⱪ ⱨazir bolsa, yaxlar meni mazaⱪ ⱪilidu, Ularning dadilirini ⱨǝtta padamni baⱪidiƣan itlar bilǝn billǝ ixlǝxkǝ yol ⱪoyuxnimu yaman kɵrǝttim.
ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم.
2 Ularning maƣduri kǝtkǝndin keyin, Ⱪolidiki küq manga nemǝ payda yǝtküzǝlisun?
ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟
3 Yoⱪsuzluⱪ ⱨǝm aqliⱪtin yiglǝp kǝtkǝn, Ular uzundin buyan qɵldǝrǝp kǝtkǝn dǝxt-bayawanda ⱪuruⱪ yǝrni ƣajaydu.
يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ.
4 Ular ǝmǝn-xiwaⱪni qatⱪallar arisidin yulidu, Xumbuyining yiltizlirinimu terip ɵzlirigǝ nan ⱪilidu.
ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ.
5 Ular ǝl-yurtlardin ⱨǝydiwetilgǝn bolidu, Kixilǝr ularni kɵrüpla oƣrini kɵrgǝndǝk warⱪirap tillaydu.
ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ.
6 Xuning bilǝn ular sürlük jilƣilarda ⱪonup, Taxlar arisida, ƣarlar iqidǝ yaxaxⱪa mǝjbur bolidu.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
7 Qatⱪalliⱪ arisida ular ⱨangrap ketidu, Tikǝnlǝr astida ular dügdiyip olturixidu;
چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛
8 Nadanlarning, nam-abruyisizlarning baliliri, Ular zemindin sürtoⱪay ⱨǝydiwetilgǝn.
نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن.
9 Mǝn ⱨazir bolsam bularning ⱨǝjwiy nahxisi, Ⱨǝtta sɵz-qɵqikining dǝstiki bolup ⱪaldim!
مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم!
10 Ular mǝndin nǝprǝtlinip, Mǝndin yiraⱪ turup, Yüzümgǝ tükürüxtinmu yanmaydu.
ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ.
11 Qünki [Huda] mening ⱨayat rixtimni üzüp, meni japaƣa qɵmdürgǝn, Xuning bilǝn xu adǝmlǝr aldimda tizginlirini eliwǝtkǝn.
چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن.
12 Ong yenimda bir top qüprǝndǝ yaxlar ornidin turup, Ular putumni turƣan yeridin ittiriwǝtmǝkqi, Ular sepilimƣa ⱨujum pǝlǝmpǝylirini kɵtürüp turidu;
ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛
13 Ular yolumni buzuwetidu, Ularning ⱨeq yɵlǝnqüki bolmisimu, Ⱨalakitimni ilgiri sürmǝktǝ.
ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
14 Ular sepilning kǝng bɵsük jayidin bɵsüp kirgǝndǝk kirixidu; Wǝyranilikimdin paydilinip qong taxlardǝk domilap kirixidu.
ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ.
15 Wǝⱨimilǝr burulup meni ɵz nixani ⱪilƣan; Xuning bilǝn ⱨɵrmitim xamal ɵtüp yoⱪ bolƣandǝk ⱨǝydiwetildi, Awatqiliⱪimmu bulut ɵtüp kǝtkǝndǝk ɵtüp kǝtti.
ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى.
16 Ⱨazir bolsa jenim ⱪaqidin tɵkülüp kǝtkǝndǝk; Azabliⱪ künlǝr meni tutuwaldi.
ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى.
17 Keqilǝr bolsa, manga sɵngǝklirimgiqǝ sanjimaⱪta; Aƣriⱪlirim meni qixlǝp dǝm almaydu.
كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ.
18 [Aƣriⱪlar] zor küqi bilǝn manga kiyim-keqikimdǝk boldi; Ular kɵnglikimning yaⱪisidǝk manga qaplixiwaldi.
[ئاغرىقلار] زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى.
19 Huda meni sazliⱪⱪa taxliwǝtkǝn, Mǝn topa-qangƣa wǝ külgǝ ohxax bolup ⱪaldim.
خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم.
20 Mǝn Sanga nalǝ-pǝryad kɵtürmǝktimǝn, Biraⱪ Sǝn manga jawab bǝrmǝysǝn; Mǝn ornumdin tursam, Sǝn pǝⱪǝtla manga ⱪarapla ⱪoyisǝn.
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن.
21 Sǝn ɵzgirip manga bir zalim boldung; Ⱪolungning küqi bilǝn manga zǝrbǝ ⱪiliwatisǝn;
سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛
22 Sǝn meni kɵtürüp Xamalƣa mindürgǝnsǝn; Boran-qapⱪunda tǝǝlluⱪatimni yoⱪ ⱪiliwǝtkǝnsǝn.
سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن.
23 Qünki Sǝn meni ahirida ɵlümgǝ, Yǝni barliⱪ ⱨayat igilirining «yiƣilix ɵyi»gǝ kǝltürüwatisǝn.
چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن.
24 U ⱨalak ⱪilƣan waⱪtida kixilǝr nalǝ-pǝryad kɵtürsimu, U ⱪolini uzatⱪanda, duaning dǝrwǝⱪǝ ⱨeqⱪandaⱪ nǝtijisi yoⱪ;
ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛
25 Mǝn künliri tǝs kixi üqün yiƣlap [dua ⱪilƣan] ǝmǝsmu? Namratlar üqün jenim azablanmidimu?
مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ [دۇئا قىلغان] ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟
26 Mǝn ɵzüm yahxiliⱪ kütüp yürginim bilǝn, yamanliⱪ kelip ⱪaldi; Nur kütkinim bilǝn, ⱪarangƣuluⱪ kǝldi.
مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى.
27 Iqim ⱪazandǝk ⱪaynap, aramliⱪ tapmaywatidu; Azabliⱪ künlǝr manga yüzlǝndi.
ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى.
28 Mǝn ⱪuyax nurini kɵrmǝymu ⱪaridap yürmǝktimǝn; Halayiⱪ arisida mǝn ornumdin turup, nalǝ-pǝryad kɵtürimǝn.
مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن.
29 Mǝn qilbɵrilǝrgǝ ⱪerindax bolup ⱪaldim, Ⱨuwⱪuxlarning ⱨǝmraⱨi boldum.
مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم.
30 Terǝm ⱪariyip mǝndin ajrap ketiwatidu, Sɵngǝklirim ⱪiziⱪtin kɵyüp ketiwatidu.
تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
31 Qiltarimdin matǝm mǝrsiyǝsi qiⱪidu, Neyimning awazi ⱨaza tutⱪuqilarning yiƣisiƣa aylinip ⱪaldi».
چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى».

< Ayup 30 >