< Ayup 20 >

1 Andin Naamatliⱪ Zofar jawabǝn mundaⱪ dedi: —
ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «Meni biaram ⱪilƣan hiyallar jawab berixkǝ ündǝwatidu, Qünki ⱪǝlbim biaramliⱪta ɵrtǝnmǝktǝ.
«مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە.
3 Mǝn manga ⱨaⱪarǝt kǝltürüp, meni ǝyiblǝydiƣan sɵzlǝrni anglidim, Xunga mening roⱨ-zeⱨnim meni jawab berixkǝ ⱪistidi.
مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى.
4 Sǝn xuni bilmǝmsǝnki, Yǝr yüzidǝ Adǝm’atimiz apiridǝ bolƣandin beri,
سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى،
5 Rǝzillǝrning ƣalibǝ tǝntǝnisi ⱪisⱪidur, Iplaslarning huxalliⱪi birdǝmliktur.
رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر.
6 Undaⱪ kixining xan-xǝripi asmanƣa yǝtkǝn bolsimu, Bexi bulutlarƣa taⱪaxsimu,
ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ،
7 Yǝnila ɵzining poⱪidǝk yoⱪap ketidu; Uni kɵrgǝnlǝr: «U nǝdidur?» dǝydu.
يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ.
8 U qüxtǝk uqup ketidu, Ⱪayta tapⱪili bolmaydu; Keqidiki ƣayibanǝ alamǝttǝk u ⱨǝydiwetilidu.
ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ.
9 Uni kɵrgǝn kɵz ikkinqi uni kɵrmǝydu, Uning turƣan jayi uni ⱪayta uqratmaydu.
ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ.
10 Uning oƣulliri miskinlǝrgǝ xǝpⱪǝt ⱪilixⱪa mǝjburlinidu; Xuningdǝk u ⱨǝtta ɵz ⱪoli bilǝn bayliⱪlirini ⱪayturup beridu.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
11 Uning ustihanliri yaxliⱪ maƣduriƣa tolƣan bolsimu, Biraⱪ [uning maƣduri] uning bilǝn billǝ topa-qangda yetip ⱪalidu.
ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، بىراق [ئۇنىڭ ماغدۇرى] ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ.
12 Gǝrqǝ rǝzillik uning aƣzida tatliⱪ tetiƣan bolsimu, U uni til astiƣa yoxurƣan bolsimu,
گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ،
13 U uni yutⱪusi kǝlmǝy meⱨrini üzǝlmisimu, U uni aƣzida ⱪaldursimu,
ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ،
14 Biraⱪ uning ⱪarnidiki tamiⱪi ɵzgirip, Kobra yilanning zǝⱨǝrigǝ aylinidu.
بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ.
15 U bayliⱪlarni yutuwetidu, biraⱪ ularni yanduridu; Huda ularni axⱪazinidin qiⱪiriwetidu.
ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
16 U kobra yilanning zǝⱨǝrini xoraydu, Qar yilanning nǝxtiri uni ɵltüridu.
ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.
17 U ⱪaytidin eriⱪ-ɵstǝnglǝrgǝ ⱨǝwǝs bilǝn ⱪariyalmaydu, Bal wǝ seriⱪ may bilǝn aⱪidiƣan dǝryalardin ⱨuzurlinalmaydu.
ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
18 U erixkǝnni yutalmay ⱪayturidu, Tijarǝt ⱪilƣan paydisidin u ⱨeq ⱨuzurlinalmaydu.
ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
19 Qünki u miskinlǝrni ezip, ularni taxliwǝtkǝn; U ɵzi salmiƣan ɵyni igiliwalƣan.
چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان.
20 U aqkɵzlüktin ǝsla zerikmǝydu, U arzuliƣan nǝrsiliridin ⱨeqⱪaysisini saⱪlap ⱪalalmaydu.
ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
21 Uningƣa yutuwalƣudǝk ⱨeqnǝrsǝ ⱪalmaydu, Xunga uning bayaxatliⱪi mǝnggülük bolmaydu.
ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.
22 Uning toⱪⱪuzi tǝl bolƣanda, tuyuⱪsiz ⱪisilqiliⱪⱪa uqraydu; Ⱨǝrbir ezilgüqining ⱪoli uningƣa ⱪarxi qiⱪidu.
ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ.
23 U ⱪorsiⱪini toyƣuziwatⱪinida, Huda dǝⱨxǝtlik ƣǝzipini uningƣa qüxüridu; U ƣizaliniwatⱪanda [ƣǝzipini] uning üstigǝ yaƣduridu.
ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا [غەزىپىنى] ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ.
24 U tɵmür ⱪoraldin ⱪeqip ⱪutulsimu, Biraⱪ mis oⱪya uni sanjiydu.
ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ.
25 Tǝgkǝn oⱪ kǝynidin tartip qiⱪiriwelginidǝ, Yaltiraⱪ oⱪ uqi ɵttin qiⱪiriwelginidǝ, Wǝⱨimilǝr uni basidu.
تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ.
26 Zulmǝt ⱪarangƣuluⱪ uning bayliⱪlirini yutuwetixkǝ tǝyyar turidu, Insan püwlimigǝn ot uni yutuwalidu, Uning qedirida ⱪelip ⱪalƣanlirinimu yutuwetidu.
زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ.
27 Asmanlar uning ⱪǝbiⱨlikini axkarilaydu; Yǝr-zeminmu uningƣa ⱪarxi ⱪozƣilidu.
ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ.
28 Uning mal-dunyasi elip ketilidu, [Hudaning] ƣǝzǝplik künidǝ kǝlkün ulƣiyip ɵy-bisatini ƣulitidu.
ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، [خۇدانىڭ] غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ.
29 Hudaning rǝzil adǝmgǝ bǝlgiligǝn nesiwisi mana xundaⱪtur, Bu Huda uningƣa bekitkǝn mirastur».
خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر».

< Ayup 20 >