< Ayup 19 >

1 Ayup jawabǝn mundaⱪ dedi: —
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «Silǝr ⱪaqanƣiqǝ jenimni azablimaⱪqisilǝr, Ⱪaqanƣiqǝ meni sɵz bilǝn ǝzmǝkqisilǝr?
«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟
3 Silǝr meni on ⱪetim harlidinglar; Manga uwal ⱪilixⱪa nomus ⱪilmaysilǝr.
سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر.
4 Əgǝr mening sǝwǝnlikim bolsa, Mǝn ǝmdi uning [dǝrdini] tartimǝn.
ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ [دەردىنى] تارتىمەن.
5 Əgǝr silǝr meningdin üstünlük talaxmaⱪqi bolsanglar, Yüzüm aldida xǝrm-ⱨayani kɵrsitip meni ǝyiblimǝkqi bolsanglar,
ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،
6 Əmdi bilip ⱪoyunglarki, manga uwal ⱪilƣan Tǝngri ikǝn, U tori bilǝn meni qirmaxturup tartti;
ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛
7 Ⱪara, mǝn nalǝ-pǝryad kɵtürüp «Zorawanliⱪ!» dǝp warⱪiraymǝn, Biraⱪ ⱨeqkim anglimaydu; Mǝn warⱪiraymǝn, biraⱪ manga adalǝt kǝlmǝydu.
قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ.
8 U yolumni meni ɵtüwalmisun dǝp qit bilǝn tosup ⱪoydi, Ⱪǝdǝmlirimgǝ ⱪarangƣuluⱪ saldi.
ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى.
9 U mǝndin xan-xǝripimni mǝⱨrum ⱪildi, Beximdin tajni tartiwaldi.
ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى.
10 U manga ⱨǝr tǝrǝptin buzƣunqiliⱪ ⱪiliwatidu, mǝn tügǝxtim; Ümidimni U dǝrǝhni yulƣandǝk yuluwaldi.
ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى.
11 Ƣǝzipini manga ⱪaritip ⱪozƣidi, Meni Ɵz düxmǝnliridin ⱨesablidi.
غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى.
12 Uning ⱪoxunliri sǝp tüzüp atlandi, Pǝlǝmpǝylirini yasap manga ⱨujum ⱪildi, Ular qedirimni ⱪorxawƣa elip bargaⱨ tikiwaldi.
ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى.
13 U ⱪerindaxlirimni mǝndin neri ⱪildi, Tonuxlirimning meⱨrini mǝndin üzdi.
ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى.
14 Tuƣⱪanlirim mǝndin yatlixip kǝtti, Dost-buradǝrlirim meni unutti.
تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى.
15 Ɵyümdǝ turƣan musapirlar, ⱨǝtta dedǝklirimmu meni yat adǝm dǝp ⱨesablaydu; Ularning nǝziridǝ mǝn musapir bolup ⱪaldim.
ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم.
16 Mǝn qakirimni qaⱪirsam, u manga jawab bǝrmǝydu; Xunga mǝn uningƣa aƣzim bilǝn yelinixim kerǝk.
مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك.
17 Tiniⱪimdin ayalimning ⱪusⱪusi kelidu, Aka-ukilirim sesiⱪliⱪimdin bizar.
تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار.
18 Ⱨǝtta kiqik balilar meni kǝmsitidu; Ornumdin turmaⱪqi bolsam, ular meni ⱨaⱪarǝtlǝydu.
ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ.
19 Mening sirdax dostlirimning ⱨǝmmisi mǝndin nǝprǝtlinidu, Mǝn sɵygǝnlǝr mǝndin yüz ɵridi.
مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى.
20 Ət-terilirim ustihanlirimƣa qaplixip turidu, Jenim ⱪil üstidǝ ⱪaldi.
ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.
21 Aⱨ, dostlirim, manga iqinglar aƣrisun, iqinglar aƣrisun! Qünki Tǝngrining ⱪoli manga kelip tǝgdi.
ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى.
22 Silǝr nemixⱪa Tǝngridǝk manga ziyankǝxlik ⱪilisilǝr? Silǝr nemixⱪa ǝtlirimgǝ xunqǝ toymaysilǝr!
سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!
23 Aⱨ, mening sɵzlirim yezilsidi! Ular bir yazmiƣa pütüklük bolƣan bolatti!
ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى!
24 Ular tɵmür ⱪǝlǝm bilǝn ⱪoƣuxun iqigǝ yezilsidi! Əbǝdil’ǝbǝd tax üstigǝ oyup pütülgǝn bolatti!
ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!
25 Biraⱪ mǝn xuni bilimǝnki, ɵzümning Ⱨǝmjǝmǝt-Ⱪutⱪuzƣuqim ⱨayattur, U ahirǝt künidǝ yǝr yüzidǝ turup turidu!
بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!
26 Ⱨǝm mening bu terǝ-ǝtlirim buzulƣandin keyin, Mǝn yǝnila tenimdǝ turup Tǝngrini kɵrimǝn!
ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!
27 Uni ɵzümla ǝyni ⱨalda kɵrimǝn, Baxⱪa adǝmning ǝmǝs, bǝlki ɵzümning kɵzi bilǝn ⱪaraymǝn; Aⱨ, ⱪǝlbim buningƣa xunqǝ intizardur!
ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!
28 Əgǝr silǝr: «Ixning yiltizi uningdidur, Uni ⱪandaⱪ ⱪilip ⱪistap ⱪoƣliwetǝlǝymiz?!» — desǝnglar,
ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،
29 Əmdi ɵzünglar ⱪiliqtin ⱪorⱪⱪininglar tüzük! Qünki [Hudaning] ƣǝzipi ⱪiliq jazasini elip kelidu, Xuning bilǝn silǝr [Hudaning] sotining ⱪuruⱪ gǝp ǝmǝslikini bilisilǝr».
ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! چۈنكى [خۇدانىڭ] غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر [خۇدانىڭ] سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر».

< Ayup 19 >