< Ayup 13 >

1 Mana, mening kɵzüm bularning ⱨǝmmisini kɵrüp qiⱪⱪan; Mening ⱪuliⱪim bularni anglap qüxǝngǝn.
مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن.
2 Silǝrning bilgǝnliringlarni mǝnmu bilimǝn; Mening silǝrdin ⱪelixⱪuqilikim yoⱪ.
سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق.
3 Biraⱪ mening arzuyum Ⱨǝmmigǝ ⱪadir bilǝn sɵzlixixtur, Mening Huda bilǝn munazirǝ ⱪilƣum kelidu.
بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ.
4 Silǝr bolsanglar tɵⱨmǝt qapliƣuqilar, Ⱨǝmminglar yaramsiz tewipsilǝr.
سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.
5 Silǝr pǝⱪǝtla süküttǝ turƣan bolsanglar’idi! Bu silǝr üqün danaliⱪ bolatti!
سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى!
6 Mening munazirǝmgǝ ⱪulaⱪ selinglar, Lǝwlirimdiki muⱨakimilǝrni anglap beⱪinglar.
مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
7 Silǝr Hudaning wakalǝtqisi süpitidǝ boluwelip biadil sɵz ⱪilamsilǝr? Uning üqün ⱨiylǝ-mikirlik gǝp ⱪilmaⱪqimusilǝr?
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟
8 Uningƣa yüz-hatirǝ ⱪilip [huxamǝt] ⱪilmaⱪqimusilǝr?! Uningƣa wakalitǝn dǝwa sorimaⱪqimusilǝr?
ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ [خۇشامەت] قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟
9 U iq-baƣringlarni ahturup qiⱪsa, silǝr üqün yahxi bolattimu? Insan balisini aldiƣandǝk uni aldimaⱪqimusilǝr?
ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟
10 Silǝr yüz-hatirǝ ⱪilip yoxurunqǝ huxamǝt ⱪilsanglar, U qoⱪum silǝrni ǝyiblǝydu.
سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
11 Buningdin kɵrǝ Uning ⱨǝywisining silǝrni ⱪorⱪatⱪini, Uning wǝⱨimisining silǝrgǝ qüxkini tüzük ǝmǝsmu?
بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟
12 Pǝnd-nǝsiⱨǝtinglar pǝⱪǝt külgǝ ohxax sɵzlǝr, halas; Silǝr [ixǝnq baƣliƣan] istiⱨkaminglar pǝⱪǝt lay istiⱨkamlar, halas.
پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر [ئىشەنچ باغلىغان] ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس.
13 Meni ihtiyarimƣa ⱪoyuwetip zuwan sürmǝnglar, meni gǝp ⱪilƣili ⱪoyunglar. Beximƣa ⱨǝrnemǝ kǝlsǝ kǝlsun!
مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن!
14 Ⱪandaⱪla bolmisun, jenim bilǝn tǝwǝkkul ⱪilimǝn, Mǝn jenimni alⱪinimƣa elip ⱪoyimǝn!
قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!
15 U jenimni alsimu mǝn yǝnila Uni kütimǝn, Uningƣa tayinimǝn; Biraⱪ ⱪandaⱪla bolmisun mǝn tutⱪan yollirimni Uning aldida aⱪlimaⱪqimǝn;
ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛
16 Bundaⱪ ⱪilixim manga nijatliⱪ bolidu; Qünki iplas bir adǝm uning aldiƣa baralmaydu.
بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ.
17 Sɵzlirimni diⱪⱪǝt bilǝn anglanglar, Bayanlirimƣa obdan ⱪulaⱪ selinglar.
سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار.
18 Mana, mǝn ɵz dǝwayimni tǝrtipliⱪ ⱪilip tǝyyar ⱪildim; Mǝn ɵzümning ⱨǝⱪiⱪǝtǝn aⱪlinidiƣanliⱪimni bilimǝn.
مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
19 Mǝn bilǝn bǝs-munazirǝ ⱪilidiƣan ⱪeni kim barkin? Ⱨazir süküt ⱪilƣan bolsam, tiniⱪtin tohtiƣan bolattim!
مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!
20 [Aⱨ Huda]! Manga pǝⱪǝt ikki ixnila ⱪilip bǝrgin; Xundaⱪ bolƣandila, mǝn ɵzümni Sǝndin ⱪaqurmaymǝn:
[ئاھ خۇدا]! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن:
21 — Ⱪolungni mǝndin yiraⱪ ⱪilƣin; — Wǝⱨimǝng meni ⱪorⱪatmisun.
ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن.
22 Andin meni sot ⱪilixⱪa qaⱪir, mǝn sanga jawab berimǝn; Yaki mǝn Sanga [dǝwayimdin] sɵz ⱪilsam, Sǝnmu manga jawab berisǝn.
ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
23 Mening ⱪǝbiⱨliklirim ⱨǝm gunaⱨlirim zadi ⱪanqilik? Itaǝtsizlikim ⱨǝm gunaⱨimni manga kɵrsitip bǝr!
مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر!
24 Nemixⱪa didaringni mǝndin yoxurisǝn? Nemixⱪa meni Ɵz düxmining dǝp bilding?
نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟
25 Uyaⱪ-buyaⱪⱪa uquruwetilidiƣan anqiki bir yopurmaⱪni wǝⱨimigǝ salmaⱪqimusǝn? Ⱪurup kǝtkǝn pahalni ⱪoƣlimaⱪqimusǝn?
ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟
26 Qünki Sǝn mening üstümdin zǝⱨǝrdǝk ǝrzlǝrni yazisǝn, Sǝn yaxliⱪimdiki ⱪǝbiⱨliklirimni manga ⱪayturuwatisǝn.
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن.
27 Mǝn qirip kǝtkǝn bir nǝrsǝ, Mǝn pǝⱪǝt küyǝ yegǝn bir kiyimla bolƣinim bilǝn, Lekin Sǝn mening putlirimni kixǝnlǝysǝn, Ⱨǝmmǝ yollirimni kɵzitip yürisǝn; Tapanlirimƣa mangmasliⱪ üqün qǝk sizip ⱪoyƣansǝn.
مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن.

< Ayup 13 >