< Yǝrǝmiya 45 >

1 Yǝⱨuda padixaⱨi Yǝⱨoakimning tɵtinqi yili, Neriyaning oƣli Baruⱪ Yǝrǝmiyaning aƣziƣa ⱪarap bu sɵzlǝrni oram ⱪǝƣǝzgǝ yazƣinida, Yǝrǝmiya pǝyƣǝmbǝr uningƣa bu sɵzni eytⱪan: —
يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ
2 «Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar sǝn Baruⱪ toƣruluⱪ mundaⱪ dǝydu: —
«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
3 Sǝn: «Ⱨalimƣa way! Qünki Pǝrwǝrdigar ⱪayƣumƣa dǝrd-ǝlǝm ⱪoxup ⱪoydi; mǝn aⱨ-zarlar ⱪilixtin qarqidim, zadila aram tapalmidim!» — deding.
سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ.
4 — [Yǝrǝmiya], sǝn uningƣa mundaⱪ degin: — Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn ⱪurup qiⱪⱪanlirimni ⱨazir ƣulitimǝn, Mǝn tikkǝnlirimni, yǝni bu pütkül jaⱨanni ⱨazir yulup taxlaymǝn.
ــ [يەرەمىيا]، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن.
5 Mǝn bundaⱪ ⱪilƣan yǝrdǝ sǝn ɵzüng üqün uluƣ ixlarni izdixinggǝ toƣra kelǝmdu? Bularni izdimǝ; qünki mana, Mǝn barliⱪ ǝt igiliri üstigǝ balayi’apǝt qüxürimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — lekin jeningni sǝn baridiƣan barliⱪ yǝrlǝrdǝ ɵzünggǝ olja ⱪilip berimǝn».
مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن».

< Yǝrǝmiya 45 >