< Yǝrǝmiya 13 >

1 Pǝrwǝrdigar manga mundaⱪ dedi: — Barƣin, kanap iq tambalni al, belinggǝ baƣla; lekin uni suƣa qilima.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما.
2 Xunga Pǝrwǝrdigar manga degǝndǝk mǝn bir iq tambalni aldim wǝ belimgǝ baƣlap ⱪoydum.
شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم.
3 Əmdi Pǝrwǝrdigarning sɵzi ikkinqi ⱪetim manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
4 «Sǝn pulƣa alƣan, belinggǝ baƣlanƣan iq tambalni elip, ornungdin tur, Fratⱪa berip xu yǝrdǝ taxning yeriⱪiƣa yoxurup ⱪoy».
«سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي».
5 Xunga mǝn bardim wǝ Pǝrwǝrdigar manga buyruƣandǝk uni Fratⱪa yoxurup ⱪoydum.
شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم.
6 Kɵp künlǝr ɵtkǝndin keyin, Pǝrwǝrdigar manga: «Ornungdin tur, Fratⱪa berip, Mǝn sanga xu yǝrgǝ yoxuruxⱪa buyruƣan iq tambalni ⱪolungƣa al» — dedi.
كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى.
7 Xunga mǝn Fratⱪa bardim; mǝn yoxurƣan yǝrdin iq tambalni kolap qiⱪirip ⱪolumƣa aldim; mana, iq tambal sesip qirip kǝtkǝnidi, pütünlǝy kiygüsiz bolƣanidi.
شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى.
8 Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
9 Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mǝn Yǝⱨudaning pǝhrini wǝ Yerusalemning qong pǝhrini muxu ⱨalda yoⱪitimǝn;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛
10 Mening sɵzlirimni anglaxni rǝt ⱪilƣan, kɵnglidiki jaⱨilliⱪida mangidiƣan, baxⱪa ilaⱨlarning ⱪulluⱪida bolup, ularƣa ibadǝt ⱪilixⱪa intilidiƣan bu rǝzil hǝlⱪ pütünlǝy kardin qiⱪⱪan bu iq tambalƣa ohxax bolidu.
مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ.
11 Qünki huddi iq tambal adǝmning qatiriⱪiƣa qing baƣlanƣandǝk, ularmu Manga [yeⱪin] bir hǝlⱪ bolsun, Manga nam-abruy, mǝdⱨiyǝ wǝ xan-xǝrǝp kǝltürsun dǝp, Mǝn Israilning pütkül jǝmǝtini wǝ Yǝⱨudaning pütkül jǝmǝtini Ɵzümgǝ qing baƣlandurƣanmǝn — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — lekin ular ⱨeq ⱪulaⱪ salmidi.
چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا [يېقىن] بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى.
12 Ularƣa muxu sɵzni degin: — Israilning Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Ⱨǝmmǝ xarab idixi xarab bilǝn toluxi kerǝk». Ular sanga: «Əjǝba, ⱨǝmmǝ xarab idixi xarab bilǝn toluxi kerǝklikini obdan bilmǝmduⱪ?» — dǝydu;
ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛
13 Sǝn ularƣa mundaⱪ dǝysǝn: «Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, mǝn bu zeminda barliⱪ turuwatⱪanlarni, Dawutⱪa wǝkil bolup uning tǝhtigǝ olturƣan padixaⱨlarni, kaⱨinlarni wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝrni ⱨǝmdǝ Yerusalemda barliⱪ turuwatⱪanlarni mǝstlik-biⱨoxluⱪ bilǝn toldurimǝn.
سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن.
14 Mǝn ularni bir-birigǝ, yǝni ata bilǝn oƣullirinimu ohxaxla bir-birigǝ soⱪuxⱪa salimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar; — Mǝn ularƣa iqimni aƣritmaymǝn, ularni ayimaymǝn, ularƣa rǝⱨim ⱪilmaymǝn; ularni nabut ⱪilixⱪa ⱨeqnǝrsǝ meni tosumaydu.
مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ.
15 Anglanglar, ⱪulaⱪ selinglar, ⱨali qong bolmanglar; qünki Pǝrwǝrdigar sɵz ⱪilƣan.
ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
16 Əmdi U bexinglarƣa zulmǝt qüxürgiqǝ, putunglar zawal qüxkǝn taƣlarda putlaxⱪandǝk putlaxⱪuqǝ, U silǝr izdigǝn nurni ɵlüm sayisiƣa, ⱪapⱪarangƣuluⱪⱪa aylandurƣuqǝ, Pǝrwǝrdigar Hudayinglarƣa layiⱪ xan-xǝrǝp ⱪayturunglar!
ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار!
17 Buni anglimisanglar, silǝrning ⱨakawurluⱪunglar tüpǝylidin jenim yoxurunqǝ yiƣlaydu; aqqiⱪ yiƣlap kɵz yaxlirim eⱪip taxidu; qünki silǝr, i Pǝrwǝrdigarning padisi, sürgün ⱪilinisilǝr.
بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر.
18 Padixaⱨ wǝ hanixⱪa: «Tǝhtinglardin qüxüp yǝrgǝ olturunglar; qünki kɵrkǝm tajliringlar bexinglardin qüxürülidu» — degin.
پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن.
19 Jǝnubdiki xǝⱨǝrlǝr ⱪorxiwelnip taⱪilidu; ularni aqidiƣan ⱨeqkim bolmaydu; pütkül Yǝⱨuda sürgün bolidu; ularning ⱨǝmmisi ǝsirgǝ qüxüp sürgün bolidu.
جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ.
20 Bexingni kɵtür, [i Zion], ximaldin qiⱪⱪanlarƣa ⱪara; sanga tapxurulƣan pada, yǝni yeⱪimliⱪ padang nǝgǝ kǝtkǝndu?
بېشىڭنى كۆتۈر، [ئى زىئون]، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟
21 [Pǝrwǝrdigar] seni baxⱪuruxⱪa dostliringni bekitkinidǝ sǝn nemǝ deyǝlǝytting? Əsli ɵzüng ularƣa baxⱪuruxni ɵgǝtkǝn tursang! Xu tapta tolƣaⱪ tutⱪan ayaldǝk azab-oⱪubǝtlǝr seni tutmamdu?
[پەرۋەردىگار] سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟
22 Sǝn ǝgǝr kɵnglüngdǝ: Bu ixlar nemixⱪa beximƣa qüxti? — dǝp sorisang, bu ixlar ⱪǝbiⱨliking intayin eƣir bolƣanliⱪidin boldi — kɵyniking saldurup taxlandi, yotiliring zorawanliⱪta axkarilandi.
سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى.
23 Efiopiyǝlik ⱪara terisini ɵzgǝrtǝlǝmdu? Yaki yilpiz qipar tǝnggilirini ɵzgǝrtǝlǝmdu? Undaⱪ bolƣanda silǝr rǝzillikni ⱪilixⱪa kɵngǝnlǝrmu yahxiliⱪni ⱪilalaydiƣan bolisilǝr!
ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر!
24 Əmdi qɵl-bayawandiki xamal ⱨǝydiwǝtkǝn samandǝk Mǝn silǝrni ⱨǝydǝp qaqimǝn.
ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن.
25 Bu sening aⱪiwiting bolidu, Mǝn sanga bekitkǝn nesiwǝng, — dǝydu Pǝrwǝrdigar; qünki sǝn Meni untuƣansǝn, yalƣanqiliⱪⱪa tayanƣansǝn.
بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن.
26 Xunga Mǝn kɵynikingning pǝxlirini yüzüng üstigǝ kɵtürüp taxlaymǝn, nomusung kɵrülidu.
شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ.
27 Aⱨ, sening zinaliring, ayƣirningkidǝk pohur kixnǝxliring, egizliklǝrdǝ wǝ etizlarda bolƣan buzuⱪqiliⱪliringning pǝskǝxliki! — Barliⱪ yirginqlikliringni kɵrdum! Ⱨalingƣa way, i Yerusalem! Sǝn pak ⱪilinixni ⱪaqanƣiqǝ rǝt ⱪilmaⱪqisǝn?!
ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟!

< Yǝrǝmiya 13 >