< Yǝxaya 7 >

1 Yǝⱨuda padixaⱨi Aⱨaz (Uzziyaning nǝwrisi, Yotamning oƣli) tǝhtkǝ olturƣan künliridǝ, mundaⱪ ix boldi: — Suriyǝning padixaⱨi Rǝzin wǝ Israil padixaⱨi Rǝmaliyaning oƣli Pikaⱨ Yerusalemƣa ⱪarxi jǝng ⱪildi, lekin üstünlükkǝ erixǝlmidi.
يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى.
2 Dawutning jǝmǝtigǝ: — «Suriyǝ Əfraim bilǝn ittipaⱪlixip birlǝxmǝ ⱪoxun ⱪurdi» — degǝn hǝwǝr kǝldi. Xuning bilǝn padixaⱨ jǝmǝtidikilǝrning kɵngli wǝ hǝlⱪining kɵngli ormanlar xamalda silkinip kǝtkǝndǝk silkinip kǝtti.
داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ «سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى.
3 Andin Pǝrwǝrdigar Yǝxayaƣa mundaⱪ dedi: — «Sǝn wǝ oƣlung Xear-Jaxub qiⱪip, kir yuƣuqilarning etizining boyidiki yolƣa, yuⱪiri kɵlqǝk norining bexiƣa berip, axu yǝrdǝ Aⱨaz bilǝn kɵrüxkin.
ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن.
4 Sǝn uningƣa: — «Sǝn eⱨtiyat bilǝn kɵnglüngni toⱪ tut! Bu ikki kɵymǝs otⱪaxning kɵtikidin, yǝni Rǝzin ⱨǝm Suriyǝning wǝ Rǝmaliyaning oƣlining dǝxti-ƣǝzǝpliridin ⱪorⱪma, yürǝkzadi bolup kǝtmǝ!
سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە!
5 Qünki Suriyǝ, Əfraim wǝ Rǝmaliyaning oƣli seni ⱪǝstlǝp: —
چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ
6 «Biz Yǝⱨudaƣa besip kirip, parakǝndiqilik tuƣdurup, ɵzimiz üqün talan-taraj ⱪilip, uningƣa bir padixaⱨni, yǝni Tabǝǝlning oƣlini tiklǝyli!» degǝnidi.
«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى.
7 Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Bu sɵz aⱪmaydu, ⱨeq ǝmǝlgǝ axmaydu;
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛
8 Qünki Suriyǝning bexi Dǝmǝxⱪ xǝⱨiri wǝ Dǝmǝxⱪ xǝⱨirining bexi Rǝzindur, halas; Wǝ atmix bǝx yil iqidǝ Əfraim xundaⱪ bitqit boliduki, ularni «bir hǝlⱪ» degili bolmaydu;
چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛ ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛
9 Wǝ Əfraimning bexi Samariyǝ xǝⱨiridur, Samariyǝ xǝⱨirining bexi Rǝmaliyaning oƣlidur, halas; Silǝr bularƣa ixǝnmisǝnglar, mustǝⱨkǝmlǝnmǝysilǝr» — degin».
ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر، سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن».
10 Pǝrwǝrdigar yǝnǝ Aⱨazƣa sɵz ⱪilip: —
پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ
11 «Ɵzüng üqün bexarǝt sora; mǝyli yǝrning tegidǝ yaki pǝlǝkning ⱪǝridǝ bolsun sorawǝr» — dedi. (Sheol h7585)
«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. (Sheol h7585)
12 Biraⱪ Aⱨaz jawabǝn: «Mǝn ⱨǝm sorimaymǝn ⱨǝm Pǝrwǝrdigarni sinaⱪta ⱪoymaymǝn» — dedi.
بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى.
13 Andin [Yǝxaya]: — Əmdi i Dawut jǝmǝtidikilǝr, anglap ⱪoyunglar, adǝmlǝrning sǝwr-taⱪitini ⱪoymiƣininglarni az dǝp, silǝr Hudayimning sǝwr-taⱪitinimu ⱪoymiƣiliwatamsilǝr?
ئاندىن [يەشايا]: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟
14 Xunga Rǝb Ɵzi silǝrgǝ bir bexarǝt beridu: — Mana, pak ⱪiz ⱨamilidar bolup bir oƣul tuƣidu; u uning ismini «Immanuel» dǝp ataydu.
شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ.
15 Yahxiliⱪni tallap, yamanliⱪni rǝt ⱪilixni bilgüqǝ u pixlaⱪ wǝ bal yǝydu.
ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ.
16 Qünki bu yax bala yahxiliⱪni tallap, yamanliⱪni rǝt ⱪilixni bilgüqǝ, sǝn nǝprǝtlinidiƣan bu ikki padixaⱨning yǝr-zeminliri taxlinip ⱪalidu.
چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ.
17 Qünki Pǝrwǝrdigar sening wǝ atangning jǝmǝtigǝ Əfraim Yǝⱨudadin ayrilƣan kündin buyan bolup baⱪmiƣan ⱪattiⱪ künlǝrni qüxüridu. U künlǝr bolsa Asuriyǝning padixaⱨidin ibarǝttur!
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر!
18 Xu küni Pǝrwǝrdigar Misirning pinⱨan eriⱪliridiki paxilarni wǝ Asuriyǝdiki ⱨǝrilǝrni üxⱪirtip qaⱪiridu;
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛
19 ularning ⱨǝmmisi kelip ⱨǝrbir hilwǝt jilƣilarƣa, taxlarning ⱨǝrbir araqliriƣa, ⱨǝmmǝ yantaⱪlarƣa wǝ ⱨǝmmǝ yaylaⱪlarƣa ƣuȥȥidǝ ⱪonuxidu.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ.
20 Axu küni, Rǝb Əfrat dǝryasining nerisidin ijarigǝ alƣan bir ustira bilǝn, yǝni Asuriyǝ padixaⱨi bilǝn qaq qüxüridu; muxu ustira baxning qeqini, putning tüklirini wǝ saⱪalnimu qüxürüp ƣirdaydu;
ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛
21 xu künlǝrdǝ bir kixi yax bir siyir wǝ ikki ⱪoy baⱪidu,
شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ،
22 ularning xunqǝ kɵp süt bǝrginidin u seriⱪ may yǝydu; dǝrwǝⱪǝ, zeminda ⱪalƣanlarning ⱨǝmmisi seriⱪ may wǝ bal yǝydu.
ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ.
23 Wǝ xundaⱪ boliduki, ⱨǝr teli bir kümüx tǝnggigǝ yaraydiƣan, ming teli bar üzümzarliⱪ bolƣan ⱨǝrbir jay jiƣanliⱪⱪa wǝ tikkǝnlikkǝ aylinip ketidu;
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛
24 Axu yǝrgǝ adǝmlǝr pǝⱪǝt oⱪya kɵtürüp kelidu, qünki pütkül zemin jiƣanliⱪⱪa wǝ tikǝnlikkǝ aylinip ketidu.
ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
25 Ilgiri kǝtmǝn qepilƣan ⱨǝrbir taƣliⱪ jilƣilarƣa bolsa, — ular u yǝrlǝrgǝ jiƣanlardin wǝ tikǝnlǝrdin ⱪorⱪup barmaydu; Bu yǝrlǝr pǝⱪǝt kalilarni otlitidiƣan, Ⱪoylar dǝssǝp-qǝylǝydiƣan jaylar bolup ⱪalidu, halas.
ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛ بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان، قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

< Yǝxaya 7 >