< Yǝxaya 57 >

1 Ⱨǝⱪⱪaniy adǝm alǝmdin ɵtidu, Ⱨeqkim buningƣa kɵngül bɵlmǝydu; Meⱨriban adǝmlǝr yiƣip elip ketilidu, Biraⱪ ⱨeqkim oylap qüxinǝlmǝyduki, Ⱨǝⱪⱪaniy adǝmlǝr yaman künlǝrni kɵrmisun dǝp yiƣip elip ketilidu.
ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
2 U bolsa aram-hatirjǝmlik iqigǝ kiridu; Yǝni ɵzlirining durus yolida mangƣan ⱨǝrbir kixi, Ɵz ornida yetip aram alidu.
ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ.
3 Biraⱪ sǝnlǝr, i jadugǝr ayalning baliliri, Zinahor bilǝn paⱨixǝ ayalning nǝsli; Buyaⱪⱪa yeⱪin kelinglar;
بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛
4 Silǝr kimni mazaⱪ ⱪiliwatisilǝr? Yaki kimgǝ ⱪarxi aƣzinglarni kalqaytip, Tilinglarni uzun qiⱪirisilǝr? Silǝr bolsanglar asiyliⱪtin tɵrǝlgǝn balilar, Aldamqiliⱪning nǝsli ǝmǝsmusilǝr?
سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟
5 Ⱨǝrbir qong dǝrǝh astida, Ⱨǝrbir yexil dǝrǝh astida xǝⱨwaniyliⱪ bilǝn kɵyüp kǝtküqi, Kiqik balilarni jilƣilarƣa ⱨǝm hada taxlarning yeriⱪliriƣa elip soyƣuqisilǝr!
ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا، ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر!
6 Eriⱪtiki siliⱪlanƣan taxlar arisida sening nesiwǝng bardur; Xular, xularla sening tǝⱪsimatingdur; Xundaⱪ, sǝn ularƣa atap «xarab ⱨǝdiyǝsi»ni ⱪuyup, Ularƣa «axliⱪ ⱨǝdiyǝ»nimu sunup bǝrdingƣu; Əmdi muxularƣa razi bolup Ɵzümni besiwalsam bolamti?
ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛ شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛ شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ، ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛ ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟
7 Sǝn yuⱪiri, egiz bir taƣ üstidǝ orun-kɵrpǝ selip ⱪoydung, Sǝn axu yǝrdimu ⱪurbanliⱪlarni ⱪilixⱪa qiⱪting.
سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ، سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ.
8 Ixiklǝrning kǝynigǝ wǝ kǝyni kexǝklirigǝ «ǝslǝtmiliring»ni bekitip ⱪoydung, Qünki sǝn Mǝndin ayrilding, Sǝn yalingaqlinip ornungƣa qiⱪting; Orun-kɵrpǝngni kengǝytip [heridarliring] bilǝn ɵzüng üqün ǝⱨdilǝxting; Ularning orun-kɵrpisigǝ kɵnglüng qüxti, Sǝn ularda küq-ⱨoⱪuⱪni kɵrüp ⱪalding.
ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ، چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛ ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ [خېرىدارلىرىڭ] بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى، سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ.
9 Sǝn zǝytun meyi ⱨǝdiyisini elip, Ətirliringni üstibexinggǝ boluxiƣa qeqip, Padixaⱨning aldiƣa barding; Əlqiliringni yiraⱪⱪa ǝwǝtip, Ⱨǝtta tǝⱨtisaraƣa yǝtküqǝ ɵzüngni pǝs ⱪilding. (Sheol h7585)
سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ. (Sheol h7585)
10 Sǝn besip mangƣan barliⱪ yolliringda qarqiƣining bilǝn, Yǝnǝ: «Poⱪ yǝptimǝn, boldi bǝs!» dǝp ⱪoymiding tehi, Ezip yürüxkǝ yǝnila küqüngni yiƣding, Ⱨeq jaⱪ toymiding.
سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن، يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى، ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ، ھېچ جاق تويمىدىڭ.
11 Sǝn zadi kimdin yürǝkzadǝ bolup, ⱪorⱪup yürisǝn, Yalƣan gǝp ⱪilip, Meni esinggǝ ⱨeq kǝltürmǝy, Kɵnglüngdin ⱨeq ɵtküzmiding. Mǝn uzunƣiqǝ süküttǝ turup kǝldim ǝmǝsmu? Sǝn yǝnila Mǝndin ⱨeq ⱪorⱪup baⱪmiding!
سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن، يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي، كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ. مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟ سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ!
12 Sening «ⱨǝⱪⱪaniyliⱪing»ni ⱨǝm «tɵⱨpiliring»ni bayan ⱪilimǝn: — Ularning sanga ⱨeq paydisi yoⱪtur!
سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر!
13 Qirⱪiriƣanliringda sǝn yiƣip topliƣan [butlar] kelip seni ⱪutⱪuzsun! Biraⱪ xamal püw ⱪilip ularning ⱨǝmmisini uqurup ketidu, Bir nǝpǝsla ularni elip ketidu; Biraⱪ Manga tayanƣuqi zeminƣa mirasliⱪ ⱪilidu, Mening muⱪǝddǝs teƣimƣa igidarqiliⱪ ⱪilidu.
چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان [بۇتلار] كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
14 [Xu qaƣda]: — «Yolni kɵtürünglar, kɵtürünglar, uni tǝyyarlanglar, Hǝlⱪimning yolini boxitip barliⱪ putlikaxanglarni elip taxlanglar» deyilidu.
[شۇ چاغدا]: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ.
15 Qünki nami «Muⱪǝddǝs» Bolƣuqi, Yuⱪiri ⱨǝm Aliy Bolƣuqi, Əbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨayat Bolƣuqi mundaⱪ dǝydu: — «Mǝn yuⱪiri ⱨǝmdǝ muⱪǝddǝs jayda, Ⱨǝm xundaⱪla roⱨi sunuⱪ ⱨǝm kiqik peil adǝm bilǝn billǝ turimǝnki, Kiqik peil adǝmning roⱨini yengilaymǝn, Dili sunuⱪning kɵnglini yengilaymǝn.
چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.
16 Qünki Mǝn ⱨǝrgiz mǝnggügǝ ǝrz ⱪilip ǝyiblimǝymǝn, Ⱨǝm ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ƣǝzǝplǝnmǝymǝn; Xundaⱪ ⱪilsam insanning roⱨi Mening aldimda suslixip yoⱪaydu, Ɵzüm yaratⱪan nǝpǝs igiliri tügixidu.
چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن، ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛ شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ، ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ.
17 Uning ɵz nǝpsaniyǝtlik ⱪǝbiⱨlikidǝ Mǝn uningdin ƣǝzǝplinip, uni urƣanmǝn; Mǝn uningdin yoxurun turup, uningƣa ƣǝzǝplǝngǝnlikim bilǝn, U yǝnila arⱪisiƣa qekinginiqǝ ɵz yolini mengiwǝrdi;
ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن، ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛
18 Mǝn uning yollirini kɵrüp yǝtkǝn tǝⱪdirdimu, Mǝn uni saⱪaytimǝn; Mǝn uni yetǝklǝymǝn, Mǝn lǝwlǝrning mewisini yaritimǝn, Uningƣa wǝ uningdiki ⱨǝsrǝt qǝkküqilǝrgǝ yǝnǝ tǝsǝlli berimǝn; Yiraⱪ turuwatⱪanƣa, yeⱪin turuwatⱪanƣimu mutlǝⱪ aram-hatirjǝmlik bolsun! Wǝ Mǝn uni saⱪaytimǝn!
مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن!
20 Biraⱪ rǝzillǝr bolsa tinqilinixni ⱨeq bilmǝydiƣan, Dolⱪunliri lay-latⱪilarni urƣutuwatⱪan, Dawalƣuwatⱪan dengizdǝktur.
بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان، دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان، داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر.
21 Rǝzillǝrgǝ, — dǝydu Hudayim — ⱨeq aram-hatirjǝmlik bolmas.
رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس.

< Yǝxaya 57 >