< Yǝxaya 56 >

1 Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Adalǝt ⱨǝm ⱨidayǝttǝ qing turunglar, Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪni yürgüziweringlar; Qünki Mening nijatim yeⱪinlaxti, Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪim ayan ⱪilinay dǝwatidu,
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛ چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى، ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ،
2 Muxularni ⱪilƣuqi kixi, Muxularda qing turƣuqi insan balisi — Xabat künini bulƣimay pak-muⱪǝddǝs saⱪliƣuqi, Ⱪolini ⱨǝrⱪandaⱪ rǝzilliktin tartⱪuqi kixi nemidegǝn bǝhtliktur!
مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى، مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى، قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
3 Ɵzini Pǝrwǝrdigarƣa baƣliƣan yat yurtluⱪ adǝm: — «Pǝrwǝrdigar qoⱪum meni ɵz hǝlⱪidin ayriwetidu!», Yaki aƣwat bolƣan kixi: — «Mana, ⱪaⱪxal bir dǝrǝhmǝn!» degüqi bolmisun.
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»، ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن.
4 Qünki Pǝrwǝrdigar: — Mǝn Ɵz «xabat künlirim»ni saⱪlaydiƣan, Kɵnglümdiki ixlarni talliƣan, Əⱨdǝmdǝ qing turidiƣan aƣwatlarƣa mundaⱪ dǝymǝnki: —
چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان، كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان، ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ
5 Mǝn ularƣa Ɵz ɵyümdǝ, Yǝni Ɵz tamlirim iqidǝ orun ⱨǝm nam-ataⱪ ata ⱪilimǝn; Muxu nam-ataⱪ oƣul-ⱪizliri barlarningkidin ǝwzǝldur; Mǝn ularƣa üzülmǝs, mǝnggülük namni berimǝn.
مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛ مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن.
6 Pǝrwǝrdigarning hizmitidǝ boluxⱪa, Uning namiƣa seƣinixⱪa, Uning ⱪulliri boluxⱪa Pǝrwǝrdigarƣa ɵzini baƣliƣan, Xabat künini bulƣimay pak-muⱪǝddǝs saⱪliƣan, Əⱨdǝmni qing tutⱪan yat yurtluⱪning pǝrzǝntlirini bolsa,
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا،
7 Ularnimu Ɵz muⱪǝddǝs teƣimƣa elip kelimǝn, Mening duagaⱨ bolƣan ɵyümdǝ ularni huxal ⱪilimǝn; Ularning kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪliri ⱨǝm tǝxǝkkür ⱪurnanliⱪliri Mening ⱪurbangaⱨim üstidǝ ⱪobul ⱪilinidu; Qünki Mening ɵyüm «Barliⱪ ǝl-yurtlar üqün dua ⱪilinidiƣan ɵy» dǝp atilidu.
ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ.
8 Israildin tarⱪilip kǝtkǝn ƣeriblarni yiƣip ⱪayturidiƣan Rǝb Pǝrwǝrdigar: — Mǝn yǝnǝ uningƣa baxⱪilarni, Yǝni yiƣilip bolƣanlarƣa baxⱪilarnimu ⱪoxup yiƣimǝn! — dǝydu.
ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى، يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ.
9 — I dalalardiki barliⱪ ⱨaywanlar, kelip ozuⱪtin elinglar, Ormanliⱪtiki barliⱪ ⱨaywanlar, kelinglar!
ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار!
10 [Israilning] kɵzǝtqiliri ⱨǝmmisi ⱪariƣu; Ular ⱨeq bilmǝydu; Ⱨǝmmisi ⱪawaxni bilmǝydiƣan gaqa itlar, Qüxǝkǝp yatidiƣan, uyⱪuƣa amraⱪlar!
[ئىسرائىلنىڭ] كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار!
11 Muxu itlar bolsa nǝpsi yaman, toyƣanni bilmǝydu, Ular bolsa [hǝlⱪimni] «baⱪⱪuqi»larmix tehi! Ular yorutuluxni ⱨeq bilmǝydu, Ularning ⱨǝmmisi haliƣanqǝ yol tallap ⱪeyip kǝtkǝn, Birsimu ⱪalmay ⱨǝrbiri ɵz mǝnpǝitini kɵzlǝp yürgüqilǝr!
مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر!
12 Ular: «Ⱪeni, xarab kǝltürimǝn, Ⱨaraⱪni ⱪanƣuqǝ iqǝyli; Ətimu bolsa bügünkidǝk bolidu, Tehimu molqiliⱪ bolidu yǝnǝ!» — dǝweridu.
ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ.

< Yǝxaya 56 >