< Yǝxaya 44 >

1 Biraⱪ ⱨazir, i Yaⱪup Mening ⱪulum, I Mening talliƣinim Israil, angla! —
بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ
2 Seni yasiƣan, baliyatⱪudin tartipla seni xǝkillǝndürgǝn, sanga yardǝmdǝ bolƣuqi Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Ⱪorⱪma, i Mening ⱪulum Yaⱪup, I Mening talliƣinim «Yǝxurun», ⱪorⱪma!
سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما!
3 Qünki Mǝn ussap kǝtkǝnning üstigǝ suni, Ⱪaƣjiraⱪ yǝrning üstigǝ kǝlkünlǝrni ⱪuyup berimǝn; Nǝsling üstigǝ Roⱨimni, Pǝrzǝntliring üstigǝ bǝrikitimni ⱪuyimǝn;
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛
4 Ular yumran qɵplǝr arisidin, Eriⱪ-ɵstǝnglǝr boyidiki mǝjnun tallardǝk ɵsidu;
ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛
5 Birsi: «Mǝn Pǝrwǝrdigarƣa tǝwǝmǝn» — dǝydu, Yǝnǝ birsi bolsa Yaⱪupning ismi bilǝn ɵzini ataydu; Yǝnǝ baxⱪa birsi ⱪoli bilǝn: «Mǝn Pǝrwǝrdigarƣa tǝwǝmǝn» dǝp yazidu, Xundaⱪla Israilning ismini ɵzining ismigǝ yandax ⱪoxidu.
بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ.
6 Israilning padixaⱨi Pǝrwǝrdigar, Yǝni Israilning ⱨǝmjǝmǝt-ⱪutⱪuzƣuqisi, samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mǝn bolsam Tunji ⱨǝm Ahiridurmǝn; Mǝndin baxⱪa ⱨeq ilaⱨ yoⱪtur.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.
7 Ⱪeni, kim Mening ⱪǝdimki hǝlⱪimni tiklǝp bekitkinimdǝk bir ixni jakarlap, aldin’ala bayan ⱪilip, andin uni Mening aldimƣa Mǝndǝk tiklǝp ⱪoyalaydu? Ⱪeni, kim keyinki ixlarni, kǝlgüsidǝ bolidiƣan ixlarni aldin’ala bayan ⱪilalisun!
قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن!
8 Ⱪorⱪmanglar, sarasimigǝ qüxüp kǝtmǝnglǝr! Mǝn ilgiri muxularni silǝrgǝ anglitip, aldin bayan ⱪilƣan ǝmǝsmu? Muxu toƣruluⱪ silǝr Mening guwaⱨqilirimdursilǝr. Mǝndin baxⱪa ilaⱨ barmu? Bǝrⱨǝⱪ, baxⱪa Ⱪoram Tax yoⱪ; ⱨeqbiridin hǝwirim yoⱪtur.
قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر.
9 Oyulƣan mǝbudni xǝkillǝndürgǝnlǝrning ⱨǝmmisining ǝⱨmiyiti yoⱪ; Ularning ǝtiwarliƣan nǝrsilirining ⱨeq paydisi yoⱪtur; Muxularƣa bolƣan «guwaⱨqilar» bolsa, ɵzliri ⱪariƣu, ⱨeqnemini bilmǝs; Dǝrwǝⱪǝ nǝtijisi ularning ɵzlirigǝ xǝrmǝndiliktur.
ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر.
10 Kim bir «ilaⱨ»ni xǝkillǝndürgǝn bolsa, Ⱨeq paydisi yoⱪ bir mǝbudni ⱪuyƣan, halas!
كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس!
11 [Mǝbudning] barliⱪ ⱨǝmraⱨliri xǝrmǝndǝ bolidu; Mǝbudni yasiƣuqilar bolsa adǝmdur, halas; Ularning ⱨǝmmisi yiƣilip, ornidin turup kɵrsun, Ular ⱪorⱪuxup, xǝrmǝndiqiliktǝ ⱪalidu.
[مەبۇدنىڭ] بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ.
12 Mana tɵmürqi saymanlirini [ⱪoliƣa elip], Qoƣlar üstidǝ [muxu nǝrsini] bazƣanliri bilǝn soⱪup xǝkillǝndüridu; Andin u küqlük ⱪoli bilǝn uningƣa ixlǝydu; Biraⱪ uning ⱪorsiⱪi eqip maƣduridin ⱪalidu; Su iqmǝy u ⱨalsizlinip ketidu.
مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ.
13 Yaƣaqqi bolsa yaƣaq üstigǝ ɵlqǝx yipini tartidu; U ⱪǝlǝm bilǝn üstigǝ ǝndizǝ sizidu; Uni rǝndǝ bilǝn rǝndilǝydu; U yǝnǝ pǝrka bilǝn sizip jijaydu; Ahirda u uni adǝmning güzǝllikigǝ ohxitip insan tǝⱪi-turⱪini xǝkillǝndüridu; Xuning bilǝn u ɵydǝ turuxⱪa tǝyyar ⱪilinidu.
ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ.
14 Mana u bir küni ɵzi üqün kedir dǝrǝhlirini kesixkǝ qiⱪidu! (U ǝslidǝ arqa wǝ dub dǝrǝhlirini elip ɵzi üqün ormanliⱪ arisiƣa tikip qong ⱪilƣanidi; U ⱪariƣaymu tikkǝnidi, yamƣur uni ündürdi).
مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى).
15 Muxu yaƣaqlardin otun elinidu; Birsi uningdin elip, issinidu; Mana, u ot yeⱪip, nan yeⱪiwatidu; U yǝnǝ uningdin elip bir ilaⱨni yasaydu ⱨǝm uningƣa ibadǝt ⱪilidu; Uni oyulƣan mǝbud ⱪilip uningƣa bax uridu.
مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ.
16 Demǝk, yerimini otta kɵydüriwetidu; Yerimi bilǝn gɵx yǝydu; U kawab ⱪilip ⱪanƣuqǝ yǝydu; Bǝrⱨǝⱪ, u issinip, ɵz-ɵzigǝ: — «Aⱨ, raⱨǝtlinip issindimmǝn, otni kɵrüwatimǝn!» — dǝydu.
دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ.
17 Biraⱪ ⱪalƣini bilǝn u bir ilaⱨni yasaydu; Bu uning mǝbudi bolidu; U uning aldiƣa yiⱪilip ibadǝt ⱪilidu; U uningƣa dua ⱪilip: «Meni ⱪutⱪuzƣaysǝn; Qünki sǝn mening ilaⱨimdursǝn» — dǝydu.
بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ.
18 Bu [kixilǝr] ⱨeq bilmǝydu, ⱨeq qüxǝnmǝydu; Qünki u ularni kɵrmisun dǝp kɵzlirini, Ularni qüxǝnmisun dǝp kɵnglini suwaⱪ bilǝn suwiwǝtkǝn.
بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن.
19 Ulardin ⱨeqbiridǝ muxularni kɵngligǝ kǝltürüp: — «Yaƣaqning yerimini mǝn otta kɵydürdüm, Yerimining qoƣliri üstidǝ mǝn nan yaⱪtim; Mǝn kawabmu ⱪilip yǝwaldim; Ⱪalƣinini bir lǝnǝtlik nǝrsǝ ⱪilamtim? Mǝn bir parqǝ yaƣaqⱪa bax uramtim!» — degudǝk ⱨeq bilim yaki yorutulux yoⱪtur.
ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر.
20 Uning yegini küllǝrdur! Uning kɵngli eziⱪturulƣan! U ɵz-ɵzini azdurdi! Xuning bilǝn u ɵzining jenini ⱪutⱪuzalmaydu, Yaki: «Mening ong ⱪolumda bir sahtiliⱪ bar ǝmǝsmu?» — deyǝlmǝydu.
ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ.
21 Muxu ixlarni esingdǝ tut, i Yaⱪup, I Israil, qünki sǝn Mening ⱪulumdursǝn; Mǝn seni yasap xǝkillǝndürdüm; Sǝn Mening ⱪulumdursǝn, i Israil, Sǝn Mening esimdin ⱨeq qiⱪmaysǝn!
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن!
22 Itaǝtsizlikliringni bulutni ɵqürüwǝtkǝndǝk, Gunaⱨliringni tumanni ɵqürüwǝtkǝndǝk ɵqürüwǝttim; Mening yenimƣa ⱪaytip kǝl; Qünki Mǝn seni ⱨǝmjǝmǝtlik ⱪilip ⱨɵrlükkǝ setiwaldim.
ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم.
23 I asmanlar, nahxa eytinglar, qünki Pǝrwǝrdigar xu ixni ⱪilƣan! I yǝrning tegiliri, xadlinip, yangranglar! I taƣlar, ormanlar wǝ ulardiki ⱨǝrbir dǝrǝhlǝr, Yangritip nahxilar eytinglar! Qünki Pǝrwǝrdigar Yaⱪupni ⱨǝmjǝmǝtlik ⱪilip ⱨɵrlükkǝ setiwaldi, U Israil arⱪiliⱪ güzǝllikini kɵrsitidu!».
ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!».
24 «Sening Ⱨǝmjǝmǝt-Ⱪutⱪuzƣuqing bolƣan, seni baliyatⱪuda yasap xǝkillǝndürgǝn Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mǝn bolsam ⱨǝmmini Yaratⱪuqi, Asmanlarni yalƣuz kǝrgǝnmǝn, Ɵz-ɵzümdinla yǝr-zeminni yayƣan Pǝrwǝrdigardurmǝn;
«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛
25 (U bolsa yalƣan [pǝyƣǝmbǝrlǝrning] bexarǝtlirini bikar ⱪilƣuqi, Palqilarni ⱪaymuⱪturƣuqi, Danalarni yolidin yandurƣuqi, Ularning bilimlirini nadanliⱪⱪa aylandurƣuqi;
(ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛
26 Ɵz ⱪulining sɵzini ǝmǝlgǝ axurƣuqi, Rosul-ǝlqilirining nǝsiⱨǝtlirini muwǝppǝⱪiyǝtlik ⱪilƣuqi, Yerusalemƣa: «Sǝn aⱨalilik bolisǝn», Yǝⱨuda xǝⱨǝrlirigǝ: «Ⱪaytidin ⱪurulisilǝr; harabǝnglarni ǝsligǝ kǝltürimǝn» — degüqi;
ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛
27 Qongⱪur dengizƣa: «Ⱪuruⱪ bol, Dǝryaliringni ⱪurutimǝn» — degüqi;
چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛
28 Ⱨǝm Ⱪorǝx toƣrisida: «U Mening ⱪoy padiqim, u Mening kɵnglümdikigǝ toluⱪ ǝmǝl ⱪilip, Yerusalemƣa: «Ⱪurulisǝn», Ⱨǝm ibadǝthaniƣa: «Sening ulung selinidu» dǝydu» — degüqidur): —
ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ

< Yǝxaya 44 >