< Yǝxaya 35 >

1 — Dala ⱨǝm ⱪaƣjirap kǝtkǝn jaylar ular üqün huxal bolidu; Qɵl-bayawan xadlinip zǝpirandǝk qeqǝklǝydu;
ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛
2 U bǝrⱪ urup qeqǝklǝydu, Xadliⱪⱪa xadliⱪ ⱪoxulup tǝntǝnǝ ⱪilidu; Liwanning xan-xǝripi, Karmǝl wǝ Xarondiki güzǝllik wǝ sür uningƣa berilidu; Ular Pǝrwǝrdigarning xan-xǝripini, Hudayimizning güzǝlliki wǝ ⱨǝywitini kɵridu.
ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ، شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى، خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ.
3 Ajiz ⱪollarni küqlǝndürünglar, Egilip mangidiƣan tizlarni qingitinglar,
ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار،
4 Yüriki aƣⱪanlarƣa: — «Qing turunglar! Ⱪorⱪmanglar! Mana, Hudayinglarƣa ⱪarap beⱪinglar; Ⱪisas kelidu — Hudaning ⱨesab elix küni kelidu! U Ɵzi kelidu, silǝrni ⱪutⱪuzidu!» — dǝng!
يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ!
5 Andin ⱪariƣuning kɵzi eqilidu, Gasning ⱪulaⱪliri oquⱪ ⱪilinidu,
ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ،
6 Andin aⱪsaⱪ-tokurlar keyiktǝk oynaⱪlap sǝkrǝydu; Gaqining tili nahxa eytidu; Qünki dalada sular, Qɵl-bayawanlarda dǝrya-eⱪinlar urƣup taxidu;
ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛
7 Piȥƣirin qɵl-jǝzirǝ kɵlqǝkkǝ, Qangⱪiƣan yǝrlǝr bulaⱪlarƣa aylinidu; Qilbɵrilǝrning makani — ular yatⱪan jay, Ⱪomux wǝ yekǝnlǝr ɵsüp, qimǝnlikkǝ aylinidu.
پىژغىرىن چۆل-جەزىرە كۆلچەككە، چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي، قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ.
8 Xu yǝrdǝ egiz kɵtürülgǝn bir yol, Tüptüz bir yol bolidu; U «pak-muⱪǝddǝslikning yoli» dǝp atilidu; Napaklar uningdin ɵtüxkǝ bolmaydu, Xu yol mǝhsus xular üqün bekitilip yasalƣanki, — Ⱨǝtta nadanlarmu uningda ezip kǝtmǝydu;
شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛
9 Xu yǝrdǝ xir bolmaydu, Uning üstigǝ ⱨeq yirtⱪuq ⱨaywan qiⱪmaydu; (Ular xu yǝrdǝ ⱨeq tepilmaydu) — Nijat arⱪiliⱪ ⱨɵrlükkǝ qiⱪⱪanlar xu yǝrdǝ mangidu!
شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ!
10 Pǝrwǝrdigarning bǝdǝl tɵlǝp ⱪutⱪuzƣanliri ⱪaytip kelidu, Küylǝrni eytip Zionƣa yetip kelidu; Ularning baxliriƣa mǝnggülük xad-huramliⱪ ⱪonidu; Ular huxalliⱪ wǝ xadliⱪⱪa qɵmgǝn bolidu; Ⱪayƣu-ⱨǝsrǝt ⱨǝm uⱨ-nadamǝtlǝr bǝdǝr ⱪaqidu.
پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.

< Yǝxaya 35 >