< Ibraniylarƣa 11 >

1 Etiⱪad bolsa ümid ⱪilƣan ixlarning realliⱪtiki ipadisi wǝ kɵrünmǝydiƣan xǝy’ilǝrning dǝlilidur.
ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر.
2 Qünki burunⱪi mɵtiwǝrlirimiz ⱪǝdimdǝ mana xu etiⱪad bilǝn [Hudadin kǝlgǝn] yahxi guwaⱨliⱪni alƣan.
چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن [خۇدادىن كەلگەن] ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان.
3 Biz etiⱪad arⱪiliⱪ kainatning Hudaning sɵz-kalami bilǝn ornitilƣanliⱪini, xundaⱪla biz kɵrüwatⱪan mǝwjudatlarning kɵrgili bolidiƣan xǝy’ilǝrdin qiⱪⱪan ǝmǝslikini qüxinǝlǝymiz. (aiōn g165)
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. (aiōn g165)
4 Etiⱪadi bolƣaqⱪa Ⱨabil Ⱪabilningkidinmu ǝwzǝl bir ⱪurbanliⱪni Hudaƣa atiƣan; etiⱪadi bolƣaqⱪa Huda uning atiƣanlirini tǝriplǝp, uningƣa ⱨǝⱪⱪaniy dǝp guwaⱨliⱪ bǝrdi. Gǝrqǝ ɵlgǝn bolsimu, etiⱪadi bilǝn u yǝnila bizgǝ gǝp ⱪilmaⱪta.
ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا.
5 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Ⱨanoh ɵlümni kɵrmǝyla [ǝrxkǝ] kɵtürüldi; Huda uni kɵtürüp elip kǝtkǝqkǝ, u yǝr yüzidǝ ⱨeq tepilmidi. Sǝwǝbi u elip ketilixtin ilgiri, Hudani hursǝn ⱪilƣan adǝm dǝp tǝriplǝngǝnidi.
ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا [ئەرشكە] كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى.
6 Əmdiliktǝ etiⱪad bolmay turup, Hudani hursǝn ⱪilix mumkin ǝmǝs; qünki Hudaning aldiƣa baridiƣan kixi Uning barliⱪiƣa, xundaⱪla Uning Ɵzini izdigǝnlǝrgǝ ǝjrini ⱪayturƣuqi ikǝnlikigǝ ixinixi kerǝk.
ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
7 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Nuⱨ tehi kɵrülüp baⱪmiƣan wǝⱪǝlǝr ⱨǝⱪⱪidǝ Huda tǝripidin agaⱨlandurulƣanda, ihlasmǝnlik ⱪorⱪunqi bilǝn ailisidikilǝrni ⱪutⱪuzux üqün yoƣan bir kemǝ yasidi; ⱨǝmdǝ etiⱪadi arⱪiliⱪ xundaⱪ ⱪilip pütkül dunyadikilǝrning gunaⱨliri üstidin ⱨɵküm qiⱪardi, xundaⱪla etiⱪadtin bolƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa mirashor boldi.
ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى.
8 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Huda Ibraⱨimni uningƣa miras süpitidǝ bǝrmǝkqi bolƣan zeminƣa berixⱪa qaⱪirƣanda, u itaǝt ⱪildi; u ⱪǝyǝrgǝ baridiƣanliⱪini bilmǝy turup yolƣa qiⱪti.
ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.
9 Etiⱪadi bolƣaqⱪa u wǝdǝ ⱪilinƣan zeminda, huddi yaⱪa yurtta turƣandǝk musapir bolup qedirlarni makan ⱪilip yaxidi. Hudaning uningƣa ⱪilƣan wǝdisining ortaⱪ mirashorliri bolƣan Isⱨaⱪ wǝ Yaⱪuplarmu uning bilǝn birgǝ xuningƣa ohxax yaxidi.
ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى.
10 Ibraⱨimning xundaⱪ ⱪilixidiki sǝwǝb, u ulliri mustǝⱨkǝm bolƣan xǝⱨǝrni kütkǝnidi; xǝⱨǝrning layiⱨiligüqi ⱨǝm ⱪurƣuqisi Huda Ɵzidur.
ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر.
11 Etiⱪadi bolƣaqⱪa Saraⱨ gǝrqǝ yaxinip ⱪalƣan, tuƣut yexidin ɵtkǝn bolsimu, ⱨamilidar bolux iⱪtidariƣa igǝ boldi; qünki u wǝdǝ ⱪilƣan Hudani ixǝnqlik dǝp ⱪaraytti.
ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى.
12 Buning bilǝn birla adǝmdin, yǝni ɵlgǝn adǝmdǝk bolup ⱪalƣan bir adǝmdin asmandiki yultuzlardǝk kɵp, dengiz saⱨilidiki ⱪumdǝk sansiz ǝwladlar barliⱪⱪa kǝldi.
بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.
13 Bu kixilǝrning ⱨǝmmisi Hudaning wǝdǝ ⱪilƣanliriƣa muyǝssǝr bolmay turupla etiⱪadi bolƣan ⱨalda alǝmdin ɵtti. Biraⱪ ular ⱨayat waⱪtida bularning kǝlgüsidǝ ǝmǝlgǝ axurulidiƣanliⱪini yiraⱪtin kɵrüp, ⱪuqaⱪ eqip hursǝnlik bilǝn kütkǝn wǝ ɵzlirini yǝr yüzidǝ musapir wǝ yoluqi dǝp axkarǝ eytⱪanidi.
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى.
14 Bu bundaⱪ sɵzlǝrni ⱪilƣan kixilǝrning bir wǝtǝnni tǝxna bolup izdǝwatⱪanliⱪini eniⱪ ipadilǝydu.
بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ.
15 Dǝrwǝⱪǝ, ular ɵz yurtini seƣinƣan bolsa, ⱪaytip ketix pursiti qiⱪⱪan bolatti.
دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى.
16 Lekin ular uningdinmu ǝwzǝl, yǝni ǝrxtiki bir makanni tǝlpünüp izdimǝktǝ. Xuning üqün, Hudaning ɵzlirining Hudasi dǝp atilixidin nomus ⱪilmaydu; qünki mana, U ular üqün bir xǝⱨǝr ⱨazirliƣan.
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان.
17 Ibraⱨim Huda tǝripidin sinalƣinida, etiⱪadi bolƣaqⱪa oƣli Isⱨaⱪni ⱪurbanliⱪ süpitidǝ Hudaƣa atidi; gǝrqǝ u Hudaning wǝdilirini, jümlidin «Sening namingni dawamlaxturidiƣan nǝsling bolsa Isⱨaⱪtin kelip qiⱪidu» deginini tapxuruwalƣan bolsimu, u yǝnila birdinbir oƣlini ⱪurban ⱪilixⱪa tǝyyar turdi.
ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى.
19 Qünki u ⱨǝtta Isⱨaⱪ ɵlgǝn tǝⱪdirdimu, Hudaning uni tirildürüxkǝ ⱪadir ikǝnlikigǝ ixǝndi. Mundaⱪqǝ eytⱪanda, Isⱨaⱪni ɵlümdin tirildürülgǝndǝk ⱪaytidin tapxuruwaldi.
چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى.
20 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Isⱨaⱪ oƣulliri Yaⱪup bilǝn Əsawning kǝlgüsi ixliriƣa hǝyrlik tilǝp dua ⱪildi.
ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى.
21 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Yaⱪup alǝmdin ɵtüx aldida Yüsüpning ikki oƣlining ⱨǝrbiri üqün hǝyrlik dua ⱪilip, ⱨasisiƣa tayinip turup Hudaƣa sǝjdǝ ⱪildi.
ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى.
22 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Yüsüp sǝkratⱪa qüxüp ⱪalƣanda, bǝni Israilning Misirdin qiⱪip ketidiƣanliⱪini tilƣa aldi ⱨǝmdǝ ɵzining ustihanliri toƣruluⱪmu ǝmr ⱪildi.
ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى.
23 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Musa tuƣulƣanda, uning ata-anisi uni üq ay yoxurdi; qünki ular Musaning yeⱪimliⱪ bir bala ikǝnlikini kɵrdi, padixaⱨning pǝrmanidinmu ⱪorⱪmidi.
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى.
24 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, Musa qong bolup uluƣ zat bolƣandin keyin, «Pirǝwning ⱪizining oƣli» degǝn ataⱪta turiwerixni rǝt ⱪilip,
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ،
25 gunaⱨ iqidiki lǝzzǝtlǝrdin waⱪitliⱪ bǝⱨrimǝn boluxning orniƣa, Hudaning hǝlⱪi bilǝn billǝ azab qekixni ǝwzǝl kɵrdi.
گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى.
26 U Mǝsiⱨkǝ ⱪaritilƣan ⱨaⱪarǝtkǝ uqraxni Misirning hǝzinisidiki bayliⱪlarƣa igǝ boluxtinmu ǝwzǝl bildi. Qünki kɵzlirini [ǝrxtiki] in’amƣa tikiwatatti.
ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى.
27 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, u padixaⱨning ƣǝzipidinmu ⱪorⱪmay Misirdin qiⱪip kǝtti. [Japa-muxǝⱪⱪǝtkǝ] qididi, qünki Kɵzgǝ Kɵrünmigüqi uning kɵzigǝ kɵrünüp turƣandǝk idi.
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى.
28 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, u «tunji oƣlining jenini alƣuqi» [pǝrixtining] [Israillarƣa] tǝgmǝsliki üqün [tunji] «ɵtüp ketix» ⱨeytini ɵtküzüp, xuningƣa munasiwǝtlik ⱪanni [buyrulƣini boyiqǝ] sepip-sürkidi.
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» [پەرىشتىنىڭ] [ئىسرائىللارغا] تەگمەسلىكى ئۈچۈن [تۇنجى] «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى [بۇيرۇلغىنى بويىچە] سېپىپ-سۈركىدى.
29 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, [Israillar] Ⱪizil dengizdin huddi ⱪuruⱪluⱪta mangƣandǝk mengip ɵtti. Biraⱪ [ularni ⱪoƣlap kǝlgǝn] Misirliⱪlar ɵtmǝkqi bolƣanda suƣa ƣǝrⱪ boldi.
ئېتىقادى بولغاچقا، [ئىسرائىللار] قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق [ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن] مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى.
30 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, hǝlⱪ yǝttǝ kün Yeriho xǝⱨirining sepilini aylanƣandin keyin sepil ɵrüldi.
ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى.
31 Etiⱪadi bolƣaqⱪa, paⱨixǝ ayal Raⱨab Israil qarliƣuqilirini dostlarqǝ kütüwalƣaqⱪa, itaǝtsizlǝr [bolƣan ɵz xǝⱨiridikilǝr] bilǝn birliktǝ ⱨalak bolmidi.
ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر [بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر] بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى.
32 Mǝn yǝnǝ nemixⱪa sɵzlǝp olturay? Gideon, Baraⱪ, Ximxon, Yǝftaⱨ, Dawut, Samuil wǝ ⱪalƣan baxⱪa pǝyƣǝmbǝrlǝr toƣrisida eytip kǝlsǝm waⱪit yǝtmǝydu.
مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ.
33 Ular etiⱪadi bilǝn ǝllǝrning üstidin ƣalib kǝldi, adalǝt yürgüzdi, [Huda] wǝdǝ ⱪilƣanlarƣa erixti, xirlarning aƣzilirini etip ⱪoydi,
ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى،
34 dǝⱨxǝtlik otning yalⱪunini ɵqürdi, ⱪiliqning tiƣidin ⱪeqip ⱪutuldi, ajizliⱪtin küqǝydi, jǝnglǝrdǝ baturluⱪ kɵrsǝtti, yat ǝllǝrning ⱪoxunlirini teri-pirǝng ⱪildi.
دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى.
35 [Etiⱪadi bolƣaqⱪa], ayallar ɵlgǝn uruⱪ-tuƣⱪanlirini ɵlümdin tirildürgüzüp ⱪayturuwaldi; biraⱪ baxⱪilar kǝlgüsidǝ tehimu yahxi ⱨalda ɵlümdin tirilǝyli dǝp, ⱪutulux yolini rǝt ⱪilip ⱪiyinilixⱪa bǝrdaxliⱪ bǝrdi.
[ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى.
36 Yǝnǝ bǝzilǝr sinilip har-mǝshirilǝrgǝ uqrap ⱪamqilandi, bǝzilǝr ⱨǝtta kixǝnlinip zindanƣa taxlandi;
يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛
37 ular qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürüldi, ⱨǝrǝ bilǝn ⱨǝrilinip parqilandi, sinaⱪlarni bexidin ɵtküzdi, ⱪiliqlinip ɵltürüldi; ular ⱪoy-ɵqkǝ terilirini yepinqa ⱪilƣan ⱨalda sǝrsan bolup yürdi, namratliⱪta yaxidi, ⱪiyin-ⱪistaⱪⱪa uqridi, horlandi
ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى
38 (ular bu dunyaƣa zayǝ kǝtkǝnidi), qɵllǝrdǝ, taƣlarda, ɵngkürlǝrdǝ wǝ gǝmilǝrdǝ sǝrgǝrdan bolup yürdi.
(ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى.
39 Bularning ⱨǝmmisi etiⱪadi bilǝn Hudaning Ɵz guwaⱨi bilǝn tǝriplǝngǝn bolsimu, Hudaning wǝdǝ ⱪilƣiniƣa ǝyni boyiqǝ erixkini yoⱪ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق.
40 Əmdiliktǝ Huda bizlǝr üqün tehimu ǝwzǝl bir nixan-mǝⱪsǝtni bekitkǝn bolup, ular bizsiz kamalǝtkǝ yǝtküzülmǝydu.
ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ.

< Ibraniylarƣa 11 >