< Yaritilix 9 >

1 Huda Nuⱨ bilǝn uning oƣulliriƣa bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilip, ularƣa mundaⱪ dedi: — «Silǝr jüplixip kɵpiyip, yǝr yüzini toldurunglar.
خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار.
2 Yǝr yüzidiki barliⱪ janiwarlar, asmandiki barliⱪ ⱪuxlar, barliⱪ yǝr yüzidǝ midirlap yürgüqilǝr wǝ dengizdiki barliⱪ beliⱪlarning ⱨǝmmisi silǝrdin ⱪorⱪup wǝⱨimidǝ bolsun; bular ⱪolunglarƣa tapxurulƣandur.
يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر.
3 Midirlap yüridiƣan ⱨǝrⱪandaⱪ janiwarlar silǝrgǝ ozuⱪ bolidu; Mǝn silǝrgǝ kɵk otyaxlarni bǝrgǝndǝk, bularning ⱨǝmmisini ǝmdi silǝrgǝ bǝrdim.
مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم.
4 Lekin silǝr gɵxni iqidiki jeni, yǝni ⱪeni bilǝn ⱪoxup yemǝslikinglar kerǝk.
لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك.
5 Ⱪeninglar, yǝni jeninglardiki ⱪan tɵkülsǝ, Mǝn bǝrⱨǝⱪ uning ⱨesabini alimǝn; ⱨǝrⱪandaⱪ ⱨaywanning ilkidǝ ⱪeninglar bar bolsa Mǝn uningƣa tɵlǝtküzimǝn; insanning ⱪolida bar bolsa, yǝni birsining ⱪolida ɵz ⱪerindixining ⱪeni bar bolsa, Mǝn uningƣa xu ⱪanni tɵlǝtküzimǝn.
قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن.
6 Kimki insanning ⱪenini tɵksǝ, Uning ⱪenimu insan tǝripidin tɵkülidu; Qünki Huda insanni Ɵz sürǝt-obrazida yaratⱪandur.
كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر.
7 Əmdi silǝr, jüplixip kɵpiyip, yǝr yüzidǝ tarilip-tarⱪilip kɵpiyinglar».
ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار».
8 Andin Huda Nuⱨ bilǝn uning oƣulliriƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: — «Mana Ɵzüm silǝr bilǝn wǝ silǝrdin keyin kelidiƣan ǝwladliringlar bilǝn, xundaⱪla silǝr bilǝn billǝ turƣan ⱨǝrbir jan igisi, uqarⱪanatlar, mal-qarwilar, silǝr bilǝn billǝ turƣan yǝr yüzidiki ⱨǝrbir yawayi ⱨaywanlar, kemidin qiⱪⱪanlarning ⱨǝmmisi bilǝn — yǝr yüzidiki ⱨeqbir ⱨaywanni ⱪaldurmay, ular bilǝn Ɵz ǝⱨdǝmni tüzimǝn.
ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن
9
11 Mǝn silǝr bilǝn xundaⱪ ǝⱨdǝ tüzimǝnki, nǝ barliⱪ ǝt igiliri topan bilǝn yoⱪitilmas, nǝ yǝrni wǝyran ⱪilidiƣan ⱨeqbir topan yǝnǝ kǝlmǝs».
مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس».
12 Huda yǝnǝ: — «Mǝn Ɵzüm silǝr bilǝn wǝ ⱪexinglardiki ⱨǝmmǝ jan igiliri bilǝn mǝnggülük, yǝni pütkül ǝwladliringlarƣiqǝ bekitkǝn muxu ǝⱨdǝmning bǝlgisi xuki: — Mana, Mǝn Ɵzüm bilǝn yǝrning otturisida bolƣan ǝⱨdining bǝlgisi bolsun dǝp ⱨǝsǝn-ⱨüsinimni bulutlar iqigǝ ⱪoyimǝn;
خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛
14 wǝ xundaⱪ boliduki, Mǝn yǝrning üstigǝ bulutlarni qiⱪarƣinimda, xundaⱪla ⱨǝsǝn-ⱨüsǝn bulutlar iqidǝ ayan bolƣinida, Mǝn silǝr bilǝn ǝt igiliri bolƣan barliⱪ janiwarlar bilǝn tüzgǝn ǝⱨdǝmni yad etimǝn; buningdin keyin sular ⱨǝrgiz ⱨǝmmǝ jandarlarni ⱨalak ⱪilƣuqi topan bolmas.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس.
16 Ⱨǝsǝn-ⱨüsǝn bulutlar arisida pǝyda bolidu; Mǝn uningƣa ⱪaraymǝn wǝ xuning bilǝn Mǝnki Huda yǝr yüzidiki ǝt igiliri bolƣan barliⱪ janiwarlar bilǝn otturimizda bekitkǝn ǝⱨdǝmni yad etimǝn», — dedi.
ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى.
17 Huda Nuⱨⱪa yǝnǝ: — «Mana bu Mǝn Ɵzüm bilǝn yǝr yüzidiki barliⱪ ǝt igiliri otturisida bekitkǝn ǝⱨdǝmning nixan-bǝlgisidur», — dedi.
خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى.
18 Nuⱨning kemidin qiⱪⱪan oƣulliri Xǝm, Ⱨam wǝ Yafǝt idi. Ⱨam Ⱪanaanning atisi boldi.
نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى.
19 Bu üqi Nuⱨning oƣulliri bolup, pütkül yǝr yüzigǝ taralƣan aⱨalǝ xularning nǝsil-ǝwladliridur.
بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر.
20 Nuⱨ teriⱪqiliⱪ ⱪilixⱪa baxlap, bir üzümzarliⱪ bǝrpa ⱪildi.
نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى.
21 U uning xarabidin iqip, mǝst bolup ⱪelip, ɵz qediri iqidǝ kiyim-keqǝklirini seliwetip, yalingaq yetip ⱪaldi.
ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى.
22 Ⱪanaanning atisi Ⱨam kelip, atisining ǝwritini kɵrüp, sirtⱪa qiⱪip ikki ⱪerindixiƣa eytti.
قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى.
23 Xǝm bilǝn Yafǝt ⱪopup yepinjini elip, mürisigǝ artip, kǝyniqǝ mengip kirip, atisining yalingaq bǝdinini yepip ⱪoydi. Ular yüzini aldi tǝrǝpkǝ ⱪilip, atisining yalingaq tenigǝ ⱪarimidi.
شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى.
24 Nuⱨ xarabning kǝypidin oyƣinip, kǝnji oƣlining ɵzigǝ nemǝ ⱪilƣinini bilip: —
نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ
25 Ⱪanaanƣa lǝnǝt bolƣay! U ⱪerindaxlirining ⱪulining ⱪuli bolsun, — dǝp ⱪarƣidi.
قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى.
26 U yǝnǝ: — Xǝmning Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ kǝltürülgǝy! Ⱪanaan Xǝmning ⱪuli bolsun.
ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن.
27 Huda Yafǝtni awutⱪay! U Xǝmning qedirlirida turƣay, Ⱪanaan bolsa uning ⱪuli bolƣay! — dedi.
خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى.
28 Nuⱨ topandin keyin üq yüz ǝllik yil ɵmür kɵrdi.
نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى.
29 Bu tǝriⱪidǝ Nuⱨ jǝmiy toⱪⱪuz yüz ǝllik yil kün kɵrüp, alǝmdin ɵtti.
بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

< Yaritilix 9 >