< Yaritilix 34 >

1 Bir küni, Leyaⱨning Yaⱪupⱪa tuƣup bǝrgǝn ⱪizi Dinaⱨ yurtning ⱪizliri bilǝn kɵrüxkili qiⱪti.
بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.
2 Xu yurtning ǝmiri ⱨiwiy Ⱨamorning oƣli Xǝkǝm uni kɵrüp ⱪelip, uni tutuwelip, zorlap nomusiƣa tǝgdi.
شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى.
3 Əmma uning kɵngli Yaⱪupning ⱪizi Dinaⱨⱪa qüxüp, uni yahxi kɵrüp ⱪaldi wǝ uningƣa muⱨǝbbiti bilǝn kɵngül soridi.
ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى.
4 Xuning bilǝn Xǝkǝm atisi Ⱨamordin: — Bu ⱪizni manga hotunluⱪⱪa elip bǝrgin, dǝp tǝlǝp ⱪildi.
شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن: ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى.
5 Yaⱪup [Xǝkǝmning] ⱪizi Dinaⱨning ippitigǝ tǝgkǝnlikini anglap ⱪaldi. Uning oƣulliri malliri bilǝn dalalarda idi; xunga Yaⱪup ular kǝlgüqǝ jim turup turdi.
ياقۇپ [شەكەمنىڭ] قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى.
6 Xǝkǝmning atisi Ⱨamor Yaⱪupning aldiƣa uning bilǝn sɵzlǝxkili qiⱪti;
شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛
7 Yaⱪupning oƣulliri hǝwǝrni anglapla dalalardin ⱪaytip kǝlgǝnidi. Bular [Xǝkǝmning] ⱪilmaydiƣan ixni ⱪilip, Yaⱪupning ⱪizining nomusiƣa tegip Israil ⱪǝbilisidǝ xǝrmǝndilik ⱪilƣini üqün azablinip, intayin ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndi.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار [شەكەمنىڭ] قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى.
8 Ⱨamor ularƣa sɵz ⱪilip: — Oƣlum Xǝkǝmning kɵngli ⱪizinglarƣa qüxüp ⱪaptu. Iltipat ⱪilip uni oƣlumƣa hotunluⱪⱪa bǝrsǝnglar!
ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار!
9 Biz bilǝn ⱪuda-baja bolup, ⱪizliringlarni bizgǝ beringlar, bizning ⱪizlirimiznimu silǝr elinglar;
بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛
10 Biz bilǝn billǝ turunglar. Mana, yǝr aldinglarda turuptu; bu yǝrni makan ⱪilip, soda ⱪilip, ɵzünglar üqün ɵy-mülük elinglar, — dedi.
بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى.
11 Xǝkǝm ⱪizning atisi bilǝn aka-ukiliriƣa: — Nǝziringlarda iltipat tapsam dǝymǝn; silǝr nemǝ desǝnglar, xuni berǝy.
شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي.
12 Mǝndin ⱪanqilik toyluⱪ yaki sowƣat tǝlǝp ⱪilsanglar, manga eytⱪininglarqǝ berǝy; pǝⱪǝt bu ⱪizni manga hotunluⱪⱪa bǝrsǝnglarla bolidu, dedi.
مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى.
13 Yaⱪupning oƣulliri bolsa Xǝkǝm wǝ atisi Ⱨamorƣa ⱨiylǝ-mikir bilǝn jawab bǝrdi, qünki u singlisi Dinaⱨning ippitigǝ tǝgkǝnidi;
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛
14 ularƣa: — Biz bundaⱪ ⱪilalmaymiz, singlimizni hǝtnisiz birsigǝ berixkǝ maⱪul deyǝlmǝymiz; qünki bu bizgǝ nomus bolidu.
ئۇلارغا: ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ.
15 Pǝⱪǝt bir xǝrtimizgǝ kɵnsǝnglarla silǝrgǝ maⱪul bolimiz; silǝrning barliⱪ ǝrkǝkliringlar hǝtnǝ ⱪilinip bizdǝk bolsa,
پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا،
16 Ⱪizlirimizni silǝrgǝ berip, silǝrning ⱪizliringlarni biz elip aranglarda olturup, bir ⱪowm bolup ⱪalimiz.
قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز.
17 Əmma bizgǝ ⱪulaⱪ salmay hǝtnǝ ⱪilinixⱪa unimisanglar, undaⱪta biz ⱪizimizni elip ketimiz, — dedi.
ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى.
18 Ularning sɵzliri Ⱨamor wǝ oƣli Xǝkǝmning nǝzirigǝ yaⱪti.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى.
19 Yigit bu ixni kǝynigǝ sozmidi, qünki u Yaⱪupning ⱪiziƣa ejil bolup ⱪalƣanidi; u atisining ɵyidǝ ⱨǝmmidin ǝtiwarliⱪ idi.
يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى.
20 Xuning bilǝn Ⱨamor oƣli Xǝkǝm bilǝn xǝⱨǝrning dǝrwazisiƣa berip, xǝⱨǝrning adǝmlirigǝ sɵz ⱪilip: —
شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ: ــ
21 Bu adǝmlǝrning biz bilǝn inaⱪ ɵtküsi bar. Xunga ular muxu yurtta turup soda-setiⱪ ⱪilsun; mana, bu jayningIkki tǝripi ularƣa yǝtküdǝk kǝngridur. Biz ularning ⱪizlirini hotunluⱪⱪa elip, ɵz ⱪizlirimizni ularƣa berimiz.
بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا-سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز.
22 Lekin pǝⱪǝt arimizdiki ⱨǝmmǝ ǝrkǝk ular hǝtnǝ ⱪilinƣandǝk hǝtnǝ ⱪilinsa, u adǝmlǝr arimizda turup biz bilǝn bir hǝlⱪ boluxⱪa maⱪul dǝydu.
لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ.
23 Xu tǝriⱪidǝ ularning mal-tǝǝlluⱪati, ⱨǝmmǝ qarpayliri bizningki bolmamdu? Biz pǝⱪǝt ularƣa maⱪul desǝkla, ular arimizda turidu, — dedi.
شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
24 Xuning bilǝn xǝⱨǝrning dǝrwazisidin kirip-qiⱪidiƣanlarning ⱨǝmmisi Ⱨamor bilǝn oƣli Xǝkǝmning sɵzigǝ ⱪulaⱪ saldi. Xǝⱨǝrning dǝrwazisidin kirip-qiⱪadiƣanlarning ⱨǝmmisi hǝtnǝ ⱪilindi.
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى.
25 Əmma üqinqi küni, ular tehiqǝ aƣriⱪ yatⱪinida xundaⱪ boldiki, Yaⱪupning ikki oƣli, yǝni Dinaⱨning akiliri Ximeon bilǝn Lawiy ⱨǝrⱪaysisi ɵz ⱪiliqini elip, xǝⱨǝr hatirjǝmlik iqidǝ turƣinida besip kirip, ⱨǝmmǝ ǝrkǝkni ɵltürüwǝtti;
ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛
26 Ular Ⱨamor bilǝn oƣli Xǝkǝmnimu ⱪiliqlap, Dinaⱨni Xǝkǝmning ɵyidin elip kǝtti.
ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى.
27 Andin Yaⱪupning [barliⱪ] oƣulliri: «Ular singlimizning nomusiƣa tǝgdi» dǝp, ɵltürülgǝnlǝrning jayiƣa kelip, xǝⱨǝrni bulap-talang ⱪildi.
ئاندىن ياقۇپنىڭ [بارلىق] ئوغۇللىرى: «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ-تالاڭ قىلدى.
28 Ularning ⱪoy-kala, exǝklirini, xǝⱨǝrdiki ⱨǝmmini, etizliⱪlardiki ⱨǝmmini elip kǝtti,
ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى،
29 Xundaⱪla ularning barliⱪ mal-mülkini bulap-talap, barliⱪ hotun-balilarni ǝsir ⱪilip, ɵy iqidiki barliⱪ nǝrsilǝrnimu ⱪoxup elip kǝtti.
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى.
30 Yaⱪup Ximeon wǝ Lawiyni ǝyiblǝp: — Silǝr meni balaƣa tiⱪip, zemindikilǝr — Ⱪanaaniylar bilǝn Pǝrizziylǝrning aldida sesittinglar. Bizning adimimiz az bir hǝlⱪturmiz; ular manga ⱪarxi qiⱪip yiƣilip ⱨujum ⱪilidu; xuning bilǝn mǝn wǝ jǝmǝtim wǝyran bolimiz, — dedi.
ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى.
31 Əmma ular jawab berip: — Əjǝba, singlimizƣa bir paⱨixǝ ayalƣa ⱪilƣandǝk muamilǝ ⱪilsa bolamdu? — dedi.
ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى.

< Yaritilix 34 >