< Yaritilix 26 >

1 [Ⱪanaan] zeminida Ibraⱨimning waⱪtidiki aqarqiliⱪtin baxⱪa yǝnǝ bir ⱪetimliⱪ aqarqiliⱪ yüz bǝrdi. Xuning bilǝn Isⱨaⱪ Gǝrar xǝⱨirigǝ, Filistiylǝrning padixaⱨi Abimǝlǝkning ⱪexiƣa bardi.
[قانائان] زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى.
2 Pǝrwǝrdigar uningƣa kɵrünüp mundaⱪ dedi: — Sǝn Misirƣa qüxmǝy, bǝlki Mǝn sanga kɵrsitip beridiƣan yurtta turƣin.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن.
3 Moxu zemindin qiⱪmay musapir bolup turƣin; xuning bilǝn Mǝn sǝn bilǝn billǝ bolup, sanga bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilimǝn; qünki Mǝn sǝn wǝ nǝslinggǝ bu zeminlarning ⱨǝmmisini berip, atang Ibraⱨimƣa bǝrgǝn ⱪǝsimimni ada ⱪilimǝn;
موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛
4 nǝslingni asmandiki yultuzlardǝk awutimǝn wǝ nǝslinggǝ bu zeminlarning ⱨǝmmisini berimǝn; yǝr yüzidiki barliⱪ ǝl-yurtlar nǝslingning [nami] bilǝn ɵzlirigǝ bǝht-bǝrikǝt tilǝydu;
نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ [نامى] بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛
5 Qünki Ibraⱨim Mening awazimƣa ⱪulaⱪ selip, tapiliƣinim, ǝmrlirim, bǝlgilimilirim wǝ ⱪanunlirimni bǝja kǝltürdi, — dedi.
چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى.
6 Xuning bilǝn Isⱨaⱪ Gǝrarda turup ⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى.
7 Əmma u yǝrlik kixilǝr uning ayali toƣrisida sorisa u: — Bu mening singlim bolidu, — dedi; qünki Riwkaⱨ intayin qirayliⱪ bolƣaqⱪa, Isⱨaⱪ ɵz-ɵzigǝ: «Bu mening ayalim bolidu», desǝm, bu yǝrlik adǝmlǝr Riwkaⱨning sǝwǝbidin meni ɵltürüwetǝrmikin, — dǝp ⱪorⱪti.
ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى.
8 Lekin u xu yǝrdǝ uzaⱪ waⱪit turƣandin keyin xundaⱪ boldiki, Filistiylǝrning padixaⱨi Abimǝlǝk dǝrizidin ⱪariwidi, mana Isⱨaⱪ wǝ ayali Riwkaⱨ bir-birigǝ ǝrkilixip turatti.
لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى.
9 Andin Abimǝlǝk Isⱨaⱪni qaⱪirip: — Mana, u jǝzmǝn sening ayaling ikǝn! Sǝn nemǝ dǝp: «U mening singlim», deding? — dewidi, Isⱨaⱪ uningƣa: — Qünki mǝn ǝslidǝ uning sǝwǝbidin birsi meni ɵltürüwetǝrmikin, dǝp ǝnsirigǝnidim, — dedi.
ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى.
10 Abimǝlǝk uningƣa: Bu bizgǝ nemǝ ⱪilƣining? Tas ⱪaptu hǝlⱪ arisidin birǝrsi ayaling bilǝn birgǝ bolƣili?! Undaⱪ bolƣan bolsa sǝn bizni gunaⱨⱪa patⱪuzƣan bolatting! — dedi.
ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى.
11 Andin Abimǝlǝk ⱨǝmmǝ hǝlⱪⱪǝ buyrup: — Kimki bu kixigǝ wǝ yaki hotuniƣa ⱪol tǝgküzsǝ jǝzmǝn ɵltürülmǝy ⱪalmaydu, — dǝp yarliⱪ qüxürdi.
ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى.
12 Isⱨaⱪ u zeminda teriⱪqiliⱪ ⱪildi: u xu yili yǝrdin yüz ⱨǝssǝ ⱨosul aldi; Pǝrwǝrdigar uni bǝrikǝtligǝnidi.
ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى.
13 Bu kixi bax kɵtürüp, barƣanseri rawaj tepip, tolimu katta kixilǝrdin bolup ⱪaldi.
بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى.
14 Uning ⱪoy-kala padiliri wǝ ɵyidiki ⱪulliri intayin kɵpǝydi; Filistiylǝr uningƣa ⱨǝsǝt ⱪilƣili turdi.
ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى.
15 Bu sǝwǝbtin uning atisi Ibraⱨimning künliridǝ atisining ⱪulliri koliƣan ⱪuduⱪlarning ⱨǝmmisini Filistiylǝr etip, topa bilǝn tinduruwǝtti.
بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.
16 Abimǝlǝk Isⱨaⱪⱪa: — Sǝn bizdin ziyadǝ küqiyip kǝtting, ǝmdi arimizdin qiⱪip kǝtkin, — dedi.
ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى.
17 Isⱨaⱪ u yǝrdin ketip, Gǝrar wadisiƣa qedir tikip, xu yǝrdǝ turup ⱪaldi.
ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
18 Ibraⱨim ⱨayat waⱪtida [ⱪulliri] birmunqǝ ⱪuduⱪlarni ⱪazƣanidi; biraⱪ Ibraⱨim ɵlgǝndin keyin, Filistiylǝr bularni topa bilǝn tinduruwǝtkǝnidi. Isⱨaⱪ bu ⱪuduⱪlarni ⱪaytidin kolitip, ularƣa atisi ilgiri ⱪoyƣan isimlarni yǝnǝ ⱪoydi.
ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا [قۇللىرى] بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى.
19 Isⱨaⱪning ⱪulliri wadida ⱪuduⱪ kolawatⱪanda suliri urƣup qiⱪip aⱪidiƣan bir ⱪuduⱪni tepiwaldi.
ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى.
20 Lekin Gǝrardiki padiqilar Isⱨaⱪning padiqiliridin uni talixip: — Bu su bizningkidur, — dedi. Ular Isⱨaⱪ bilǝn jedǝllǝxkǝqkǝ, u bu ⱪuduⱪni «Esǝk» dǝp atidi.
لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى.
21 Ular yǝnǝ baxⱪa bir ⱪuduⱪni kolidi, ular yǝnǝ bu ⱪuduⱪ toƣrisida jedǝllǝxti. Xuning bilǝn Isⱨaⱪ buning ismini «Sitnaⱨ» dǝp atidi.
ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى.
22 Andin u u yǝrdin ketip, baxⱪa yǝrgǝ berip, xu yǝrdimu yǝnǝ bir ⱪuduⱪ kolidi; ǝmdi Gǝrardikilǝr bu ⱪuduⱪni talaxmidi. Bu sǝwǝbtin u uning etini «Rǝⱨobot» ⱪoyup: «Əmdi Pǝrwǝrdigar biz üqün jay bǝrgǝnikǝn, bu zeminda mewilik bolimiz», — dedi.
ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى.
23 Andin u u yǝrdin qiⱪip Bǝǝr-Xebaƣa bardi.
ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى.
24 Pǝrwǝrdigar xu keqisi uningƣa kɵrünüp: — Mǝn bolsam atang Ibraⱨimning Hudasidurmǝn; ⱪorⱪmiƣin, qünki Mǝn sǝn bilǝn billimǝn, seni bǝht-bǝrikǝtlǝp, nǝslingni ⱪulum Ibraⱨimning sǝwǝbidin awutimǝn, — dedi.
پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى.
25 U xu yǝrdǝ bir ⱪurbangaⱨ yasap, Pǝrwǝrdigarning namiƣa nida ⱪilip ibadǝt ⱪildi. U xu yǝrdǝ qedirini tikti, Isⱨaⱪning ⱪulliri xu yǝrdǝ bir ⱪuduⱪ kolidi.
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى.
26 Əmdi Abimǝlǝk, aƣinisi Aⱨuzzat bilǝn lǝxkǝrbexi Fikol birgǝ Gǝrardin qiⱪip, uning ⱪexiƣa bardi.
ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى.
27 Isⱨaⱪ ularƣa: — Manga ɵqmǝnlik ⱪilip, meni aranglardin ⱪoƣliwǝtkǝndin keyin, nemǝ üqün mening ⱪeximƣa kǝldinglar? — dedi.
ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى.
28 Ular jawabǝn: — Biz Pǝrwǝrdigarning sǝn bilǝn billǝ bolƣinini roxǝn bayⱪiduⱪ, xuning bilǝn biz sening toƣrangda: «Otturimizda bir kelixim bolsun, yǝni bizlǝr bilǝn sǝn bir-birimizgǝ ⱪǝsǝm berip ǝⱨdǝ ⱪilixayli» deduⱪ; xu wǝjidin sǝn bizgǝ ⱨeqⱪandaⱪ ziyan-zǝhmǝt yǝtküzmigǝysǝn; biz sanga ⱨeq tǝgmiginimizdǝk, xundaⱪla sanga yahxiliⱪtin baxⱪa ⱨeqbir nemǝ ⱪilmiƣinimizdǝk (bǝlki seni aman-esǝnlik iqidǝ yolungƣa ǝwǝtkǝniduⱪ) sǝnmu xundaⱪ ⱪilƣaysǝn. Mana ⱨazir sǝn Pǝrwǝrdigar tǝripidin bǝht-bǝrikǝt kɵrüwatisǝn! — deyixti.
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.
30 Xuning bilǝn u ularƣa bir ziyapǝt ⱪilip bǝrdi. Ular bolsa yǝp-iqti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى.
31 Ətisi tang sǝⱨǝrdǝ ular ⱪopup bir-birigǝ ⱪǝsǝm ⱪilixti; andin Isⱨaⱪ ularni yolƣa selip ⱪoydi; ular uning ⱪexidin aman-esǝn kǝtti.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى.
32 U küni xundaⱪ boldiki, Isⱨaⱪning ⱪulliri kelip, uningƣa ɵzi koliƣan ⱪuduⱪ toƣrisida hǝwǝr berip: «Biz su taptuⱪ!» dedi.
ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى.
33 U uning namini «Xibaⱨ» ⱪoydi. Bu sǝwǝbtin bu xǝⱨǝrning ismi bügüngiqǝ «Bǝǝr-Xeba» dǝp atilip kǝlmǝktǝ.
ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
34 Əsaw ⱪiriⱪ yaxⱪa kirgǝndǝ, Ⱨittiylardin bolƣan Bǝǝrining ⱪizi Yǝⱨudit bilǝn Ⱨittiylardin bolƣan Elonning ⱪizi Basimatni hotunluⱪⱪa aldi.
ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى.
35 Əmma bular Isⱨaⱪ bilǝn Riwkaⱨning kɵngligǝ azab elip kǝldi.
ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى.

< Yaritilix 26 >