< Galatiyaliⱪlarƣa 4 >

1 Yǝnǝ xuni eytimǝnki: Gǝrqǝ bir bala pütün mülükning igisi bolsimu, mirashor gɵdǝk waⱪitlirida taki atisi bǝlgiligǝn waⱪit toxmiƣuqǝ, u ɵz ɵyidiki ⱪuldin pǝrⱪi bolmaydu. Qünki u yǝnila hojidarlar wǝ bala baⱪⱪuqilarning baxⱪuruxida bolidu.
يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
2
3 Xuningƣa ohxax, bizmu gɵdǝk waⱪtimizda, bu dunyadiki «asasiy ⱪaidǝ-ⱪanuniyǝtlǝr» astida ⱪul bolƣaniduⱪ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق.
4 Lekin, waⱪit-saiti toluⱪ toxⱪanda, Huda Ɵz Oƣlini [bu dunyaƣa] ǝwǝtti. U bir ayal kixidin tuƣulƣan, xuningdǝk Tǝwrat ⱪanuni astida tuƣulƣanidi.
لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى.
5 Buningdiki mǝⱪsǝt, Huda Tǝwrat ⱪanuni astida yaxiƣan [bizlǝrni] bǝdǝl tɵlǝp ⱨɵrlükkǝ qiⱪirip, bizning oƣulluⱪⱪa ⱪobul ⱪiliniximiz üqündur.
بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.
6 Ⱨǝm silǝr Uning oƣulliri bolƣanliⱪinglar üqün, Huda Ɵz Oƣlining: «Abba! Atam!» dǝp qaⱪirƣuqi Roⱨini ǝwǝtip ⱪǝlbimizgǝ saldi.
ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى.
7 Xuning üqün, silǝr ⱨazir ⱪul ǝmǝs, bǝlki oƣulliridursilǝr; oƣulliri bolƣanikǝnsilǝr, Huda arⱪiliⱪ Ɵzigǝ mirashor bolisilǝr.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر.
8 Burun, Hudani tonumiƣan waⱪtinglarda dǝrwǝⱪǝ yalƣan ilaⱨlarning ⱪulluⱪiƣa tutulƣansilǝr.
بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر.
9 Əmdiliktǝ, ⱨazir [ⱨǝⱪiⱪiy] Hudani tonuƣanikǝnsilǝr, — yaki eniⱪraⱪ ⱪilip eytⱪanda, Huda tǝripidin tonulƣanikǝnsilǝr, ǝmdi silǝr nemǝ dǝp bu dunyadiki küqsiz, ǝbjǝⱪ ǝrzimǝs «asasiy ⱪaidǝ-ⱪanuniyǝtlǝr»gǝ ⱪarap yanisilǝr? Ularning ⱪulluⱪiƣa yengiwaxtin ⱪaytixni halamsilǝr?
ئەمدىلىكتە، ھازىر [ھەقىقىي] خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟
10 Silǝr alaⱨidǝ kün, ay, pǝsil wǝ yillarni etiwarƣa elip hatirilǝxkǝ baxlidinglar!
سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار!
11 Mǝn ilgiri silǝrgǝ singdürgǝn ǝjrim bikar ketǝrmikin, dǝp silǝr üqün ǝnsirǝwatimǝn.
مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن.
12 Ⱪerindaxlar, mǝn xuni silǝrdin ɵtünimǝnki, manga ohxax bolunglar; qünki mǝn silǝrgǝ ohxax boldum. Silǝr ǝslidǝ manga ⱨeq azar yǝtküzmigǝnidinglar.
قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار.
13 Əmma silǝrgǝ mǝlumki, ǝtlirimdiki bir zǝiplik tüpǝylidin, mǝn hux hǝwǝrni silǝrgǝ birinqi ⱪetim yǝtküzgǝnidim.
ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم.
14 U qaƣda, ǝtlirimdiki bu zǝiplik silǝrgǝ nisbǝtǝn sinaⱪtǝk bolsimu, lekin silǝr meni kǝmsitmidinglar yaki qǝtkǝ ⱪaⱪmidinglar. Əksiqǝ, meni Huda ǝwǝtkǝn bir pǝrixtini, ⱨǝtta Mǝsiⱨ Əysa ɵzini kütkǝndǝk kütüwaldinglar.
ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار.
15 U qaƣdiki bǝht-bǝrikitinglar ǝmdi nǝgǝ kǝtti?! Mǝn silǝrgǝ guwaⱨqi bolup eytalaymǝnki, u qaƣda silǝr mumkin bolsa, manga kɵzliringlarni oyup berixkimu razi idinglar!
ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار!
16 Əmdiliktǝ, silǝrgǝ ⱨǝⱪiⱪǝtni sɵzligǝnlikim üqün düxmininglarƣa aylinip ⱪaldimmu?
ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟
17 [Mǝn eytip ɵtkǝn] ⱨeliⱪi adǝmlǝr silǝrgǝ ⱪizƣinliⱪ kɵrsitidu, ǝmma niyiti durus ǝmǝs; ular pǝⱪǝt silǝrni [nijatning] sirtiƣa qiⱪirip, ⱪizƣinliⱪinglarni ɵzlirigǝ ⱪaritiwalmaⱪqi.
[مەن ئېيتىپ ئۆتكەن] ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى [نىجاتنىڭ] سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى.
18 Əmma mǝn silǝr bilǝn birgǝ bolƣan waⱪitlardila ǝmǝs, bǝlki daim yahxi ixⱪa ⱪizƣinliⱪ ⱪilixning ɵzi yahxidur, ǝlwǝttǝ.
ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە.
19 Sɵyümlük balilirim! Mǝsiⱨ silǝrdǝ tɵrǝldürülgüqǝ mǝn silǝr üqün tolƣaⱪ azablirini yǝnǝ bir ⱪetim tartiwatimǝn!
سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن!
20 Mening ⱨazirla yeninglarƣa berip, silǝrgǝ baxⱪiqǝ tǝlǝppuz bilǝn sɵzligüm keliwatidu; qünki bu ǝⱨwalinglar toƣruluⱪ nemǝ ⱪilixni zadila bilmǝywatimǝn!
مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن!
21 I Tǝwrat ⱪanunining ilkidǝ yaxaxni halaydiƣanlar, silǝrdin xuni sorap baⱪay, silǝr Tǝwratning ɵzidǝ nemǝ deyilgǝnlikigǝ ⱪulaⱪ salmamsilǝr?
ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟
22 Tǝwratta, Ibraⱨimning ikki oƣli bolup, biri dedǝktin, yǝnǝ biri ⱨɵr ayalidin bolƣan, dǝp hatirilǝngǝn.
تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن.
23 Dedǝktin bolƣan oƣul «ǝt bilǝn» tuƣulƣan; ⱨɵr ayalidin bolƣan oƣul bolsa Hudaning wǝdisi arⱪiliⱪ tuƣulƣandur.
دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر.
24 Bu ikki ixni bir ohxitix degili bolidu. Bu ikki ayal [Hudaning insanlar bilǝn] tüzgǝn ikki ǝⱨdisining wǝkilidur. Birinqi ǝⱨdǝ Sinay [teƣidin] kelip, dǝrⱨǝⱪiⱪǝt balilirini ⱪulluⱪta boluxⱪa tuƣidu; mana Ⱨǝjǝr uningƣa wǝkildur;
بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال [خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن] تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي [تېغىدىن] كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛
25 demǝk, Ⱨǝjǝr bolsa Ərǝbistandiki Sinay teƣiƣa simwol ⱪilinip, yǝni bügünki Yerusalemƣa ohxitilidu; qünki u xǝⱨǝr wǝ uning baliliri ⱪulluⱪta turmaⱪta.
دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا.
26 Əmma yuⱪiridin bolƣan Yerusalem ⱨɵrdur, u ⱨǝmmimizning anisidur;
ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛
27 Qünki, [muⱪǝddǝs yazmilarda] mundaⱪ yezilƣan: — «Huxal bol, i pǝrzǝnt kɵrmigǝn tuƣmas ayal! Tǝntǝnǝ ⱪilip yangrat, towla, i tolƣaⱪ tutup baⱪimiƣan! — Qünki ƣerib ayalning baliliri eri bar ayalningkidin kɵptur!»
چۈنكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: ــ «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!»
28 Əmdi i ⱪerindaxlar, Isⱨaⱪ Hudaning wǝdisidin tuƣulƣandǝk bizmu Hudaning wǝdisi boyiqǝ tuƣulƣan pǝrzǝntlǝrmiz.
ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز.
29 Lekin u qaƣda «ǝtlǝrdin tuƣulƣan» bala «roⱨtin tuƣulƣan» baliƣa ziyankǝxlik ⱪilƣinidǝk, ⱨazir xundaⱪ bolidu.
لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ.
30 Lekin muⱪǝddǝs yazmilarda nemǝ deyilgǝn? Uningda: «Sǝn bu dedikingni oƣli bilǝn ⱪoxup ⱨǝydiwǝt! Qünki dedǝktin tapⱪan oƣul ⱨǝrgiz ⱨɵr ayalingdin bolƣan oƣul bilǝn mirasⱪa ortaⱪ bolmaydu!» dǝp pütülgǝn.
لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن.
31 Əmdi, ⱪerindaxlar, biz dedǝkning ǝmǝs, bǝlki ⱨɵr ayalning pǝrzǝntliridurmiz. Mǝsiⱨ bizni ⱨɵrlüktǝ yaxisun dǝp ⱨɵr ⱪildi. Xuning bilǝn uningda tapan tirǝp turunglar wǝ ⱪulluⱪning boyunturuⱪiƣa ⱪaytidin ⱪisilip ⱪalmanglar.
ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار.

< Galatiyaliⱪlarƣa 4 >