< Əzakiyal 44 >

1 Wǝ u meni ibadǝthanining xǝrⱪⱪǝ ⱪaraydiƣan dǝrwazisiƣa apardi; u etiklik idi.
ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ئۇ ئېتىكلىك ئىدى.
2 Pǝrwǝrdigar manga: — Bu dǝrwaza etiklik turidu; u eqilmaydu, ⱨeqkim uningdin kirmǝydu; qünki Pǝrwǝrdigar, Israilning Hudasi uningdin kirgǝn; xunga u etiklik ⱪalidu.
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ دەرۋازا ئېتىكلىك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئېچىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇنىڭدىن كىرگەن؛ شۇڭا ئۇ ئېتىكلىك قالىدۇ.
3 Pǝⱪǝt xaⱨzadǝ, xaⱨzadilik süpiti bilǝn xu dǝrwazining [karidorida] olturup Pǝrwǝrdigar aldida nan yeyixkǝ bolidu; u [dǝrwaznining] dalinidin kiridu wǝ xu yoldin qiⱪidu, — dedi.
پەقەت شاھزادە، شاھزادىلىك سۈپىتى بىلەن شۇ دەرۋازىنىڭ [كارىدورىدا] ئولتۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا نان يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇ [دەرۋازنىنىڭ] دالىنىدىن كىرىدۇ ۋە شۇ يولدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.
4 U meni ximaliy dǝrwazidin qiⱪirip ibadǝthanining aldiƣa apardi; mǝn kɵrdum, mana, Pǝrwǝrdigarning xan-xǝripi Pǝrwǝrdigarning ɵyini toldurdi; mǝn düm yiⱪildim.
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم.
5 Pǝrwǝrdigar manga xundaⱪ dedi: — Insan oƣli, Mening sanga Pǝrwǝrdigarning ɵyining barliⱪ bǝlgilimiliri ⱨǝm ⱪanunliri toƣruluⱪ eytidiƣanlirimning ⱨǝmmisini kɵngül ⱪoyup kɵzüng bilǝn kɵr, ⱪuliⱪing bilǝn angla; ibadǝthanining kirix yoli wǝ muⱪǝddǝs jayning qiⱪix yollirini kɵngül ⱪoyup esingdǝ tut.
پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى ھەم قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزۈڭ بىلەن كۆر، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا؛ ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش يولى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ چىقىش يوللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭدە تۇت.
6 Andin asiylarƣa, yǝni Israil jǝmǝtigǝ xundaⱪ degin: «Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Yirginqlik ⱪilmixliringlarƣa boldi bǝs, i Israil jǝmǝti!
ئاندىن ئاسىيلارغا، يەنى ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلارغا بولدى بەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى!
7 Silǝr barliⱪ yirginqlik ⱪilmixliringlardin sirt, Manga nan, ⱪurbanliⱪ meyi wǝ ⱪenini sunƣininglarda, silǝr yat adǝmlǝrni, ⱪǝlbidǝ hǝtnǝ ⱪilinmiƣan, tenidǝ hǝtnǝ ⱪilinmiƣanlarni mening muⱪǝddǝs jayimda, yǝni Mening ɵyümdǝ turup uni bulƣaxⱪa kirgüzdunglar; ular ǝⱨdǝmni buzdi.
سىلەر بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن سىرت، ماڭا نان، قۇربانلىق مېيى ۋە قېنىنى سۇنغىنىڭلاردا، سىلەر يات ئادەملەرنى، قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغانلارنى مېنىڭ مۇقەددەس جايىمدا، يەنى مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئۇنى بۇلغاشقا كىرگۈزدۇڭلار؛ ئۇلار ئەھدەمنى بۇزدى.
8 Silǝr Mening pak-muⱪǝddǝs nǝrsilirimgǝ mǝs’uliyǝt bilǝn sadiⱪ bolmay, bǝlki muⱪǝddǝs jayimda ɵzünglarning orniƣa mǝs’ul boluxⱪa [yat adǝmlǝrni] ixⱪa ⱪoydunglar».
سىلەر مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە مەسئۇلىيەت بىلەن سادىق بولماي، بەلكى مۇقەددەس جايىمدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىغا مەسئۇل بولۇشقا [يات ئادەملەرنى] ئىشقا قويدۇڭلار».
9 Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Israil arisida turƣan yat adǝmlǝrdin, yǝni ⱪǝlbidǝ hǝtnǝ ⱪilinmiƣan, tenidǝ hǝtnǝ ⱪilinmiƣan ⱨǝrⱪandaⱪ yat adǝmning Mening muⱪǝddǝs jayimƣa kirixigǝ bolmaydu
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئادەملەردىن، يەنى قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭ مېنىڭ مۇقەددەس جايىمغا كىرىشىگە بولمايدۇ
10 lekin Israilning Mǝndin ezip ketixi bilǝn, Mǝndin yiraⱪlixip azƣan, mǝbudliriƣa intilgǝn Lawiy jǝmǝtidikilǝr ɵz ⱪǝbiⱨlikining jazasini tartidu;
لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛
11 ⱨalbuki, ular yǝnila muⱪǝddǝs ornumda, ɵy dǝrwazilirida nazarǝtqilik ⱪilidiƣan wǝ ɵy hizmitidǝ bolidiƣan hizmǝtkarlar bolidu; ular hǝlⱪ üqün kɵydürmǝ wǝ baxⱪa ⱪurbanliⱪlarni soyidu; ular hǝlⱪning hizmitidǝ bolup ularning aldida turidu.
ھالبۇكى، ئۇلار يەنىلا مۇقەددەس ئورنۇمدا، ئۆي دەرۋازىلىرىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆي خىزمىتىدە بولىدىغان خىزمەتكارلار بولىدۇ؛ ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
12 Əmma hǝlⱪ mǝbudliriƣa qoⱪunƣanda, ular hǝlⱪning xu ixlirida, ularning hizmitidǝ bolƣanliⱪi, xuning bilǝn Israil jǝmǝtini ⱪǝbiⱨlikkǝ elip baridiƣan putlikaxang bolƣanliⱪi tüpǝylidin, xunga Mǝn ularƣa ⱪolumni kɵtürüp ⱪǝsǝm iqkǝnmǝnki, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar, — ular ⱪǝbiⱨlikining jazasini tartidu.
ئەمما خەلق مەبۇدلىرىغا چوقۇنغاندا، ئۇلار خەلقنىڭ شۇ ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتىنى قەبىھلىككە ئېلىپ بارىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇڭا مەن ئۇلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
13 Xunga ular Mǝn üqün kaⱨinliⱪ wǝzipisini ɵtǝxkǝ Mening yenimƣa yeⱪin kǝlmǝydu, yaki Mening muⱪǝddǝs nǝrsilirimgǝ, «ǝng muⱪǝddǝs» nǝrsilirimgǝ yeⱪin kǝlmǝydu; ular bǝlki ɵz hijalitini wǝ yirginqlik ⱪilmixlirining jazasini tartixi kerǝk.
شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كەلمەيدۇ، ياكى مېنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلىرىمگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئۆز خىجالىتىنى ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك.
14 Biraⱪ Mǝn ularni ɵyning ɵzining mulazimitigǝ, uning barliⱪ hizmitigǝ wǝ uningda ⱪilinidiƣan barliⱪ ixlarƣa mǝs’ul ⱪilimǝn.
بىراق مەن ئۇلارنى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمىتىگە ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن.
15 Biraⱪ Israil Mǝndin ezip kǝtkǝndǝ, Ɵz muⱪǝddǝs jayimƣa ⱪaraxⱪa sadiⱪ kaⱨinlar, yǝni Lawiylar bolƣan Zadokning ǝwladilir — ular hizmitimdǝ boluxⱪa yenimƣa yeⱪin kelidu; ular ⱪurbanliⱪilarning meyini wǝ ⱪenini sunuxⱪa Mening aldimda turidu, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
بىراق ئىسرائىل مەندىن ئېزىپ كەتكەندە، ئۆز مۇقەددەس جايىمغا قاراشقا سادىق كاھىنلار، يەنى لاۋىيلار بولغان زادوكنىڭ ئەۋلادىلىر ــ ئۇلار خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار قۇربانلىقىلارنىڭ مېيىنى ۋە قېنىنى سۇنۇشقا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16 Ular muⱪǝddǝs jayimƣa kiridu, Mening hizmitimdǝ boluxⱪa dastihinimƣa yeⱪin kelidu; ular Mening tapxuruⱪumƣa mǝs’ul bolidu.
ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ.
17 Wǝ xundaⱪ boliduki, ular iqki ⱨoyla dǝrwaziliridin kirgǝndǝ, kanap kiyimni kiyixi kerǝk; iqki ⱨoyla dǝrwazilirida yaki muⱪǝddǝshana aldida hizmǝttǝ bolƣanda, ularda ⱨǝrⱪandaⱪ yungdin bolƣan nǝrsǝ bolmaydu;
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدىن كىرگەندە، كاناپ كىيىمنى كىيىشى كېرەك؛ ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدا ياكى مۇقەددەسخانا ئالدىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇلاردا ھەرقانداق يۇڭدىن بولغان نەرسە بولمايدۇ؛
18 bexiƣa kanaptin tikilgǝn sǝllǝ, belining tɵwinigǝ kanaptin tambal kiyidu; ular adǝmni tǝrlitidiƣan ⱨeqⱪandaⱪ nǝrsini kiymǝsliki kerǝk.
بېشىغا كاناپتىن تىكىلگەن سەللە، بېلىنىڭ تۆۋىنىگە كاناپتىن تامبال كىيىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك.
19 Ular hǝlⱪning aldiƣa sirtⱪi ⱨoyliƣa qiⱪⱪanda, ular hizmǝt kiyimlirini seliwetip, ularni muⱪǝddǝs «kiqik hanilar»ƣa ⱪoyup ⱪoyidu; ular hǝlⱪning bu kiyimlirining pak-muⱪǝddǝslikigǝ tegip ketip ziyanƣa uqrimasliⱪi üqün baxⱪa kiyimlǝrni kiyixi kerǝk.
ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىغا سىرتقى ھويلىغا چىققاندا، ئۇلار خىزمەت كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا قويۇپ قويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك.
20 Ular qaqlirini qüxürüwǝtmǝsliki, yaki qaqlirini uzun ⱪoyuwǝtmǝsliki lazim; ular pǝⱪǝt ⱪisⱪa qaq ⱪoyuxi kerǝk.
ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى، ياكى چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەسلىكى لازىم؛ ئۇلار پەقەت قىسقا چاچ قويۇشى كېرەك.
21 Iqki ⱨoyliƣa kirgǝndǝ ⱨeqⱪaysi kaⱨin xarab iqmǝsliki kerǝk.
ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك.
22 Ular tul yaki ajraxⱪan ayalni ɵz ǝmrigǝ almasliⱪi kerǝk; ular Israil nǝslidin bolƣan pak ⱪizni, yaki kaⱨindin tul ⱪalƣan ayalni elixⱪa bolidu.
ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ.
23 Ular hǝlⱪimgǝ pak-muⱪǝddǝs bilǝn addiyning pǝrⱪini ɵgitidu, ularƣa ⱨalal bilǝn ⱨaramni ⱪandaⱪ pǝrⱪ etixni kɵrsitidu.
ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
24 Ərz-dǝwalarda ular ⱨɵküm qiⱪirix ornida bolidu; ular bularning üstigǝ ɵz ⱨɵkümlirim boyiqǝ ⱨɵküm qiⱪiridu; Mǝn bekitkǝn barliⱪ ⱨeyt-bayramlirim toƣrisidiki ⱪanun-bǝlgilimilirimni tutidu; ular Mening «xabat kün»lirimni pak-muⱪǝddǝs dǝp ǝtiwarlixi kerǝk.
ئەرز-دەۋالاردا ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا بولىدۇ؛ ئۇلار بۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈملىرىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مەن بېكىتكەن بارلىق ھېيت-بايراملىرىم توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلىشى كېرەك.
25 Ɵzini napak ⱪilmasliⱪi üqün ular ɵlükning yeniƣa ⱨeq barmasliⱪi kerǝk; ⱨalbuki, ɵlgǝn atisi, anisi, oƣli, ⱪizi, aka-ukisi yaki eri yoⱪ aqa-singlisi üqün ular ɵzini napak ⱪilixⱪa bolidu.
ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ھېچ بارماسلىقى كېرەك؛ ھالبۇكى، ئۆلگەن ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئېرى يوق ئاچا-سىڭلىسى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا بولىدۇ.
26 Ɵzini paklandurƣandin keyin, uningƣa yǝnǝ yǝttǝ kün sanilixi kerǝk;
ئۆزىنى پاكلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە كۈن سانىلىشى كېرەك؛
27 u muⱪǝddǝs jayƣa kirgǝndǝ, yǝni muⱪǝddǝs jayda hizmǝttǝ boluxⱪa iqki ⱨoyliƣa kirgǝn xu künidǝ, u ɵzi üqün gunaⱨ ⱪurbanliⱪini sunuxi kerǝk, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
28 Bu ularƣa miras bolidu: — Mǝn Ɵzüm ularƣa miras bolimǝn; silǝr ularƣa Israil zeminidin ⱨeqⱪandaⱪ igilikni tǝⱪsim ⱪilmaysilǝr; Mǝn ularning igiliki bolimǝn.
بۇ ئۇلارغا مىراس بولىدۇ: ــ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا مىراس بولىمەن؛ سىلەر ئۇلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق ئىگىلىكنى تەقسىم قىلمايسىلەر؛ مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىمەن.
29 Ular axliⱪ ⱨǝdiyǝ, gunaⱨ ⱪurbanliⱪi wǝ itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪliridin yǝydu; Israilda mǝhsus Hudaƣa atalƣan ⱨǝrⱪandaⱪ nǝrsǝ ularningki bolidu.
ئۇلار ئاشلىق ھەدىيە، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن يەيدۇ؛ ئىسرائىلدا مەخسۇس خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭكى بولىدۇ.
30 Tunji qiⱪⱪan ⱨǝrⱪandaⱪ mǝⱨsulatlarning esili, barliⱪ wǝ ⱨǝrⱪandaⱪ «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ»lǝr kaⱨinlar üqün bolidu. Silǝr [arpa-buƣdiyinglarning] ⱨosulining tunji hemirini kaⱨinƣa tǝⱪdim ⱪilixinglar kerǝk; xuning bilǝn bǝht-bǝrikǝt ɵyünglǝrgǝ ata ⱪilinidu.
تۇنجى چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىلى، بارلىق ۋە ھەرقانداق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. سىلەر [ئارپا-بۇغدىيىڭلارنىڭ] ھوسۇلىنىڭ تۇنجى خېمىرىنى كاھىنغا تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بەخت-بەرىكەت ئۆيۈڭلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.
31 Kaⱨinlar ɵzlügidin ɵlgǝn, yaki yirtⱪuqlar boƣup ⱪoyƣan ⱨeqⱪandaⱪ ⱨaywan yaki uqar-ⱪanatlardin yeyixkǝ bolmaydu.
كاھىنلار ئۆزلۈگىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھېچقانداق ھايۋان ياكى ئۇچار-قاناتلاردىن يېيىشكە بولمايدۇ.

< Əzakiyal 44 >