< Əzakiyal 41 >

1 U meni [muⱪǝddǝshanidiki] muⱪǝddǝs jayning aldiƣa apardi; u jayning kirix eƣizining ikki tǝripidiki yan tamni ɵlqidi, ⱨǝr ikkisining ⱪelinliⱪi altǝ gǝz qiⱪti.
ئۇ مېنى [مۇقەددەسخانىدىكى] مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى.
2 Kirix eƣizining kǝngliki bolsa on gǝz idi; muⱪǝddǝs jayning kirix eƣizidiki toƣra tamning iqki tǝripining kǝnglikini ɵlqidi, ⱨǝr ikkisi bǝx gǝz qiⱪti; u muⱪǝddǝs jayning uzunluⱪini ɵlqidi, ⱪiriⱪ gǝz qiⱪti; uning kǝngliki yigirmǝ gǝz qiⱪti.
كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى.
3 U iqkirigǝ ⱪarap mangdi, ǝng muⱪǝddǝs jayƣa kirix eƣizidiki toƣra tamning kǝngliki ikki gǝz; eƣizining kǝngliki altǝ gǝz idi; [ikki tǝrǝptiki] toƣra tamning uzunluⱪi bolsa, yǝttǝ gǝz idi.
ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ [ئىككى تەرەپتىكى] توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى.
4 U muⱪǝddǝs jayning kǝynidiki «ǝng muⱪǝddǝs jay»ning uzunluⱪini ɵlqidi, yigirmǝ gǝz qiⱪti; kǝnglikimu yigirmǝ gǝz idi. U manga: «Bu ǝng muⱪǝddǝs jay» — dedi.
ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى.
5 U muⱪǝddǝshanining temini ɵlqidi, ⱪelinliⱪi altǝ gǝz qiⱪti; yandiki kiqik hanilarning bolsa, kǝngliki tɵt gǝz idi; kiqik hanilar muⱪǝddǝshanini qɵridǝp selinƣanidi.
ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى.
6 Yenidiki kiqik hanilar üq ⱪǝwǝtlik, bir-birigǝ üstilǝklik idi, ⱨǝr ⱪǝwǝttǝ ottuzdin hana bar idi; kiqik hanilarning limliri muⱪǝddǝshanining temiƣa qiⱪip ⱪalmasliⱪi üqün, limlar kiqik hanilarning sirtⱪi temiƣa bekitilgǝnidi.
يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى.
7 Yuⱪiriliƣanseri muⱪǝddǝshanining ǝtrapidiki kiqik hanilar kengiyip barƣanidi; qünki muⱪǝddǝshanining ǝtrapida ⱪurulux bolƣanliⱪtin bina egizligǝnseri hanilar kengǝygǝn. Xu sǝwǝbtin muⱪǝddǝshanimu egizligǝnseri kengǝygǝn. Tɵwǝndiki ⱪǝwǝttin yuⱪiridiki ⱪǝwǝtkiqǝ otturidiki ⱪǝwǝt arⱪiliⱪ qiⱪidiƣan pǝlǝmpǝy bar idi.
يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى.
8 Mǝn muⱪǝddǝshanining egiz ulluⱪ supisi barliⱪini kɵrdum; u ⱨǝm yenidiki kiqik hanilarning uli idi; uning egizliki toptoƣra bir «hada» idi, yǝni altǝ «qong gǝz» idi.
مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى.
9 Yenidiki hanilarning sirtⱪi temining ⱪelinliⱪi bǝx gǝz idi. Muⱪǝddǝshanining yenidiki kiqik hanilar bilǝn [kaⱨinlarning] ⱨujriliri ariliⱪidiki box yǝrning kǝngliki yigirmǝ gǝz idi; bu box yǝr muⱪǝddǝshanining ⱨǝmmǝ tǝripidǝ bar idi.
يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن [كاھىنلارنىڭ] ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى.
11 Yenidiki kiqik hanilarƣa kirix eƣizi bolsa box yǝrgǝ ⱪaraytti; bir kirix eƣizi ximalƣa, yǝnǝ biri jǝnubⱪa ⱪaraytti. Supa üstidiki hanilarni qɵridigǝn box yǝrning kǝngliki bǝx gǝz idi.
يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى.
12 Ƣǝrbkǝ jaylaxⱪan, box yǝrgǝ ⱪaraydiƣan binaning uzunluⱪi yǝtmix gǝz idi; binaning sirtⱪi temining ⱪelinliⱪi bǝx gǝz; uning kǝngliki toⱪsan gǝz idi.
غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى.
13 Ⱨeliⱪi kixi muⱪǝddǝshanining ɵzini ɵlqidi; uning uzunluⱪi yüz gǝz idi. Box yǝrning kǝngliki [yüz gǝz idi], binaning tamliri ⱪoxulup jǝmiy kǝngliki yüz gǝz idi.
ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى [يۈز گەز ئىدى]، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى.
14 Muⱪǝddǝshanining aldi tǝripi wǝ xǝrⱪⱪǝ jaylaxⱪan ⱨoylisining kǝngliki yüz gǝz idi.
مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى.
15 U [muⱪǝddǝshanining] kǝynidiki box yǝrgǝ ⱪaraydiƣan binaning kǝnglikini, jümlidin u wǝ bu tǝripidiki karidorni ɵlqidi, yüz gǝz qiⱪti. Muⱪǝddǝshanining «muⱪǝddǝs jay»i bilǝn iqki «ǝng muⱪǝddǝs jay»i wǝ sirtⱪa ⱪaraydiƣan dalini bolsa, yaƣaq tahtaylar bilǝn bezǝlgǝn; uning bosuƣiliri, iqidiki üq jayning ǝtrapidiki rojǝkliri ⱨǝm dǝⱨlizliri bolsa, bosuƣisidin tartip ⱨǝmmǝ yǝr, poldin derizilǝrgiqǝ yaƣaq tahtaylar bilǝn bezǝlgǝn (derizilǝr ɵzi rojǝklik idi).
ئۇ [مۇقەددەسخانىنىڭ] كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى).
17 Dalandin iqki «ǝng muⱪǝddǝs jay»ƣiqǝ bolƣan torus, iqki wǝ sirtⱪi «muⱪǝddǝs jay»ning tamlirining ⱨǝmmǝ yeri kerub wǝ palma dǝrǝhliri bilǝn ɵlqǝmlik nǝⱪixlǝngǝnidi. Ⱨǝr ikki kerub arisida bir palma dǝrihi nǝⱪixlǝngǝnidi; ⱨǝrbir kerubning ikki yüzi bar idi.
دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى.
19 Kerubning insan yüzi bu tǝrǝptiki palma dǝrihi nǝⱪixigǝ ⱪaraytti; xir yüzi u tǝrǝptiki palma dǝrihi nǝⱪixigǝ ⱪaraytti; pütkül muⱪǝddǝshanining [iqki] ⱨǝmmǝ tǝripi xundaⱪ idi;
كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ [ئىچكى] ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛
20 dalanning poldin tartip torusiƣiqǝ, xuningdǝk «muⱪǝddǝs jay»ning tamliriƣa kerublar wǝ palma dǝrǝhliri nǝⱪix ⱪilinƣan.
دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان.
21 «Muⱪǝddǝs jay»ning ixik kexǝkliri bolsa, tɵt qasiliⱪ idi; «ǝng muⱪǝddǝs jay» aldidiki ixik kexǝklirimu ohxax idi.
«مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى.
22 «[Muⱪǝddǝs jay]»[ning] egizliki üq gǝz, uzunluⱪi ikki gǝz bolƣan ⱪurbangaⱨi yaƣaqtin yasalƣan; uning burjǝkliri, yüzi wǝ tamlirining ⱨǝmmisi yaƣaqtin yasalƣan; ⱨeliⱪi kixi manga: «Bu bolsa Pǝrwǝrdigarning aldida turidiƣan xirǝdur» — dedi.
«[مۇقەددەس جاي]»[نىڭ] ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى.
23 [Muⱪǝddǝshanining] «muⱪǝddǝs jay» ⱨǝm «ǝng muⱪǝddǝs jay»ining ⱨǝrbirining ⱪox ⱪanatliⱪ ixiki bar idi.
[مۇقەددەسخانىنىڭ] «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى.
24 Ⱨǝrbir ⱪanitining ikki ⱪatlimi bar idi; bu ikki ⱪatlam ⱪatlinatti; bu tǝrǝptiki ⱪanitining ikki ⱪatlimi bar idi; u tǝrǝptikisiningmu ikki ⱪatlimi bar idi.
ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى.
25 Ularning üstigǝ, yǝni «muⱪǝddǝs jay»ning ixikliri üstigǝ, tamlarning üstini nǝⱪixligǝndǝk, kerublar wǝ palma dǝrǝhliri nǝⱪixlǝngǝnidi; sirtⱪi dalanning aldida yaƣaqtin yasalƣan bir aywan bar idi.
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى.
26 Dalanning u wǝ bu tǝripidǝ rojǝklǝr wǝ palma dǝrǝh nǝⱪixliri bar idi. Muⱪǝddǝshanining yenidiki kiqik hanilar wǝ aldidiki aywanning xǝklimu xundaⱪ idi.
دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى.

< Əzakiyal 41 >