< Əzakiyal 23 >

1 Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip xundaⱪ deyildi: —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 I insan oƣli, bir anidin tuƣulƣan ikki ayal bar ikǝn;
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئايال بار ئىكەن؛
3 ular Misir zeminidǝ paⱨixilik ⱪilƣan; ular yaxliⱪta paⱨixilik ⱪilƣan; xu yǝrdǝ ularning kɵksiliri mijiⱪlinip, ⱪizliⱪ ǝmqǝk topqiliri silanƣan.
ئۇلار مىسىر زېمىنىدە پاھىشىلىك قىلغان؛ ئۇلار ياشلىقتا پاھىشىلىك قىلغان؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆكسىلىرى مىجىقلىنىپ، قىزلىق ئەمچەك توپچىلىرى سىلانغان.
4 Ularning isimliri bolsa, qongining Oⱨolaⱨ, kiqikining Oⱨolibaⱨ idi; ular Meningki idi; ular oƣul-ⱪizlarni tuƣⱪan. Samariyǝ bolsa Oⱨolaⱨ, Yerusalem Oⱨolibaⱨdur.
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلارنى تۇغقان. سامارىيە بولسا ئوھولاھ، يېرۇسالېم ئوھولىباھدۇر.
5 Oⱨolaⱨ Meningki bolƣan tǝⱪdirdimu yǝnǝ buzuⱪluⱪ ⱪilƣan — u axiⱪliriƣa, yǝni ⱪoxniliri bolƣan Asuriylǝrgǝ pǝs arzu-ⱨǝwǝslǝrdǝ bolƣan;
ئوھولاھ مېنىڭكى بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بۇزۇقلۇق قىلغان ــ ئۇ ئاشىقلىرىغا، يەنى قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولغان؛
6 kɵk kiyim kiygǝn, ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr, atⱪa mingǝn qǝwǝndazlar idi.
كۆك كىيىم كىيگەن، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار ئىدى.
7 U ɵz buzuⱪluⱪini ularning üstigǝ beƣixliƣan; ularning ⱨǝmmisi Asuriyǝning esilzadiliri idi; ɵz arzu-ⱨǝwǝslirini barliⱪ ⱪozƣatⱪanlar bilǝn wǝ ularning barliⱪ mǝbudliri bilǝn u ɵzini bulƣiƣan.
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى؛ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بارلىق قوزغاتقانلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مەبۇدلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى بۇلغىغان.
8 U yǝnila Misirda bolƣan paⱨixilikliridin waz kǝqmidi; qünki uning yaxliⱪida axu yǝrdikilǝr uning bilǝn billǝ yatti, ⱪizliⱪ kɵksilirini silap, ɵz buzuⱪluⱪlirini uning üstigǝ tɵkti.
ئۇ يەنىلا مىسىردا بولغان پاھىشىلىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئاشۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، قىزلىق كۆكسىلىرىنى سىلاپ، ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتى.
9 Xunga Mǝn uni ɵz axnilirining, yǝni uning arzu-ⱨǝwǝslirini ⱪozƣatⱪan Asuriylǝrning ⱪoliƣa tapxurdum;
شۇڭا مەن ئۇنى ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ، يەنى ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغاتقان ئاسۇرىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛
10 ular uning nomusini axkarilap, uning oƣul-ⱪizlirini elip ketip, uni ⱪiliqlap ɵltürüwǝtti; u ayallar arisida [yaman] ataⱪⱪa ⱪaldi; uning üstigǝ ⱨɵküm qiⱪirilip jazalandi.
ئۇلار ئۇنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇ ئاياللار ئارىسىدا [يامان] ئاتاققا قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ جازالاندى.
11 Uning singlisi Oⱨolibaⱨ buni kɵrüp turupmu, arzu-ⱨǝwǝsliridǝ ⱨǝdisidin tehimu buzuⱪ, paⱨixilikliri ⱨǝdisiningkidin kɵp bolup kǝtti.
ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىباھ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدە ھەدىسىدىن تېخىمۇ بۇزۇق، پاھىشىلىكلىرى ھەدىسىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى.
12 U ɵz ⱪoxniliri bolƣan Asuriylǝrgǝ pǝs arzu-ⱨǝwǝslǝrni ⱪozƣatⱪan; ular ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, ⱨǝxǝmǝtlik sawut, formilarni kiygǝn, atⱪa mingǝn qǝwǝndazlar, ularning ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr idi.
ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى.
13 Mǝn uning bulƣinip kǝtkǝnlikini kɵrdum; ular ikkilisi bir yolluⱪ idi.
مەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم؛ ئۇلار ئىككىلىسى بىر يوللۇق ئىدى.
14 U uning paⱨixiliklirini axurdi; qünki u tamda pǝrǝng bilǝn sürǝtlǝngǝn adǝmlǝrni, yǝni Kaldiylǝrning rǝsimlirini kɵrdi;
ئۇ ئۇنىڭ پاھىشىلىكلىرىنى ئاشۇردى؛ چۈنكى ئۇ تامدا پەرەڭ بىلەن سۈرەتلەنگەن ئادەملەرنى، يەنى كالدىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى؛
15 ularning bǝlliri potilar bilǝn oralƣan, bexiƣa ⱪuyruⱪluⱪ sǝllilǝr kiyilgǝn; ularning ⱨǝmmisi lǝxkǝr bexidǝk, yǝni tuƣulƣan yurti Kaldiyǝdiki Babilliⱪlarning ⱪiyapitidǝ idi.
ئۇلارنىڭ بەللىرى پوتىلار بىلەن ئورالغان، بېشىغا قۇيرۇقلۇق سەللىلەر كىيىلگەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەشكەر بېشىدەك، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى كالدىيەدىكى بابىللىقلارنىڭ قىياپىتىدە ئىدى.
16 U xuan ularƣa ⱪarap ularning xǝⱨwaniy ⱨǝwsini ⱪozƣiƣan, xuning bilǝn ularni izdǝp Kaldiyǝgǝ ǝlqilǝrni ǝwǝtkǝn.
ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن.
17 Xuning bilǝn Babilliⱪlar uningƣa, yǝni uning axniliⱪ orun-kɵrpilirigǝ yeⱪin kelip, uni ɵz zinaliri bilǝn bulƣiƣan; u ɵzini ular bilǝn billǝ bulƣiƣandin keyin ulardin bizar boldi.
شۇنىڭ بىلەن بابىللىقلار ئۇنىڭغا، يەنى ئۇنىڭ ئاشنىلىق ئورۇن-كۆرپىلىرىگە يېقىن كېلىپ، ئۇنى ئۆز زىنالىرى بىلەن بۇلغىغان؛ ئۇ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىزار بولدى.
18 U ɵz buzuⱪluⱪlirini oquⱪ ⱪilip, nomusini axkarilixi bilǝn, jenim ⱨǝdisidin yirgǝngǝndǝk uningdinmu yirgǝndi.
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئوچۇق قىلىپ، نومۇسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن، جېنىم ھەدىسىدىن يىرگەنگەندەك ئۇنىڭدىنمۇ يىرگەندى.
19 Biraⱪ u yǝnǝ ɵzining yaxliⱪ künlirini, yǝni Misir zeminida buzuⱪluⱪ paⱨixilik ⱪilƣan künlirini esigǝ kǝltürüp ɵz buzuⱪluⱪlirini tehimu kɵpǝytti.
بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىنى، يەنى مىسىر زېمىنىدا بۇزۇقلۇق پاھىشىلىك قىلغان كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى.
20 Uning ǝrliki exǝk mǝdǝkliridǝk, mǝniysi atlarningkidǝk bolƣan Babilning paⱨixiwaz ǝrkǝklirigǝ ⱪarap ⱨǝwǝsliri ⱪozƣaldi.
ئۇنىڭ ئەرلىكى ئېشەك مەدەكلىرىدەك، مەنىيسى ئاتلارنىڭكىدەك بولغان بابىلنىڭ پاھىشىۋاز ئەركەكلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىرى قوزغالدى.
21 Sǝn yaxliⱪingdiki buzuⱪluⱪliringƣa, yǝni yaxliⱪingda Misirliⱪlarning ǝmqǝkliringni siliƣiniƣa yǝnǝ tǝxna bolup tǝlmürdung.
سەن ياشلىقىڭدىكى بۇزۇقلۇقلىرىڭغا، يەنى ياشلىقىڭدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەمچەكلىرىڭنى سىلىغىنىغا يەنە تەشنا بولۇپ تەلمۈردۇڭ.
22 Xunga, i Oⱨolibaⱨ, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar — Mana, Mǝn jening ⱨazir bizar bolƣan axniliringni ɵzünggǝ ⱪarxi ⱪozƣitimǝn, ularni sǝn bilǝn ⱪarxilixixⱪa ⱨǝmmǝ tǝripingdin elip kelimǝn;
شۇڭا، ئى ئوھولىباھ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مانا، مەن جېنىڭ ھازىر بىزار بولغان ئاشنىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارشى قوزغىتىمەن، ئۇلارنى سەن بىلەن قارشىلىشىشقا ھەممە تەرىپىڭدىن ئېلىپ كېلىمەن؛
23 Babilliⱪlar, barliⱪ Kaldiylǝr, Pekodlar, Xoalar, Koallar ⱨǝmdǝ Asuriylǝrning ⱨǝmmisini ular bilǝn tǝng ⱪozƣaymǝn; ularning ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr, ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, uluƣ bǝglǝr wǝ janablar, ⱨǝmmisi atⱪa mingǝn qǝwǝndazlardur;
بابىللىقلار، بارلىق كالدىيلەر، پېكودلار، شوئالار، كوئاللار ھەمدە ئاسۇرىيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قوزغايمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ئۇلۇغ بەگلەر ۋە جانابلار، ھەممىسى ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلاردۇر؛
24 ular ⱪoral-yaraⱪlar, jǝng ⱨarwiliri, yük ⱨarwiliri ⱨǝm zor bir top hǝlⱪlǝr bilǝn sanga ⱪarxi qiⱪidu; ular ɵzlirini ⱨǝmmǝ tǝripingdǝ sipar-ⱪalⱪanlar wǝ dubulƣalarni kiyip sanga ⱪarxi sǝpras bolidu; bexingƣa qüxidiƣan tegixlik jazani ularƣa tapxurimǝn, ular ɵz ⱨɵkümliri boyiqǝ jazalaydu.
ئۇلار قورال-ياراقلار، جەڭ ھارۋىلىرى، يۈك ھارۋىلىرى ھەم زور بىر توپ خەلقلەر بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرىپىڭدە سىپار-قالقانلار ۋە دۇبۇلغالارنى كىيىپ ساڭا قارشى سەپراس بولىدۇ؛ بېشىڭغا چۈشىدىغان تېگىشلىك جازانى ئۇلارغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە جازالايدۇ.
25 Mǝn muⱪǝddǝslikimdin qiⱪⱪan ƣǝzǝpni sanga ⱪaritimǝn; xuning bilǝn ular ⱪǝⱨr bilǝn seni bir tǝrǝp ⱪilidu. Ular sening burnung wǝ ⱪulaⱪliringni kesiwetidu; sǝndin ahirⱪi ⱪalƣanlar ⱪiliqlinidu; ular oƣul-ⱪizliringni elip ketidu, sǝndin yǝnila ⱪalƣanlar otta yutuwetilidu.
مەن مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپنى ساڭا قارىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھر بىلەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار سېنىڭ بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋېتىدۇ؛ سەندىن ئاخىرقى قالغانلار قىلىچلىنىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ، سەندىن يەنىلا قالغانلار ئوتتا يۇتۇۋېتىلىدۇ.
26 Ular sǝndin kiyim-keqǝkliringni eliwelip, güzǝl zibu-zinnǝtliringni bulaydu.
ئۇلار سەندىن كىيىم-كېچەكلىرىڭنى ئېلىۋېلىپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ.
27 Xuning bilǝn Mǝn sǝndǝ Misir zeminida baxlanƣan buzuⱪluⱪliringni wǝ paⱨixilikliringni tohtitimǝn; sǝn bu ixlarƣa yǝnǝ tǝlmürmǝysǝn, Misirni ⱪayta ǝslimǝysǝn.
شۇنىڭ بىلەن مەن سەندە مىسىر زېمىنىدا باشلانغان بۇزۇقلۇقلىرىڭنى ۋە پاھىشىلىكلىرىڭنى توختىتىمەن؛ سەن بۇ ئىشلارغا يەنە تەلمۈرمەيسەن، مىسىرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.
28 — Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn seni ɵzüng nǝprǝtlǝngǝnlǝrning ⱪoliƣa, yǝni jening yirgǝngǝnlǝrning ⱪoliƣa tapxurimǝn;
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭ نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قولىغا، يەنى جېنىڭ يىرگەنگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛
29 ular seni ɵqmǝnlik bilǝn bir tǝrǝp ⱪilip, barliⱪ ǝjirliringni elip ketip, seni tuƣma-yalingaq ⱪaldurup, paⱨixilikliringning nomusini axkarilaydu. Sǝn ǝllǝr bilǝn paⱨixilik ⱪilƣanliⱪing, ularning mǝbudliri bilǝn ɵzüngni bulƣiƣanliⱪing tüpǝylidin, sening buzuⱪluⱪliring ⱨǝm paⱨixilikliring bularni bexingƣa qüxürdi.
ئۇلار سېنى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ئەجىرلىرىڭنى ئېلىپ كېتىپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرۇپ، پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. سەن ئەللەر بىلەن پاھىشىلىك قىلغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭ بۇلارنى بېشىڭغا چۈشۈردى.
31 Ⱨǝdǝngning yolida ɵzüng mangƣansǝn; xunga Mǝn uningdiki ⱪǝdǝⱨni sening ⱪolungƣimu tutⱪuzdum.
ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم.
32 — Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Ⱨǝdǝngning ⱪǝdǝⱨini, qongⱪur wǝ qong bir ⱪǝdǝⱨni sǝnmu iqisǝn; sǝn rǝswa bolup mazaⱪ ⱪilinisǝn, qünki uning ⱨǝjimi qongdur;
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛
33 sǝn dǝⱨxǝtlik wǝ ⱨalakǝt ⱪǝdǝⱨi, yǝni ⱨǝdǝng Samariyǝning ⱪǝdǝⱨi bilǝn mǝstlik ⱨǝm dǝrd-ǝlǝmgǝ toldurulisǝn;
سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛
34 sǝn uni iqiwetip yǝnǝ yalaysǝn, ⱨǝtta uning parqilirinimu ƣajilaysǝn, andin kɵksiliringnimu yulup taxlaysǝn; qünki Mǝn xundaⱪ sɵz ⱪildim, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
35 Xuning üqün Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Qünki sǝn Meni untup arⱪangƣa taxliwǝtkǝnliking üqün, xunga ɵz buzuⱪluⱪung ⱨǝm paⱨixilikliringning jazasini kɵtürisǝn.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن.
36 Wǝ Pǝrwǝrdigar manga mundaⱪ dedi: — I insan oƣli, sǝn Oⱨolaⱨ wǝ Oⱨolibamaⱨ üstigǝ ⱨɵküm qiⱪiramsǝn? Əmdi ularƣa ɵz yirginqlik ⱪilmixlirini ayan ⱪilip kɵrsǝtkin.
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئەمدى ئۇلارغا ئۆز يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ كۆرسەتكىن.
37 Qünki ular buzuⱪluⱪ ⱪildi; ⱪolliri ⱪan boldi; ular ɵz butliri bilǝn buzuⱪluⱪ ⱪilip, uning üstigǝ Manga tuƣⱪan ɵz balilirini ularning ozuⱪi süpitidǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilip ɵtküzüp beƣixlidi.
چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى.
38 Uning üstigǝ ular Manga xundaⱪ ix ⱪilƣanki, ohxax bir kündǝ ular Mening muⱪǝddǝs jayimni bulƣap, «xabat kün»lirimni buzƣan.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان.
39 Qünki ular ɵz balilirimni butliriƣa soyƣan qaƣda, ular ohxax bir kündǝ muⱪǝddǝs jayimni bulƣaxⱪa kirdi; mana, ular Mening ɵyüm otturisida xundaⱪ ⱪilƣan.
چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان.
40 Uning üstigǝ adǝmlǝrni yiraⱪtin qaⱪirdi, ularni elip kelixkǝ ǝlqi ǝwǝtti; mana, ular kǝldi; sǝn ularni dǝp yuyunup, kɵz-ⱪaxliringƣa osma ⱪoyup, ɵzüngni zibu-zinnǝtlǝr bilǝn pǝrdazliding;
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنى يىراقتىن چاقىردى، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتتى؛ مانا، ئۇلار كەلدى؛ سەن ئۇلارنى دەپ يۇيۇنۇپ، كۆز-قاشلىرىڭغا ئوسما قويۇپ، ئۆزۈڭنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىڭ؛
41 ⱨǝxǝmǝtlik bir diwanda olturdung, uning aldiƣa üstigǝ Mening huxbuyum ⱨǝm zǝytun meyim ⱪoyulƣan dastihanni ⱪoydung;
ھەشەمەتلىك بىر دىۋاندا ئولتۇردۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈستىگە مېنىڭ خۇشبۇيۇم ھەم زەيتۇن مېيىم قويۇلغان داستىخاننى قويدۇڭ؛
42 ƣǝmsiz yürgǝn bir top kixilǝrning awazi uningda anglandi; qüprǝndǝ adǝmlǝr bilǝn billǝ qɵl-bayawandin Sebaiylarmu elip kelindi; ular [ⱨǝdǝ-singilning] ⱪolliriƣa bilǝzüklǝr, bexiƣa qirayliⱪ tajlarni saldi.
غەمسىز يۈرگەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭدا ئاڭلاندى؛ چۈپرەندە ئادەملەر بىلەن بىللە چۆل-باياۋاندىن سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇلار [ھەدە-سىڭىلنىڭ] قوللىرىغا بىلەزۈكلەر، بېشىغا چىرايلىق تاجلارنى سالدى.
43 Əmdi Mǝn zina-buzuⱪluⱪlar bilǝn uprap ⱪeriƣan paⱨixǝ toƣruluⱪ: «Ular ǝmdi uning bilǝn buzuⱪluⱪ ⱪiliwǝrsun; qünki u ⱨǝⱪiⱪǝtǝn [paⱨixǝ]» — dedim.
ئەمدى مەن زىنا-بۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇپراپ قېرىغان پاھىشە توغرۇلۇق: «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن [پاھىشە]» ــ دېدىم.
44 — Xuning bilǝn ular paⱨixǝ ayalƣa yeⱪinlaxⱪandǝk uningƣa yeⱪin berip billǝ yatti; ular xundaⱪ ⱪilip Oⱨolaⱨ wǝ Oⱨolibamaⱨ bu ikki buzuⱪ ayalƣa yeⱪinlixip billǝ yatti.
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاھىشە ئايالغا يېقىنلاشقاندەك ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ بىللە ياتتى؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ بۇ ئىككى بۇزۇق ئايالغا يېقىنلىشىپ بىللە ياتتى.
45 Biraⱪ ⱨǝⱪⱪaniy adǝmlǝr ularni zinahor ayallarni wǝ ⱪan tɵkküqi ayallarni jazaliƣanƣa ohxax, ularning üstigǝ ⱨɵküm qiⱪirip jazalaydu; qünki ular zinahor ayallar, ularning ⱪolliri ⱪandur.
بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ۋە قان تۆككۈچى ئاياللارنى جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار زىناخور ئاياللار، ئۇلارنىڭ قوللىرى قاندۇر.
46 Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Bir top adǝmlǝrni ularƣa ⱪarxi qiⱪirip elip kelimǝn, ularni ⱨǝryanƣa ⱨǝydiwetixkǝ wǝ bulangqiliⱪ ⱪilixⱪa tapxurimǝn.
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىر توپ ئادەملەرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىپ ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلارنى ھەريانغا ھەيدىۋېتىشكە ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا تاپشۇرىمەن.
47 Bu top kixilǝr ularni taxlar bilǝn qalma-kesǝk ⱪilip, ⱪiliqliri bilǝn qepip soyidu; ular ularning oƣul-ⱪizlirini ɵltüridu, ɵylirini ot bilǝn kɵydüriwetidu.
بۇ توپ كىشىلەر ئۇلارنى تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ، قىلىچلىرى بىلەن چېپىپ سويىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆيلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
48 Xuning bilǝn Mǝn zemindǝ buzuⱪluⱪⱪa hatimǝ berimǝn; xuning bilǝn barliⱪ ayallar silǝrdin sawaⱪ elip silǝrning buzuⱪluⱪliringni dorimaydu.
شۇنىڭ بىلەن مەن زېمىندە بۇزۇقلۇققا خاتىمە بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاياللار سىلەردىن ساۋاق ئېلىپ سىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭنى دورىمايدۇ.
49 Ular buzuⱪluⱪungni ɵz bexingƣa ⱪayturup qüxüridu, wǝ silǝr mǝbudliringlarƣa qetixliⱪ bolƣan gunaⱨlarni kɵtürisilǝr; silǝr Mening Rǝb Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetisilǝr.
ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.

< Əzakiyal 23 >