< Əzakiyal 18 >

1 Wǝ Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 «Israil zemini toƣruluⱪ silǝr: «Atilar aqqiⱪ-qüqük üzümlǝrni yesǝ, balilarning qixi ⱪeriⱪ sezilidu» degǝn muxu maⱪalni ixlitidiƣan kixilǝr zadi nemǝ demǝkqisilǝr?
«ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق سىلەر: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر زادى نېمە دېمەكچىسىلەر؟
3 Mǝn ⱨayatim bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar, silǝr Israil iqidǝ muxu maⱪalni ⱪaytidin ixlǝtmǝysilǝr.
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، سىلەر ئىسرائىل ئىچىدە مۇشۇ ماقالنى قايتىدىن ئىشلەتمەيسىلەر.
4 Mana, barliⱪ janlar Meningkidur; atining jeni Meningkidǝk, balining jenimu Meningkidur; gunaⱨ sadir ⱪilƣuqi jan igisi bolsa, u ɵlidu.
مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ.
5 Birsi ⱨǝⱪⱪaniy bolsa, adilliⱪ wǝ adalǝt yürgüzidiƣan bolsa,
بىرسى ھەققانىي بولسا، ئادىللىق ۋە ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا،
6 — u nǝ taƣlar üstidǝ butⱪa atalƣan taamni yemigǝn, nǝ Israil jǝmǝtidiki butlarƣa bax kɵtürüp ulardin tilimigǝn, nǝ ⱪoxnisining ayalini ⱨeq buzmiƣan, nǝ ay kɵrgǝndǝ ayalƣa yeⱪin kǝlmigǝn
ــ ئۇ نە تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، نە ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، نە قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ھېچ بۇزمىغان، نە ئاي كۆرگەندە ئايالغا يېقىن كەلمىگەن
7 nǝ ⱨeqbirigǝ zulum-zumbuluⱪ ixlǝtmigǝn, bǝlki ⱪǝrzdardin kapalǝt alƣanni ⱪayturidiƣan, bulangqiliⱪ ⱪilmiƣan, ɵz nenini aq ⱪalƣanlarƣa tǝⱪsim ⱪilip bǝrgǝn, yeling-yalingaqⱪa kiyim kiygüzgǝn;
نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛
8 pulni ɵsümgǝ bǝrmǝydiƣan, jazanǝ almaydiƣan, bǝlki ⱪolini ⱪǝbiⱨliktin tartip, ikki adǝm arisida durus ⱨɵküm qiⱪiridiƣan;
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛
9 Mening bǝlgilimilirimdǝ mangidiƣan, baxⱪilarƣa adil muamilǝ ⱪilix üqün ⱨɵkümlirimni tutidiƣan bolsa — mana muxu kixi ⱨǝⱪⱪaniy, u jǝzmǝn ⱨayat bolidu, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈملىرىمنى تۇتىدىغان بولسا ــ مانا مۇشۇ كىشى ھەققانىي، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
10 Əgǝrdǝ ɵz puxti bolƣan, zorawanliⱪ ⱪilƣuqi, ⱪan tɵkküqi bolƣan, xundaⱪ yamanliⱪlarning birini ɵz ⱪerindixiƣa ⱪilƣan, ⱨǝmdǝ yuⱪiriⱪi yahxiliⱪning ⱨeqⱪaysisini ⱪilmiƣan, bir oƣli bolsa, — yǝni taƣlar üstidǝ butⱪa atalƣan taamni yegǝn, ⱪoxnisining ayalini buzƣan,
ئەگەردە ئۆز پۇشتى بولغان، زوراۋانلىق قىلغۇچى، قان تۆككۈچى بولغان، شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا، ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزغان،
12 ajiz-namratlarƣa zulum-zumbuluⱪ ixlǝtkǝn, bulangqiliⱪ ⱪilƣan, ⱪǝrzdardin kapalǝt alƣanni ⱪayturmiƣan, butlarƣa bax kɵtürüp ulardin tiligǝn, yirginqlik ixlarni ⱪilƣan,
ئاجىز-نامراتلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، بۇلاڭچىلىق قىلغان، قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرمىغان، بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىگەن، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان،
13 pulni ɵsümgǝ bǝrgǝn, jazanǝ alƣan bir oƣli bolsa — ǝmdi u ⱨayat ⱪalamdu? U ⱨayat ⱪalmaydu; u muxundaⱪ yirginqlik ⱪilmixlarni ⱪilƣini üqün u jǝzmǝn ɵlidu; uning ɵz ⱪeni ɵz bexi üstigǝ qüxidu.
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرگەن، جازانە ئالغان بىر ئوغلى بولسا ــ ئەمدى ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇ ھايات قالمايدۇ؛ ئۇ مۇشۇنداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن ئۆلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە چۈشىدۇ.
14 Biraⱪ mana, muxu kiximu bir oƣul tapsa, u atisining sadir ⱪilƣan barliⱪ gunaⱨlirini kɵrgǝn bolsimu, ⱨǝm kɵrgini bilǝn xundaⱪ ⱪilmisa
بىراق مانا، مۇشۇ كىشىمۇ بىر ئوغۇل تاپسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەم كۆرگىنى بىلەن شۇنداق قىلمىسا
15 — yǝni taƣlar üstidǝ butⱪa atalƣan taamni yemigǝn, Israil jǝmǝtidiki butlarƣa bax kɵtürüp ulardin tilimigǝn, ⱪoxnisining ayalini buzmiƣan,
ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزمىغان،
16 ⱨeqbirigǝ zulum-zumbuluⱪ ixlǝtmigǝn, ⱪǝrzdardin kapalǝt elixni ⱨeq ɵzigǝ tutmiƣan, bulangqiliⱪ ⱪilmiƣan, ɵz nenini aq ⱪalƣanlarƣa tǝⱪsim ⱪilip bǝrgǝn, yeling-yalingaqⱪa kiyim kiygüzgǝn,
ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن،
17 ɵz ⱪolini ⱪǝbiⱨliktin tartidiƣan, pulni ɵsümgǝ bǝrmigǝn, ɵsüm-jazanǝ almiƣan, bǝlki Mening ⱨɵkümlirimgǝ ǝmǝl ⱪilidiƣan, bǝlgilimilirimdǝ mangidiƣan bolsa — u ɵz atisining ⱪǝbiⱨliki tüpǝylidin ɵlmǝydu, u jǝzmǝn ⱨayat bolidu.
ئۆز قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىدىغان، پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمىگەن، ئۆسۈم-جازانە ئالمىغان، بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان بولسا ــ ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلمەيدۇ، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ.
18 Uning atisi bolsa, zulum-zumbuluⱪ ixlǝtkǝn, ɵz ⱪerindixiƣa bulangqiliⱪ ⱪilƣan, ɵz hǝlⱪi arisida natoƣra ixlarni ⱪilƣanliⱪi tüpǝylidin, mana u ɵz ⱪǝbiⱨliki iqidǝ ɵlidu.
ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا، زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، ئۆز قېرىندىشىغا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ناتوغرا ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، مانا ئۇ ئۆز قەبىھلىكى ئىچىدە ئۆلىدۇ.
19 Silǝr: «Nemixⱪa oƣul atisining ⱪǝbiⱨlikining jazasini kɵtürmǝydu?» dǝp soraysilǝr; biraⱪ oƣul adilliⱪ ⱨǝm adalǝtni yürgüzgǝn, Mening barliⱪ bǝlgilimilirimni tutup ularƣa ǝmǝl ⱪilƣan; u jǝzmǝn ⱨayat bolidu;
سىلەر: «نېمىشقا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؟» دەپ سورايسىلەر؛ بىراق ئوغۇل ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزگەن، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغان؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ؛
20 gunaⱨ sadir ⱪilƣuqi jan igisi ɵlidu. Oƣul atisining ⱪǝbiⱨlikining jazasini kɵtürmǝydu, wǝ yaki ata oƣlining ⱪǝbiⱨlikining jazasini kɵtürmǝydu; ⱨǝⱪⱪaniy kixining ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi ɵz üstidǝ turidu, rǝzil kixining rǝzilliki ɵz üstidǝ turidu;
گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛
21 wǝ rǝzil kixi barliⱪ sadir ⱪilƣan gunaⱨliridin yenip towa ⱪilip, Mening barliⱪ bǝlgilimilirimni tutup, adilliⱪ ⱨǝm adalǝtni yürgüzidiƣan bolsa, u jǝzmǝn ⱨayat bolidu, u ɵlmǝydu.
ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.
22 Uning sadir ⱪilƣan barliⱪ itaǝtsizlikliri uning ⱨesabiƣa ǝslǝnmǝydu; u ⱪilƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi bilǝn ⱨayat bolidu.
ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ.
23 Mǝn rǝzil adǝmning ɵlümidin ⱨuzur alamdimǝn? — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar. Əksiqǝ, mǝndiki ⱨuzur uning ɵz yolidin yenip towa ⱪilƣanlilⱪidin ǝmǝsmu?
مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟
24 Ⱨǝⱪⱪaniy kixi ɵz ⱨǝⱪⱪaniyliⱪidin yenip, ⱪǝbiⱨlik ⱪilƣan, rǝzil adǝmlǝrning yirginqlik ⱪilmixliri boyiqǝ ix ⱪilƣan bolsa, u ⱨayat ⱪalamdu? Uning ⱪilƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪliridin ⱨeqⱪaysisi ǝslǝnmǝydu; ɵtküzgǝn asiyliⱪi, sadir ⱪilƣan gunaⱨ iqidǝ, u ɵlidu.
ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ.
25 Əmma silǝr: «Rǝbning yoli adil ǝmǝs» dǝysilǝr; ǝmdi, i Israil jǝmǝti, anglanglar; Mening yolum adil ǝmǝsmu? Silǝrning yolliringlar adilsizlik ǝmǝsmu?
ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟
26 Ⱨǝⱪⱪaniy kixi ⱨǝⱪⱪaniyliⱪidin yenip, ⱪǝbiⱨlikni ɵtküzgǝn bolsa, u ɵlidu; ɵtküzgǝn ⱪǝbiⱨliki bilǝn u ɵlidu.
ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ.
27 Ⱨǝm rǝzil adǝm ɵtküzgǝn rǝzillikidin yenip towa ⱪilip, adilliⱪ ⱨǝm adalǝt yürgüzidiƣan bolsa, u ɵz jenini ⱨayat saⱪlaydu.
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ.
28 Qünki u oylinip, barliⱪ ɵtküzgǝn itaǝtsizlikliridin yandi; u jǝzmǝn ⱨayat bolidu, u ɵlmǝydu.
چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.
29 Lekin Israil jǝmǝti «Rǝbning yoli adil ǝmǝs» dǝydu; i Israil jǝmǝti, Mening yollirim adil ǝmǝsmu? Adil bolmiƣini silǝrning yolliringlar ǝmǝsmu?
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟
30 Xunga Mǝn üstünglarƣa, yǝni ⱨǝrbiringlarni ɵz yolliringlar boyiqǝ ⱨɵküm qiⱪirip jazalaymǝn, i Israil jǝmǝti, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar. Ⱪaytip yenimƣa kelinglar, barliⱪ itaǝtsizlikliringlardin yenip towa ⱪilinglar; xuning bilǝn ⱪǝbiⱨlik silǝrgǝ ⱪiltaⱪ bolmaydu.
شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ.
31 Ɵzünglardin barliⱪ ɵtküzgǝn itaǝtsizlikliringlarni taxliwetinglar, ɵzünglarƣa yengi ⱪǝlb wǝ yengi roⱨni tiklǝnglar; nemixⱪa ɵlmǝkqisilǝr, i Israil jǝmǝti?
ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟
32 Qünki ɵlidiƣan kixining ɵlümidin manga ⱨuzur yoⱪtur, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar; xunga yolunglardin yenip towa ⱪilip ⱨayat bolunglar!».
چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!».

< Əzakiyal 18 >