< Misirdin qiⱪix 1 >

1 Wǝ tɵwǝndikilǝr Israil [bilǝn billǝ] Misirƣa barƣan oƣullirining isimliri (ular ⱨǝrⱪaysisi ɵz bala-qaⱪilirini elip, Yaⱪup bilǝn billǝ Misirƣa barƣanidi): —
ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل [بىلەن بىللە] مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ
2 Rubǝn, Ximeon, Lawiy, Yǝⱨuda,
رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا،
3 Issakar, Zǝbulun, Binyamin,
ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن،
4 Dan, Naftali, Gad wǝ Axir.
دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر.
5 Əmdi Yaⱪupning puxtidin bolƣanlar jǝmiy bolup yǝtmix adǝm idi. Bu waⱪitta Yüsüp Misirda idi.
ئەمدى ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى.
6 Keyin Yüsüp, uning barliⱪ ⱪerindaxliri ⱨǝmdǝ barliⱪ zamandaxliri ɵlüp tügidi.
كېيىن يۈسۈپ، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى.
7 Xundaⱪtimu, Israillar kɵp tuƣulup, tez awup, intayin küqǝydi; ular zeminƣa bir kǝldi.
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىللار كۆپ تۇغۇلۇپ، تېز ئاۋۇپ، ئىنتايىن كۈچەيدى؛ ئۇلار زېمىنغا بىر كەلدى.
8 U waⱪitlarda Yüsüpni bilmǝydiƣan yengi bir padixaⱨ Misirda tǝhtkǝ qiⱪti.
ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى.
9 U hǝlⱪigǝ: Mana, Israillarning hǝlⱪi bizdin ziyadǝ awup ⱨǝmdǝ bizdinmu küqlinip kǝtti.
ئۇ خەلقىگە: مانا، ئىسرائىللارنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە ئاۋۇپ ھەمدە بىزدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتتى.
10 Əmdi biz ularƣa nisbǝtǝn aⱪilanǝ ix tutayli; bolmisa, ular tehimu awup ketidu, mubada urux partlap ⱪalsa, xundaⱪ boliduki, ular düxmǝnlirimiz tǝrǝpkǝ ɵtüp, bizgǝ ⱨujum ⱪilip, yurttin qiⱪip ketixi mumkin, — dedi.
ئەمدى بىز ئۇلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى؛ بولمىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، مۇبادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىز تەرەپكە ئۆتۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.
11 Xuning bilǝn ular ularni ⱪattiⱪ ǝmgǝklǝr bilǝn harlax üqün ix baxlirini tǝyinlǝp nazarǝtqilikkǝ ⱪoydi. Xuning bilǝn Israillar Pirǝwn üqün Pitom bilǝn Raamsǝs degǝn maddiy ǝxya saⱪlaydiƣan xǝⱨǝrlǝrni yasap bǝrdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇلارنى قاتتىق ئەمگەكلەر بىلەن خارلاش ئۈچۈن ئىش باشلىرىنى تەيىنلەپ نازارەتچىلىككە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پىرەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رائامسەس دېگەن ماددىي ئەشيا ساقلايدىغان شەھەرلەرنى ياساپ بەردى.
12 Lekin ularni [ⱪanqǝ] ǝzgǝnseri, bular xunqǝ kɵpiyip ⱨǝmmǝ yǝrni ⱪaplidi; buning bilǝn misirliⱪlar Israillarƣa ɵq bolup kǝtti.
لېكىن ئۇلارنى [قانچە] ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى.
13 Xuning bilǝn misirliⱪlar Israillarƣa zulum ⱪilip, ularni tehimu ⱪattiⱪ ixlitip eƣir ixlarƣa saldi.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى.
14 Misirliⱪlar ularni layqiliⱪ, hix-kesǝk ⱪuyux wǝ etizlarning ⱨǝrhil ǝmgǝklirigǝ selip, ixning ⱪattiⱪliⱪi bilǝn ularning turmuxiƣa ⱪattiⱪ eƣirqiliⱪ saldi; ularni nemǝ ǝmgǝkkǝ salmisun, intayin japaliⱪ idi.
مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، خىش-كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىزلارنىڭ ھەرخىل ئەمگەكلىرىگە سېلىپ، ئىشنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق ئېغىرچىلىق سالدى؛ ئۇلارنى نېمە ئەمگەككە سالمىسۇن، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى.
15 Misir padixaⱨi ikki ibraniy tuƣut anisiƣa sɵz ⱪilip (ularning birining ismi Xifraⱨ, yǝnǝ birining ismi Puaⱨ idi):
مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى):
16 — silǝr ⱪaqanliki ibraniy hotunlarni tuƣdursanglar, tuƣⱪanda obdan ⱪaranglar; bowaⱪ oƣul bolsa, ɵltürüwetinglar; ⱪiz bolsa, tirik ⱪoyunglar, — dedi.
ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى.
17 Lekin tuƣut aniliri Hudadin ⱪorⱪup, Misirning padixaⱨi ularƣa eytⱪandǝk ⱪilmay, bǝlki oƣul bowaⱪlarni tirik ⱪoydi.
لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى ئوغۇل بوۋاقلارنى تىرىك قويدى.
18 Xunga Misirning padixaⱨi tuƣut anilirini qaⱪirtip ulardin: — Bu nemǝ ⱪilƣininglar?! Oƣul balilarni nemixⱪa tirik ⱪoydunglar? — dǝp soridi.
شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
19 Tuƣut aniliri Pirǝwngǝ jawab berip: — Ibraniy ayallar misirliⱪ ayallarƣa ohximaydu. Ular küqlük, saƣlam-timǝn bolƣini üqün tuƣut aniliri ularning ⱪexiƣa yetip barƣuqǝ, ɵzliri tuƣup bolidu, — dedi.
تۇغۇت ئانىلىرى پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك، ساغلام-تىمەن بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇت ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، ــ دېدى.
20 Nǝtijidǝ, Huda tuƣut aniliriƣa iltipat kɵrsǝtti; Israil hǝlⱪi dawamliⱪ kɵpiyip, tehimu küqǝydi.
نەتىجىدە، خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئىسرائىل خەلقى داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى.
21 Xundaⱪ boldiki, tuƣut aniliri Hudadin ⱪorⱪidiƣan ihlasmǝn bolƣanliⱪi üqün Huda ularni aililik boluxⱪa muyǝssǝr ⱪildi.
شۇنداق بولدىكى، تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقىدىغان ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئائىلىلىك بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى.
22 Buning bilǝn Pirǝwn barliⱪ puhraliriƣa: — Israillardin yengi tuƣulƣan oƣul balilarning ⱨǝmmisini dǝryaƣa taxlanglar, lekin ⱪiz balilarning ⱨǝmmisini tirik ⱪaldurunglar, dǝp ǝmr ⱪildi.
بۇنىڭ بىلەن پىرەۋن بارلىق پۇخرالىرىغا: ــ ئىسرائىللاردىن يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاڭلار، لېكىن قىز بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار، دەپ ئەمر قىلدى.

< Misirdin qiⱪix 1 >